قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بىرەرسى ئىسپاتلىغانمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 13:42:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shiker يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 13:35
10 يىللاپ غەلۋە قىلىپ ، ئىلىم ئەھلىلىرىگە قارا سۇۋاپ ، ت ...

سەن زادى كىم،كىم سەندىن پۇل تېلەپ ئالدىغا بىرىپتۇ،شۇ قولۇڭنى نىمە دەپ باشقىلارغا شىلتىغىدەكسەن،ئېينىشتېيىننىڭ گىراۋىتۇن،تارتىش كۈچى دۇلقۇنى تىپىلمايۋاتقىنىغا 100يىل بولاي دىدى،ئۇنىڭغا نىمەڭنى شىلتىيسەن.تېما ھەققىدە گىپىڭ بولسا قىل،بولمىسا يوقال،بىكار پۇشايمان قىلىپمۇ ئۇلگۇرەلمەيسەن!.ئىشەنمىسەڭ سىناپ باق!.

0

تېما

0

دوست

183

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17785
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 13:44:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shiker تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 13:45  

شاكال نەزىريىسى ھەققىدىكى مۇلاھىزە دەپ ئۈرۈمچى تىلۋىزىيە ئىستانىسىدىن بىر پىروگىرامما ئىشلىگەندە شۇ پىروگىراممىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىجتىمائى پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساختىپەز گاچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ راسا كۈلگەنتىم ، شۇ ئۇشنى ھازىرمۇ ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن . ھېلىقى گاچىلارنىڭ تەبىئي پەنگە ئارلىشىپ كەسىپ ئەھلىنى دوراپ گەپ قىلىپ كېتىشلىرىنى ئويلىسام غىدىقىم كىلىپ كېتىدۇ . يالقۇن روزى دىگەن زاتورۇشكىمۇ سەھنىگە چىقىۋېلىپ تەبىئي پەنگە ئارلىشىپ ۋائىزلىق قىلىپ يۈردى تېخى .... يا سىزگە ئىئانە يىغىپ بولالمىدىڭلار .  

نوبىل كومتىتىغا خەت يېزىپ باقسام نوبىل بىچارلىق مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ سىزگە بەرسۇنمىكى بۇ يىل . شۇنىڭ بىلەن مەشھۇرشۇناسلىق خۇمارىڭىزغا قېنىپ ، ئاغزىڭىز يۇمۇلسا ئەجەپ ئەمەس .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

183

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17785
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 13:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەنمىسەڭ سىناپ باق!.

بۇ گەپنى مەن بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن . قارىغاندا تور باشقۇرۇش ئىدارىسىغا گەپ يەتكۈزۈپ يۈرۈپ خېلى يول تېپىپ قالغان ئوخشىمامسىز ؟ بەك ئىشەنچىلىك گەپ قىلىسىزغۇ ؟ تۇفىي ، ھەممىسى ئوسۇرۇققا ھىساپ

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 13:51:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mobul يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 13:30
نىسپلىك پىرىنسىپى(كەڭ ۋە تار مەنىدىكى ئىككى قىسىم) ئال ...

ئ.ەپەندىم،فىزىكا ئاياقلىشىپ بولدىمۇ؟!.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 13:53:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shiker يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 13:44
شاكال نەزىريىسى ھەققىدىكى مۇلاھىزە دەپ ئۈرۈمچى تىلۋىز ...

كىمنىڭ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى ھەممەيلەن كۇرىۋاتىدۇ،ھازىر!.4-دوختۇرخانىدىن قاچان قېچىپ چىقتىڭ؟!!!.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 14:01:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 14:06  
mobul يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 13:30
نىسپلىك پىرىنسىپى(كەڭ ۋە تار مەنىدىكى ئىككى قىسىم) ئال ...

ئەپەندىم،سىز تېخىچە مېكلىسۇن -مورلى تەجىرىبىسىدىن كىيىن ئېينىشتېيىن ئېفىردىن ۋاز كەچكەن دىگەن گەپلەرنى يادىلاپ يۇرەمسىز،ئۇقۇغۇچىلىرىڭىزنى بۇنداق ئالدىماڭ،سەت تۇرىدۇ،ھەقىقى ئەھۋال مانا!:
ئېينىشتېيىن ئېفىرنى "پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان"مۇ؟

قاسىم سىدىق


1

بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتىرىدىكى نۇرغۇن ماتىرياللاردا، ئالبىرىت ئېينىشتېيىن ئېفىر ئەرۋاھىنى ئۇزۇل- كىسىل گۆرگە تىقتى، "پۇتۇنلەي ئىنكار قىلدى (1)" ۋەھاكازا دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپلەپ ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. نەتىجىدە "ئېينىشتېيىن ئېفىرنى پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان" دىگەن چۇشەنچە ئۇبدانلا ئومۇملاشقان چۇشەنچە بولۇپ قالدى. ھالبۇكى، ھىچقاچان "ئېينىشتېيىن ئېفىرنى مۇقەررەر مەۋجۇت ئەمەس دەپ پەرەز قىلمىغان(2)" بولۇپ، پاكىتلار يۇقۇرىدىكىدەك ھۆكۇملەر بىلەن ئەسلا سىغىشمايدۇ.

