بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-19 17:16
nurmamatobul يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 17:04
ئۇنداقتانيوتۇن ماكانى ئالەمگە تەۋەمۇ ياكى تەۋە ئەمە ...
ئەلۋەتتە ئالەمگە تەۋە،ئالەم ماددا بىلەن نىيوتۇنچە ماكاننىڭ بىر پۇتۇنلىگى.شەكىل نەزەريىسى شۇڭا، ئالەمنى ئىككى مەنبەلىك دەپ قارايدۇ.
*قاسىم سىدىق:فىزىكىلىق ئالەم
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=10920
ئېينىشتېيىن1920-يىلى 4-ئاينىڭ24-كۇنى م.سولۇۋىنغا يازغان خېتىدە"ئېفىر"نىڭ "مۇتلەق ھەركەت" بىلەن بىلەن بولغان تارىخى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۇتكەندىن كىيىن شۇنداق يازىدۇ:
ئەگەر يورۇقلۇق ئېفىرى ھەقىقەتەن مەۋجۆت بولسا ۋە پۇتۇن بوشلۇقنى قاپلىغان ،ئۇنى بارلىق ھەركەتكە پايدىلىنىش سىستىمىسى قىلغىلى بولىدىغان بولسا،ئۇ ھالدا بىز"مۇتلەق ھەركەت"مەۋجۇت دىسەك ۋە بۇ ئاساستىكى مىخانىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقساق بولىدۇ.
ئېينىشتېيىن يەنە شۇنداق يازىدۇ:
"تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىريىسى نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئېفىر پەرىزى ئىشلىتىش قىممىتى يوق پەرەز... بىراق، باشقا بىر نوقتىدىن ئېفىر پەرىزىگە پايدىلىق بولغان ئاساسلارنى ئوتتۇرىغا قويوش مۇمكىن. ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلىكىنى ئىنكار قىلىش ئاقىۋەت ھەقىقى بوشلۇقنىڭ ھېچقانداق فىزىكىلىق خۇسۇسيەتكە ئېگە ئەمەسلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ، بۇخىل قاراش مىخانىكىنىڭ تۈپ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس(5)"
ئېينىشتېيىن ئېفىرنى ئۇزۇل – كىسىل ئىنكار قىلىش بۇياقتا تۇرسۇن دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە ئۇنى ئۇزۇل – كىسىل مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ:
"كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا بوشلۇققا ئاللىقاچان فىزىكىلىق خاراكتىر بېرىلگەن بولىدۇ...ئېفىر بولمىغان بىرخىل بوشلۇقنى تەسەۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق بوشلۇقتا يورۇقلۇق تارقىلالمايلا قالماي، بەلكى،ئۇنىڭدا ئۆلچىگۇچ ۋە سائەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس(6)".
ئېينىشتېيىن نەزىرىدە مەيدان، بوشلۇق ۋە ئېفىر قاتارلىقلار ھەرگىز ئايرىم – ئايرىم نەرسە ئەمەس:
"لورنتىسنىڭ ئىختىراسى تۈپەيلى بۇگۇن شۇنداق ئېيتىش مۈمكىنكى، فىزىكىلىق بوشلۇق ۋە ئېفىر بىرلا خىل نەرسىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بولۇپلا قالماي، مەيدان بوشلۇقىنىڭ فىزىكىلىق ھالىتىدۇر(7)".
ئېينىشتېيىن ئېفىرنى تاشلىۋىتىش بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا، ئونىڭ خۇسۇسىيەت، فۇنكىتسىيىلىرىنى تەسۋىرلەپ ئۆتىدۇ. "كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىنىڭ ئېفىرى شۇنداق بىر مۇھىتتىكى، ئۇنىڭ ئۆزىدە پۈتۈنلەي مىخانىكىلىق ۋە كىنېماتىكىلىق خۇسۇسىيەت يوق. بىراق، ئۇ مىخانىكىلىق ھادىسىلەرنى بەلگۇلەشكە قاتنىشىدۇ(8)".
تارمەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىمۇ ئېفىرنى ھىچقاچان ئىنكار قىلمىغان؛ "ئىنچىكە ۋە توغرا ھېساپلاشلار كۆرسەتتىكى، تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسى زادىلا ئېفىرنى جەزمەن ئىنكار قىلىشنى تەلەپ قىلغىنى يوق. ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ(9)".
|