بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-19 17:07
nurmamatobul يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 16:11
فىزىكىدا پايدىلىنىش سىستىمىسى بولمىسا بىر نەرسىنى ھە ...
ئېينىشتېيىن ئالىمىنىڭ ئارقا كۇرۇنۇشى بار،نىيوتۇن ماكانى ئۇنىڭ ئارقا كۇرۇنۇشى دىسەك پايدىلىنىش سىستىمىسى قىيىنچىلىغى ھەل بولىدۇ.نىسبىلىك نەزەريىسى بۇنداق پەرەزگە يول قويۇدۇ،قاراڭ:
*
*ھەر قانداق جىسىمنىڭ مەۋجۇتلىگى جەزمەن مۇئەييەن پايدىلىنىش سىستىمىسىغا ئېھتىياجىلىق بولىدۇ،بۇ خىل پايدىلىنىش سىستىمىسى بىزنىڭ جىسىم ھەركىتى ۋە مەۋجۇتلىگىنى تەسۋىرلىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.پايدىلىنىش سىستىمىسى بولمىسا جىسىمنىڭ مەۋجۇتلىگىنى تەسۋىرلىگىلى بولمايلا قالماي،ئۇزنۇۋىتىدە يەنە جىسىمنىڭ مەۋجۇتلىك شەكلىنى بىلىشكىمۇ ئامالسىز قالىمىز.
_________ ئېينىشتېيىن: "نىسبىلىك نەزەريىسى"-جۇشۇجىڭ،شۇيوجىڭ تەرجىمە قىلىپ تۇزگەن.بىجىڭ نەشىريات گۇرۇھى شىركىتى ۋەبىجىڭ نەشىرياتى، 2012-يىلى 5-ئاي 1-نەشىرى،1-باسمىسى ،5-بەتتىن ئېلىندى.
ھەببەللى،ئېينىشتېيىن ئالىمىگىمۇ ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ.ئېينىشتېيىن ئالىمى "ئاق قەغەز مودىلى"دىكى Aچەمبەرگە يىغىچاقلانغان ئەھۋالدا B چەمبەر ئارقا كۇرۇنۇشكە،نىيوتۇنچە ماكانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ."ئاق قەغەز مودىلى"غا نىسبىلىك پىرىنسىپى ئۇزى يول قويۇدۇ.ئازراقمۇ تەدبىقلاش ئىقتىدارى بولمىغان بەزى ئەپەندىلەر بۇ نۇقتىنى ھەرقانچە قىلساقمۇ چۈشەنمەيۋاتىدۇ!.
________________________________________
ئاق قەغەز مودىلى
«ئاق قەغەز مودىلى»-فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدىكى ئالاقىدارئىدىيىلەرنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە تۇرغۇزۇلغان مىتودولوگىيلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قورال. بەلگىلىمە:
ئاق قەغەزمودېلىدىكى Aچەمبەر كونكېرت ماددىنىڭ ئابىستراكىت بەلگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقاچان ئۈچ ئۆلچەملىك ماددىي نۇقتا دەپ پەرەزقىلىنىشى، Bتەكشىلىك كونكېرت ماكاننىڭ ئابىستراكىت بەلگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقاچان ئۈچ ئۆلچەملىك چەكسىزلىك دەپ پەرەز قىلىنىشى كېرەك.
file:///C:%5CUsers%5CADMINI%7E1%5CAppData%5CLocal%5CTemp%5Cmsohtmlclip1%5C01%5Cclip_image002.jpg
ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئېنرگىيەنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان ئېينىشتىيىن ئالىمىنى ئاق قەغەز مودىلى 1-رەسىمدىكى A
چەمبەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا ئېينىشتىيىن ئالىمىگە ئارقا كۆرۈنۈش بولغانBتەكشىلىك قانداق رېئاللىق؟. قەدىمكى زامان مۇتەپپەككۈرلىرى Bدىن ئىبارەت بۇنداق رېئاللىقنى «يوقلۇق» دەپ ئاتىغان.
«يوقلۇق»ۋە نىيوتۇن ماكانى
ئېنىقلىما: يوقلۇق-شەكىلىسزلىك، چەكسىزلىك ۋە ئۈزلۈكسىزلىك سۈپىتىدىكى ئوبىيىكتىپ چىنلىق. خۇسۇسىيىتى: 1.مۇتلەق جىم مۇھىت. 2.ھەر بىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك، ئومۇمىيلىقتا چەكسىز.
«يوقلۇق»نىڭ يۇقۇرقىچە خۇسۇسىيەتلىرى مۇتلەق تىنىچ ۋە چەكسىز بولغان نىيۇتۇنچە ماكان بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. يەنى، يوقلۇق= نىيوتۇن ماكانى.
بەلگىلىمە: فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدىكى ماكان ئۇقۇمى نىيۇتۇننىڭ مۇتلەق جىم ۋە چەكسىز بولغان ماكانى بىلەن بىردەكلىككەئىگە بولۇپ، ئەمەلىي قوللۇنۇشتا ۋە چۈشىنىشتە ئۇنى ھەرگىز ئېينىشتىيىنچە ماددى ماكان بىلەن ئارىلاشتۇرۋالماسلىق كېرەك.
مەنبە:
|