ئېينىشتېيىن ئۆزىنىڭ "ھەركەتتىكى جىسىملارنىڭ ئېلىكتىر دىنامىكىسى ھەققىدە(3)" ناملىق دەۋر بۆلگۈچ ئەسىرىدە نىسبىلىك پىرىنسىپى بىلەن يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن ئىبارەت "ئىككى ماتىماتىكىلىق پەرەز"گە تايىنىپ ئېفىر ھەققىدە شۇنداق يازىدۇ:
ماكسىۋىل نەزىريىسىگە تايىنىپ،"بۇ ئىككى ماتىماتىكىلىق پەرەزگە ئاساسەن ھەركەتتىكى جىسىملارنىڭ ئاددى ۋە زىدىيەتلىك بولمىغان ئېلىكتىر دىنامىكىسىنى قولغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ. "يورۇقلۇق ئېفىرى"نىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىگى ئىسپاتلاندى. چۇنكى، بۇ يەردە شەرھىلەنگەن كۆز قاراشلارغا ئاساسلانغاندا ئالاھىدە خۇسۇسيەتكە ئېگە بولغان"مۇتلەق تىنچ بوشلۇق"نى كىرگۇزۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇنداقلا، ئېلىكتىر ماگىنىت جەريانلىرى يۈز بېرىدىغان ھەقىقى بوشلۇقنىڭ ھەربىر نوقتىسى ئۈچۈن بىر تېزلىك ۋىكتۇرى بەلگۇلەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق(4)".
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ يەردە ئاللىقانداقتۇر ئېفىرنى پۇتۇنلەي يوق دىيىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت مەسىلىنى ئېفىرنىڭ ئىشتىراكىسىزمۇ ھەل قىلىش مۈمكىنلىگى ئوتتۇرىغا قويولغان.

ئېينىشتېيىن تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىريىسىدە ئېفىرنى "تاشلىۋەتتى" دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئېينىشتېيىن ئېفىرنى ئۇزۇل –كېسىل يوقاتتى دېگىلى ھەرگىز بولمايدۇ. چۇنكى، ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىريىسىدە ئېفىرنى قايتا ئېلىپ كىرىدۇ:
"تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىريىسى نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئېفىر پەرىزى ئىشلىتىش قىممىتى يوق پەرەز... بىراق، باشقا بىر نوقتىدىن ئېفىر پەرىزىگە پايدىلىق بولغان ئاساسلارنى ئوتتۇرىغا قويوش مۇمكىن. ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلىكىنى ئىنكار قىلىش ئاقىۋەت ھەقىقى بوشلۇقنىڭ ھېچقانداق فىزىكىلىق خۇسۇسيەتكە ئېگە ئەمەسلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ، بۇخىل قاراش مىخانىكىنىڭ تۈپ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس(5)"
ئېينىشتېيىن ئېفىرنى ئۇزۇل – كىسىل ئىنكار قىلىش بۇياقتا تۇرسۇن دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە ئۇنى ئۇزۇل – كىسىل مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ:
"كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا بوشلۇققا ئاللىقاچان فىزىكىلىق خاراكتىر بېرىلگەن بولىدۇ...ئېفىر بولمىغان بىرخىل بوشلۇقنى تەسەۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق بوشلۇقتا يورۇقلۇق تارقىلالمايلا قالماي، بەلكى،ئۇنىڭدا ئۆلچىگۇچ ۋە سائەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس(6)".
ئېينىشتېيىن نەزىرىدە مەيدان، بوشلۇق ۋە ئېفىر قاتارلىقلار ھەرگىز ئايرىم – ئايرىم نەرسە ئەمەس:
"لورنتىسنىڭ ئىختىراسى تۈپەيلى بۇگۇن شۇنداق ئېيتىش مۈمكىنكى، فىزىكىلىق بوشلۇق ۋە ئېفىر بىرلا خىل نەرسىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بولۇپلا قالماي، مەيدان بوشلۇقىنىڭ فىزىكىلىق ھالىتىدۇر(7)".
ئېينىشتېيىن ئېفىرنى تاشلىۋىتىش بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا، ئونىڭ خۇسۇسىيەت، فۇنكىتسىيىلىرىنى تەسۋىرلەپ ئۆتىدۇ. "كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىنىڭ ئېفىرى شۇنداق بىر مۇھىتتىكى، ئۇنىڭ ئۆزىدە پۈتۈنلەي مىخانىكىلىق ۋە كىنېماتىكىلىق خۇسۇسىيەت يوق. بىراق، ئۇ مىخانىكىلىق ھادىسىلەرنى بەلگۇلەشكە قاتنىشىدۇ(8)".
تارمەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىمۇ ئېفىرنى ھىچقاچان ئىنكار قىلمىغان؛ "ئىنچىكە ۋە توغرا ھېساپلاشلار كۆرسەتتىكى، تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسى زادىلا ئېفىرنى جەزمەن ئىنكار قىلىشنى تەلەپ قىلغىنى يوق. ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ(9)".

