- تىزىملاتقان
- 2012-12-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 39
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
19.5%
|
قىز پەرزەنتى بولغان دادىلار ئۆزىنىڭ كۆز نۇرىدىن ئەزىز بىلىدىغان قىزىنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى تۇرمۇشلۇق بولغىچە يۈرىكى قىزى ئۈستىدە تىترەيدۇ. ئانىلارغا ئوخشاش ھەر زامان ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇشقا ئىمكانى بولمىسىمۇ، يۈركىدىكى سۆيگۈ قىزىنىڭ ئەتراپىدىن ھەر زامان ئايرىلمايدۇ. كېلەچەكتە كۆيۈپ- پىشىپ ، غېمىنى يەپ چوڭ قىلغان بۇ قىزىنىڭ تۇرمۇشتا بەختسىز بولۇپ قېلىشىدىن بولسا شۇنچىلىك ئەندىشە قىلىدۇ. تۇرمۇش قۇرۇش يېشىغا يەتكەندە بولسا بۇ تېخىمۇ كۆپ ئويلىنىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. قىزىمنى قانداقراق بىرىگە بېرەرمەن؟
ئەلۋەتتە دىنىنى بىلگەن ياشىغان ۋە ئاتىلار بولسا تەقۋالىقىنىڭ دەرىجىسى بويىچە ياخشى لايىق تاللاش يولىنى بىلىدۇ. بىراق ھەر ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىقىلى بولمىغىنىدەك، كۆيئوغلىنىڭ تۇرمۇشتىن كېيىنكى ھاياتىدا قىزى بىلەن قانداق ياشايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. بىز بۇ يەردە شۇ مېھرىبان ئاتىلارغا مەنىۋى ياردەمدە بولىدىغان بەزى مەزمونلارنى سۇنماقچىمىز.
قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ھەممىدىن بۇرۇن كۆيئوغۇل بولغۇچىنىڭ ئەتىراپىنى، ياخشى تونۇشى، ئۇنىڭ ئەخلاقى، تەبىئىتى، سالامەتلىكى ۋە قىلىدىغان ئىشىنى ياخشى بىلىشى ، بىلمىسە سۈرۈشتۈرۈشى لازىم. سۈرۈشتۈرۈلگەن تەرەپ ھەرگىزمۇ بۇنى غۇرۇرىغا ئېلىپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، تۇرمۇش قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆي ئىچى ھۇزۇرلۇق بولۇش ھەر ئىنساننىڭ تەلىپىدۇر. شۈبھىسىزكى بەخت- سائادەت ، ياخشى ئۆتۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بىر- بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، ياقتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن تەلەپ قىلىدىغان بەزى خۇسۇسلىرى بولغىنىدەك ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغان خۇسۇسلىرى بولۇشىنى توغرا چۈشۈنىش كېرەك.
ئەخلاقى ناچار، دىنى ھاياتى ئاجىز. ئائىلىدىكى پېرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلمايدىغان بىرىگە قىزلارنى بەرمەسلىك كېرەك. مەيلى تەلەپ قىلغان تەرەپ قانچىلىك دەرىجىدە قاتتىق تۇرۇۋالسىمۇ ۋە ياكى ئوتتۇردا ماڭغانلارغا قانچىلىك يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش بولسىمۇ.
قىزىنى قىزىنىڭ ياكى ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ بېسىمى ، زورى بىلەن زالىم، فاسىق، بىدەت ئەھلى، چوڭ گۇناھلاردىن چېكىنمەيدىغان ، دىندىن تەربىيە ئالمىغان، ئەخلاقسىز بىرىگە بەرگەندە ، ھەم دىن تەرەپتىن ھەم ئەۋلادىنىڭ بەخت سائىدىتىدىن ئىنتايىن چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەخلاقى ناچار بىرىنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ.
بىر ئادەم ھەسەن بەسرى ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى ئۇستاز! قىزىمنى نۇرغۇن ئادەملەر سوراپ كېلىۋاتىدۇ. كىمگە بېرەي؟ دەپ سورىغاندا ھەسەن بەسرى ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) : سەن قىزىڭنى ئەخلاقى گۈزەل ، ئاللاھتىن قورقىدىغان بىرىگە بەرگىن، چۈنكى، بۇنداق بىرى ئەگەر قىزىڭنى ياخشى كۆرسە ئۇنىڭغا ئىنتايىن ياخشى قارايدۇ. ھەر دائىم ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ، قىزىڭغا ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايدۇ. ھەقسىزلىق قىلمايدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنداق، تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان بىرى ، مال، نەسەپ، گۈزەللىك، نامە- ئابرويلۇق بىرىنى ئەمەس بەلكى، تەقۋا ئىگىسى بولغان بىرىنى تاللىشى كېرەكتۇر. ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، پۇل، ۋە تاشقى گۈزەللىك بەختلىك بولۇشنىڭ ئامىلى ئەمەس. شۇنداقلا ، تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان بىرى ئۈچۈن پەقەتلا گۈزەللىك ۋە بايلىق بەخت ئېلىپ كېلىدىغان نەرسە ئەمەستۇر. ھەتتا بۇلار كۆپىنچە ۋاقىتتا ئائىلە ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىشنىڭ ئورنىغا پالاكەت ئىلىپ كېلىدۇ.
تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئەر ۋە ئاياللار قارشى تەرەپنىڭ تەقۋاسىنى تاللاش نوقتۇسى قىلىشى كېرەكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رەسۇلى تۇرمۇش قۇرۇش يېشىغا يەتكەن ياشلارغا بەختلىك بولۇشلىرى ئۈچۈن، دىندار، ئەقىللىق ۋە ئۇيغۇن بىرىلىنى تاللاشقا تەۋسىيە قىلغان. بەزى ۋاقىتلاردا گۈزەللىكنىڭ ، بايلىقنىڭ ۋە نەسەپنىڭ ئاپەت سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئەقىللىق، دۇرۇست، توغرا سۆزلۈك، تەقۋا، تەربىيى كۆرگەن، خوش مىجەز بىر ئەر ، قانچىلىك دەرىجىدە يوقسۇل بولسىمۇ ھېچقانداق زىيان يوقتۇر. ئىنسان قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە پېقىرلىقىغا بىر چارە تاپالىشى مۆمكىن. بىراق، ئەخلاق پېقىرلىقىغا چارە تېپىش، ئۇيغۇن بىرى ھالىغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەستۇر.
بۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىس شەرىپتە، ئەقىللىق ۋە ئەخلاقلىق بىر ئەركىشىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشنىڭ جەمىئەت ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغاندۇر. يەنە بىر ھەدىستە : ئايال كىشى ، مېلى، گۈزەللىكى، ئېسىل نەسەب ۋە دىندارلىقى ئۈچۈن نىكاھ قىلىنىدۇ. سەن دىندار بولغاننى تاللىغىنكى، قولۇڭ تۇپراققا مىلەنسۇن( يەنى قولۇڭ بەرىكەتلەنسۇن)، دېيىلگەن . ھەدىستە ئەرلەرگە دىندار ئايالنى تاللاش تەۋسىيەسى بېرىلىش بىلەن بىرگە ئوخشاش تەۋسىيەنىڭ ئاياللارغىمۇ بېرىلگەنلىكى ئېنىقتۇر.
ئەگەر سىز قىزىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان، دىندار بىر دادا بولسىڭىز قىزىڭىزنى بېرىدىغان ئادەمنى تاللاشنى يۇقىردىكى شەرتلەر بىلەن تاللاشنى ياخشى بىلىۋالغان بىرىدۇرسىز.
دوست- ئاغىنىدارچىلىق، تۇغقانچلىق، ھەمشەھەرچىلىك كۆزىڭىزنى پەردىلەپ قويمىسۇن.
مۇنەۋۋر ئۆزئۇيغۇر يازمىللىرى
|
|