بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-17 23:32
سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش تورى سۇرىيەدىكى تۈرمىلەردە ئىسكەنجە سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېڭى ستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى
سۇرىيەدە 2300 كىشى تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى
سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش تورى 15-ئاپرېل خەۋىرى؛ سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش تورى سۇرىيەدىكى تۈرمىلەردە ئىسكەنجە سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېڭى ستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى. سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تورى يېڭى ستاتىستىكىدا، بۇ يىل مارت ئېيىغا قەدەر سۇرىيە تۈرمىلىرىدە ئىسكەنجە ئاستىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى، ئىنقىلاب باشلانغاندىن ئالدىمىزدىكى مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئارىسىدا 80 بالا، 25 ئايال بار بولغان جەمئىي 2300 سۇرىيەلىك سۇرىيە تۈرمىلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. مەزكۇر تور تۈرمىدىكى ئىسكەنجە ئۇسۇللىرى ۋە ئەھۋاللىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى تارقاتقان.
سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تورى ئېلان قىلغان يېڭى ستاتىستىكىدا، 2300 سۇرىيەلىكنىڭ ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈرمىلەر ئىچىدە ئىسكەنجە سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى، بۇنىڭ قاتارىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. تۈرمىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا 80 بالا، 25 ئايال، 51 دانە يېشى 60 تىن ئاشقان ئەر ۋە تۈرمىلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ %5 نىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان 107 نەپەر قوراللىق ئۆكتىچىلەردىن ئىبارەت 2300 كىشىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان.
تور بەتتە ئېلان قىلىنغان تۈرمىدىكى قىيناش تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، كىچىك تۇڭ ۋە ساندۇقلارغا سولاش، توك ئۆتكۈزۈش، تىرناقلارنى يۇلۇش، بەدەنلىرىنى زەخمىلەندۈرۈش، ئۆزلىرىنىڭ يېقىن ھەمراھلىرىنىڭ قىينالغان ھالىتىنى كۆرسىتىش قاتارلىقلار بار ئىكەن. مەزكۇر تور بەتتە بىر قىسىم ئەركىن سۇرىيە ئارمىيسى ئەسكەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى تۇتۇپ قىينىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار كەلگەن بولۇپ، ئەمما بۇ سېستىمىلىق ئومۇمى كەڭ دائىردە بولماستىن بەلكى ئىنتايىن ئاز ساندا بىر-ئىككى شەخسىي ھالەتتە بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
|