دېمەك، يۇقۇرىقىلاردىن كۆرۈپ ئېلىشقا بولىدۇكى، نىسبىلىك نەزىرىيىسى ئېفىرنى ھىچقاچان "پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان" ئەمەس. مەيدان ئۇقۇمى تەدىرىجى ھالدا ئېفىر ئۇقۇمى، شۇنداقلا، بوشلۇق ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا دەسسەشكە باشلىدى دىيىشكە بولىدۇ. ئېينىشتېيىنچە ئېيىتساق، يۇقۇرىدا نامى زىكىر قىلىنغان بۇ ئۈچ نەرسە ماھىيەتتە بىرلا نەرسىدىن ئىبارەت.

2

مەشھۇر مېكلىسۇن – مورلى تەجىربىسى (1881-1887) ئاخىرقى قېتىم ئىشلەنگەن ۋاقىتتا ئېينىشتېيىن تېخى ئىككى ياشتا ئىدى. كۆپچىلىك نەزىرىدە ئېفىرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى دەپ قارالغان بۇ تەجرىبىدىن ئېينىشتېيىن ئۆزىنىڭ "ھەركەتتىكى جىسىملارنىڭ ئېلىكتىر دىنامىكىسى ھەققىدە" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان ۋاقىتتا تېخى خەۋەرسىز ئىدى؛ "مېنىڭ ئىدىيىۋى تەرەققىيات جەريانىمدا مېكلىسوننىڭ نەتىجىسى چوڭ تەسىر كۆرسەتكىنى يوق. مەن ھەتتا بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئىلمى ماقالەمنى يازغان ۋاقىتتا(1905-يىلى)زادى ئۇنى بىلەتتىممۇ ياكى بىلمەيىتتىممۇ؟(10)" "مەن مېكلىسۇننى ھامان ئىلىم – پەن ساھاسىدىكى سەنئەتكار ھىساپلايمەن... ئۇ، ئۆزىنى ھىچقاچان پەن ساھاسىدىكى تەلەپچان "مۇتەخەسىس"ھىسابلىغان ئەمەس. ئەمىليەتتىمۇ شۇنداق(11)".

بىز، يۇقۇرىدىكى بايانلاردىن ئېينىشتېيىن تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مېكسىلۇن- مورلې تەجرىبىسىنى ئەمەس، بەلكى، "يارقىن لوگىكىلىق ئىدىيە"نى ئاساس قىلغانلىقىنى (12)كۆرۈۋىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭ بۇ تەجرىبىگە تۇتقان پۇزىتسىيەسىنىمۇ كۆرۈپ ئالالايمىز. ئېينىشتېيىن گەرچە 1905-يىلى يۇقۇرىدىكى تەجرىبىدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان ئىدى(13). ئۇ، كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسى ۋە ئېفىرنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بايانلارنى يۇقۇرىدىكى تەجرىبىدىن خەۋەردار ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، ئېينىشتېيىن مېكلىسۇن – مورلې تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسىگە قانائەتلەنگەن ئەمەس. ئەگەر ئېينىشتېيىن بۇ تەجرىبە مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلدى دەپ قارىغان بولسا، كېيىن يەنە ئېفىرنى ئېلىپ كىرمىگەن بولاتتى. ئېينىشتېيىن مېكلسۇن – مورلې تەجرىبىسىگە باشتىن ئاخىر گۇمانلىق پۇزىتسىيە تۇتقان دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئامىرىكا كاسىسىېى سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزىكا فىروفىسسۇرى S. R. شانىگىلانىدنىڭ ئېينىشتېيىن بىلەن ئېلىپ بارغان تۆت پارچە سوھبەت خاتىرىسىنى(14) كۆرۇپ چىقىش مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە.

شانگىلانىد شۇنداق يازىدۇ: "مەن ئېنىشتېينگە ،مېكلسۇن كاسسېدا ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۆزىنىڭ پۇتىسدام تەجرىبىسىنى ھەرگىز ئېيىتمىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىنتىروفىرومېتىرنىڭ شەكلىنىمۇ سۆزلىمىگەن، دېۋىدىم، ئېينىشتېيىن: بۇنداق بولىشى ئىنتايىن تەبىئى، چۈنكى، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقوغۇچىلارغا بىلدۈردىغانلىرى پۈتۈنلەي مۇقۇملاشتۇرۇلغان پاكىتلار بولىشى كېرەك،دىدى(15)" ئېينىشتېيىننىڭ ئېفىر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىدىن قارىغاندا،دەرۋەقە، مېكلىسۇن تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسى تېخى "مۇقۇملاشتۇرۇلغان پاكىت" ئەمەس ئىدى. ئۇ، مېكلىسوننىڭ "سەنئەتكار"ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تەجرىبىسىنىڭ بەك "گۇزەل" ئىكەنلىكىنى قايتا- قايتا تىلغا ئالىدۇ. لېكىن، بۇ تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىگە سۆھبەت جەريانىدا باشتىن –ئاياق پۇزىتسىيە بىلدۈرمەيدۇ. يىغىپ ئېيىتقاندا، بىز يۇقۇرىقىلاردىن ئېينىشتېيىننىڭ ئېفىرنى ساقلاپ قالغانلىغى، مېكلىسۇن تەجرىبىسى بىلەن ئېينىشتېيىن ئىدىيىسى ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەت بەزى كىشىلەر ئېيتىپ يۈرگەندەك ئۇنچىۋالا زىچ باغلىنىشقا ۋە بىردەكلىككە ئېگە ئەمەسلىكىنى كۆرۇپ ئالالايمىز.


پايدىلىنغان مەنبەلەر :


(1) جاۋ باۋ جىڭ – "فارادې" – ئۇيغۇرچە نەشىرى – 54-بەت. N.B لېدنك – "مەيدان" – ئۇيغۇرچە نەشىرى- 178-بەت.

(2) (3) "ئىېنىشتېيىن ئەسەرلىرى" – سودا نەشىرىياتى 1977-يىل نەشىرى. 2-تۇم. 83-بەت. بو ماقالە ئەسلى 1905-يىلى 6-ئايدا يىزىلغان. 9-ئايدا "گىرمانىيە فىزىكا ژورنىلى"دا ئېلان قىلىنغان.
(4) يۇقۇرىدىكى كىتاپ 84-بەت.
(5) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 1-توم. 125-بەت.
(6) يۇقۇرىدىكى كىتاپ 1-توم. 128-بەت.
(7) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 261-بەت.
(8) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 126-127-بەتلەر.
(9) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 124-بەت.
(10) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 617-بەت.
(11) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 561-بەت.
(12) گېئورگى. گاموف – "فىزىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى" ئۇيغۇرچە نەشىرى. 297-بەت.

(13) "ئېينىشتېيىن ئەسەرلىرى" – 1-توم 489-بەت.
(14) يۇقۇرىدىكى كىتاپ 489،561،566،617-بەتلەر.

(15) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 563-بەت.


1990-يىل ئاۋغۇسىت.

5

تېما

0

دوست

1944

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16755
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 580
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 14:10:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىزىكا ئەلبەتتە توختاپ قالمايدۇ، مەنمۇ ئۇنداق دېمىدىم،پەقەت تېما ئىگىسى «نىسپڭلڭك نەزىريىسىنى كىم ئىسپاتلىغان؟»دەپتىكەن، شۇڭا قارىشىمنى دېدىم، سىزنىڭچە 3فورمۇلا(نىسپىلىكنىڭ) خاتامىدۇ؟ پەقەت مۇشۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەي ۋاتىسىز! مەنمۇ نىسپىلىك نەزىريىسى پەننىڭ ئاخىرىقى چېكى دېمىدىمغۇ؟پەقەت بىربىرنى تولۇقلايدۇ خالاس!

5

تېما

0

دوست

1944

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16755
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 580
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 14:14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىركىم نىسپىلىك پىرىنسىپىنى ئىنكار قىلىپ بىرنىمە يازغان بولسا ئىسپات(ماتېماتىكىلق ۋە تەجىرىبە ،يەنە نوپۇزلۇق باھالاش كومۇتىتى)نى بىر كۆرسەم خۇرسەن بولاتتىم! يەنە چولتا گەپ قىلدىمما!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )