ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بىرەرسى ئىسپاتلىغانمۇ؟
مېي شىياۋچۈن
ئاساسىي مەزمۇنى:
8تۈرلۈك ئاساسىي پىرىنسىپ ئوتتۇرغا قويۇلۇپ،ئېينىشتىيىننىڭ زامان-ماكان، تارتىش كۈچى ۋە ئالەمشۇناسلىق نەزەرىيىسىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر كەمتۈكلۈكلەر، زامان-ماكاننى نىسپىيلەشتۈرۈش ۋە تارتىش كۈچىنى گىئومىتىرىيىلەشتۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى.زامان-ماكاننىڭ غەيرىيلىكى ۋە غۇۋا ماددىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى قوللاش ۋە قارشى تۇرۇش پىكىرلىرى ئوتتۇرغا قويۇلدى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرى ئېينىشتىيىن تارمەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن بويان، ھازىرقى زامان فىزىكائىلمى غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. زامان-ماكان نەزەرىيە جەھەتتە نىيۇتۇن مىخانىكىسىنىڭ قاتمال رامكىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەقىقىي بوشلۇقتا ئېفىر مۇھىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىپ، نۇرغۇنلىغان فىزىكا مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلدى.تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەتنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن باشقا يەنە ئاتوم ئېنىرگىيىسى ۋە زەررىچە فىزىكىسىدىمۇ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلدى. ئېينىشتىيىن تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئاساسىدا كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، زامان ئەگرىيلىك نۇقتىنەزىرىنى ئاساس قىلغان تارتىش كۈچى نەزەرىيىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئالەمشۇناسلىق ئىلمىغىمۇ زورتەرەققىياتلارنى ئېلىپ كەلدى. بىراق، ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن كېيىن، نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە بولغان تەنقىدلەر توختاپ قالمىدى. سەۋەبى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ھەر خىل زامان-ماكان سەپسەتىلىرىنىڭ لوگىكىلىق ئاناتومىيىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكەممەل، توغرا نەرسەئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. نىسپىيلىك نەزەرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان فىزىكا نىسبيچىلىكى ئىلىم-پەن، پەلسەپە ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۈرشەكلىگە زور يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىراق، نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى زامان-ماكان غەيرىيلىىكنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولىشى، فىزىكا قانۇنلىرىنى غەيرىي نۇقتىدا پۈتۈنلەي ئورۇنسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ گىئومىتىرىيىلىششىنىڭ ئالاھىدىلىكى – تارتىش كۈچى نەزەرىيىسى بىلەن كىۋانىت نەزەرىيىسىنىڭ بىرلىششىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەچچە ئەۋلات كىشىلەرنىڭ بېشىنى قاتتۇردىغان چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز ھەقىقىي چىقىش يولىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز،فىزىكىنى بىرلەشتۈرۈش سەپىرى بۇ يەردە زور توسالغۇغا دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئاستىرونومىيلىك كۆزىتىشتە بايقالغان دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز سىفىكتىرىنىڭ قىزىلغا سىلجىشىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئوتتۇرغا قويۇلغان «غۇۋائېنىرگىيە» ئۇقۇمى فىزىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھاڭغا سۆرەپ كىردى. «غۇۋا ئېنىرگىيە»شەك-شۈبھىسىزكى ئېفىر نۇقتىئنەزىرىنىڭ يېڭى نۇسخىسى بولۇپ، فىزىكا ئالىملىرى ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى قانداق چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشتىن سۆز ئېچىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى فىزىكا ئاسمىنىدايەنە بولۇت پەيدا بولۇپ، يېڭى بىر فىزىكا ئىنقىلابىنىڭ كېلىشىدىن بىشارەت بەردى. بىراق بۇ مەسىللەرنى ماھىيەتلىك ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيىسىنىڭ تۈپ ئاساسىنى چۈشىنىش كېرەك. گەرچە نۇرغۇن ئالىملار فىزىكىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىگە بولغان گۇمانىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئېينىشتىيىننىڭ ئالدىنقى بىر ئەسىردىكى فىزىكىدا تۇتقان نوپۇزلۇق ئورنى سەۋەبىدىن،ئۇلارنىڭ ھەر قانداق گۇمانىي قاراشلىرى ۋە بۇ قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشتىكى ئورۇنۇشلىرى فىزىكا ساھەسىدە ئاساسىي ئېقىم بولغان كۆز قاراش تەرىپىدىن قارشى تۇرۇلغان. ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيىسى بىر يېڭى دىنىي قائىدىگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭغانىسبەتەن ئېيتىلغان گۇمانىي كۆز قاراشلار ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئالمىغان بولىشىدىن قەتئينەزەر، فىزىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىش مۇمكىن بولمىغان.فىزىكىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان ھەر قانداق ماقالە مەيلى خاتاياكى توغرا بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھامان يىرتىلىپ تاشلىنىشقا دۇچ كەلگەن.
ئېينىشتيىننىڭ نەزەرىيىسىدىن گۇمان قىلىشقابولمايدىغان بۇ خىل پوزىتسىيە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، پىكىر يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى نەتىجىسىدە فىزىكا ئاللىبۇرۇن پالەچ ھالغاچۈشۈپ قالغان ئىدى. نۆۋەتتىكى فىزىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ئېغىردەرىجىدىكى يۆنىلىش خاتالىقى كېلىپ چىقىپ، تارتىش كۈچى ۋە ئالەمشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى ھەر خىل غەلىتە نەزەرىيىلەر بىلەن تولۇپ كېتىپ، فىزىكا ئالىملىرى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلمىي مەزمۇنلارنى ئىلمىي بولمىغان مەسىلىلەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلدى. ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتىمۇ فىزىكىنىڭ مەۋھۇملىقى بىلەن قاپلىنىپ،شەكىلنىڭ ئابىستىراكىتلىقى ماھىيەتلىك ئاجىزلىقلارنى يېپىپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان نەرسىلەر ھەممە يەردە مودا بولۇپ، ئىزدىنىش دىگەن چىرايلىق نام ئاستىدا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان ئۇيۇنلار ئېلىپ بېرىلدى. غەلىتە نەزەرىيىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئانتىنومىيەلەر(سەپسەتىلەر) نورمال دەپ قارالدى. سىرلىقلاشتۇرۇش بىلەن تارنەزەرىيىسى مودا بولدى. پالەچ ھالدا مودا بولغان قىززىق نۇقتىلار گۈللىنىپ، ئىلمىي نەزەرىيە ۋە لوگىكىلىق ئىدىيىلەر سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى. تارىختىن بويان فىزىكائالىملىرى قورقۇنۇچلۇق غەيرى نۇقتىدىن خالىي بولالمىدى. بىراق بەزى نەزەرىيىچىلەر ئاجايىپ-غارايىپلاردىنھوزۇرلىنىپ ، ئۇنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۋالدى.ئوبىيىكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ
مۇنبەت تۇپرىقىدىن يىراقلاشقان فىزىكا نەزەرىيىسى ،ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلىپ، دەلدەڭىشىپ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ ئەسلىدىكى تۈرىتكىلىك كۈچىنى يوقىتىپ قويدى. نەزەرىيىچىلەر ئۆزىنىڭ كىچىك كۈلبىلىرىگە بېكىنىپ ئۆزلىرىدىن پەخىرلەنگىنىچە ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كېتىشمەكتە.بۇنداق ھالەت چوقۇم تۈزىتىلىشى، نەزەرىيەفىزىكىسى ھەرگىز بۇنىڭلىق بىلەن بەرپات بولۇپ كەتمەسلىگى. ئىلىم پەندىكى گۇمانلىنىش روھى ھۆرمەتلىنىشى. ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر نورمال ۋاستىلەر بىلەن ئېلان قىلىنىشقا مۇيەسسەر بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ئىلىم-پەن دۇنياسى
ئۆزىنى تەنقىدلەش ، ئۆز خاتالىقنى تونۇش ۋەئۆزىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىدۇ-دە، خۇراپىيلىق ۋە قارغۇلارچەئەگىششنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. نەزەرىيە فىزىكىسى قايتىدىن ئىلھاملىنىپ،
ساغلام تەرەققىيات يولىغاقايتىپ كېلىشى كېرەك. ھەقىقەتنى ئىزدەيدىغان، خاتالىقنى تۈزىتىدىغان، ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان روھ بىلەن تۆۋەندىكىچە 8 تۈرلۈك ئاساسىي پىرىنسىپ ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، ئېينىشتىيىىنىڭ تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى،كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە ئۆلچەملىك ئالەمشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىدەساقلىنىۋاتقان ئېغىر كەمچىلىكلەر ئىسپاتلاپ كۆرسىتىلدى.
ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدانى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئالماشتۇرۇشى ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدانى ھەركەت تەڭلىمىسى يېشىمىنىڭ بۇزۇلىشى ۋە باشقا ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، كىلاسسىك ماكرو ماگىنىت مەيدان نەزەرىيىسىدە نىسپىيلىك مەۋجۇت ئەمەسلىكى ؛ يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان باشقا مەسىلىلەر قوشۇلۇپ، زامان-ماكان نىسپىيلىكىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئىىسپاتلاندى.ھازىرقى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە نىسبەتەن كوردىنات گېزى ۋە كورىدىنات سائىتى بىلەن ھېساپلاپ چىقىلدى. بۇ نەتىجىنىڭ ئەمەلىي مىقدارلىق مەنىسى يوق، ئەمەلىي مەنىگە ئىگە بولغان كوردىنات گېزى ۋە كوردىنات سائىتىنى قوللىنىپ ئۆلچىگەندە، كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى مىركورىينىڭ قۇياشقا يېقىن نۇقتىدا سىلجىشى رادار دولقۇنى كىچىكىش تەجىرىبىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا،كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانمىغان.
تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىففىكتىنى ئويلىشىپ، تارتىش كۈچى بىلەن ئىنىرتسىيىلىك كۈچنىڭ قىسمەنلىكتە تەڭ ئەمەسلىكى، ساقلىنىۋاتقان باشقا مەسىلىلەر بىلەن قوشۇپ، تارتىش كۈچىنى گىئومىتىرىيىلىك تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. روبىنسون ۋالكېرئۆلچىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇرۇقلۇق تېزلىكىدىكى گالىلېي قوشۇش پىرىنسىپى پەقەت نىيۇتۇن مىخانىكىسى مەنىسىدىكى زامان-ماكان ئۆلچىمى بولۇپ، ھازىرقى زامان فىزىكىسى مەنىسىدىكى زامان-ماكان ئۆلچىمى ئەمەس. شۇڭا، ئۆلچەملىك ئالەم نەزەرىيىسىدىكى ئاساسىي زامان-ماكان رامكىسى خاتا بولۇپ، غۇۋا ئېنىرگىيە مەۋجۇت ئەمەس، ئالەمنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى مۇمكىن ئەمەس. زامان-ماكان نىسپىيلىك پىرىنسىپى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ گىئومىتىرىيىلىك تەسۋىرى پەقەتلا فىزىكلارنىڭ بىر خىل ئارزۇسى بولۇپ،تەبىئەت بۇ پىرىنسىپقا بويسۇنمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر بار بولغان زامان-ماكاننى ئىپادىلىگەن بولۇپ، تارتىش كۈچى نەزەرىيىسى ۋە ئالەمشۇناسلىقتاتۈپتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن شاكلىنى تاشلىۋېىتپ، مېغىزىنى قۇبۇل قىلىپ، پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ يېڭلىغان ئاساستا،مەن ئوتتۇرغا قويغان بىر قاتار يېڭى، تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان زامان-ماكان تارتىش كۈچى ۋە ئالەمشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىنى ئورنىغا قويۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلىم-پەن مۇنازىرىسىگە ئىلھام بېرىش،ھەق-ناھەقنى ئايرىش كېرەك. مەن قوللاش ۋە قارشى تۇرۇش پىكىرلىرىمنى جەمىيەتىتىكى ھەر ساھەنىڭ باھالىشىغا سۇندۇم.
1.زەررەتلىك زەررىچىلەرنىڭ ئەركىن ھەركىتىدىن كېلىپ چىققان كىچىككەن (推迟) ئېلىكتىر ماگىنىت مەيدانى ماكرو ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدان ھەركەت تەڭلىمىسى بىلەن ئىلىكتىر ماگنىت مەيدان نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئالماشتۇرشىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. ماكرو ئىلىكتىر ماگنىت مەيدانى نىسپىيىلىك نەزەرىيىسى ئالماشتۇرىشى ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ يەككە بۇزۇلىشىنى ۋە باشقا ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بۇ مۇمكىن ئەمەس. تۆت ئۆلچەملىك ئىلىكتىر ماگىنىت پوتىنسىئال شەكلىنى يېزىپ چىققاندىن كېيىن،ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدانى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئۆزگىرىشىنى ئويلاشمىغاندا، ماكروئىلىكتىر ماگىنىت مەيدان ھەركىتى تەڭلىمىسى ئوخشاش بولمىغان ئىنىرتسىيەسېستىمىسىدا ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ. بىراق، لورىنتىس شەرتىنىڭ ئۆزگەرمەي ساقلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، كىلاسسىك ماكرو ماگنىت مەيدان نەزەرىيىسىدە نىسپىيلىكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ئېينىشتىيىننىڭ زامان-ماكان نىسپىيلىكى تايىنىپ جان ساقلاۋاتقان ئەڭ مۇھىم نەزەرىيىۋىي ئاساسلارنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. 2.تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسىنىڭ لوگىكىلىق سستىمىسىدا 3 خىل ئاساسىي مەسىلە ساقلانغان. ① نۇقۇل ئىنرتسىيىلىك پايدىلىنىش سېستىمىنى قوللىنىپ، زامان-ماكان نەزەرىيىسىدىكى تەجىرىبىدىن ھالقىغان مەسىلىنى قۇرۇپ چىققان. ② پايدىلىنىش سېستىمىسىنىڭ نىسپىي ھەركەت تېزلىك نىسپىتى V’=Vبىلەن، يۇرۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى c'=cنىڭ ماسلىششچانلىقى ۋەبىردەكلىك مەسىلىسى. ③ ئاساسىي زامان-ماكان پارادوكىسىنى يوقاتقىلى بولمايدىغانلىق مەسىلىسى.
3.ئېنىرگىيە بىلەن يەر شارىنىڭ تەكشى قىممەتلىك پايدىلىنىش سېستىمىسىدىكى ئەمەلىي ئۆلچەش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرغاندا،
چوقۇم زامان-ماكان ئەگرىلىكى ئىچىدىكى تارتىش كۈچىگە ئالاقىدار مەسلىلەرنى ھېسابلاشتا ئۆلچەملىك گەز ياكى ئۆلچەملىك سائەت (ياكى قىسىملاردىكى ئىنىرتسىيە سېستىمىسىدىكى ئۆلچەملىك گەز ياكى ئۆلچەملىك سائەت) بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك. بۇ ئەگرى زامان-ماكان تارتىش كۈچى نەزەرىيىسىدە ئاساسىي پىرىنسىپ دەپ قارالغان، بىراق نۆۋەتتە كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەريىسىدە ئوبىيىكتىپ مەسىلىلەرنى ھېسابلاش جەريانىدا ئۇمۇمىيۈزلۈك ھالدا بۇ مەسىلىلەرگە سەل قارالدى.ئۆلچەملىك گەز ۋە ئۆلچەملىك سائەت بىلەن ھېسابلانغان نەتىجە شۇنى ئىسپادىلەيدۇكى، مىركۇرىي قۇياشقا يېقىن نۇقىتىدا سىلجىشى (پىرىسسيىسى، Precession) ئەمەلىيەتتە تەكشۈرۈپ چىقىلغان قىممەتنىڭ 4.8ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بىراق، يۆنىلىشى قارمۇ-قارشى بولغان راداردولقۇنىنىڭ كېچىكىشى پەقەت تەكشۈرۈلگەن قىممەتنىڭ %53نى ئىگەللەيدۇ. بۇنداق نەتىجە ئېنىقكى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئەمەلىيەتتەتەجىرىبىدە ئىسپاتلىنىپ باقمىغان. ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچى مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ تەسۋىرلىگىنى تۈز-تەكشى زامان-ماكان نەتىجىسى بولۇپ، زامان-ماكان ئەگرىكلىكىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن ئېينىشتىيىن زامان-ماكان ئەگرىيلىك تارتىش كۈچىنەزەرىيسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك.
4.تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئىففىكتىنى ۋە باشقافىزىكىلىق ئىففىكىتلارنى ئويلاشقاندا، تېزلىنىش جەريانىدا
كېلىپ چىققان ھەركەت تېزلىكى بىلەن ھەركەت ماسسىسىدا مۇتلەقلىق بار. زامان-ماكان نەزەرىيىسى تېزلىنىش جەريانىنىڭ تەسىرىنى ئويلىشش كېرەك. پەقەت تەڭ قىممەتلىك بولمىغان ئېنىرتسىيە پايدىلنىش سېستىمىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان زامان-ماكان نەزەرىيىسىلا ئەمەلىي مەنىگە ۋە لوگىكىلىق بىردەكلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ.
5.تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئىففىكتى بىلەن باشقافىزىكىلىق ئېففىكىتلارنى ئويلاشقاندىن كېيىن، تارتىش كۈچى بىلەن ئىنىرتىسىيىلىك كۈچ قىسمەنلىكتە تەڭ بولمايدۇ. GP-Bتەجىرىبىسىدىكى خالىغان نۆل بولمىغان نەتىجىنىڭ ھەممىسى تەڭ ئۈنۈملۈك پىرىنسىپىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇكى، كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسى ئۈنۈملۈكلىكىنى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ ماكاننى ئەگرى قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. تەڭ ئۈنۈملۈك پىرىنسىپى بويىچە، تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئەركىن چۈشىۋاتقان قىسمەن خارەكتىرلىك ئىنىرتسىيلىك سېستىمىدىكى تارتىش كۈچى مەيدانى يوقىلىدۇ، شۇڭا سۈنئىي ھەمرادا ئېلىپ بېرىلغان GP-B
تەجىرىبىسىدە ئىنىرتسىيىلىك پىرقۇرغۇچنىڭ سىلجىشىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. GP-B تەجىرىبىسىدەئۆلچەنگەن ئىنىرتىسىيىلىك پىرقۇرغۇچنىڭ ھەر قانداق سىلجىشى شۇنى چۈشەندۈرىدىكى،ئەركىن چۈشۈۋاتقان ئىنىرتسىيىلىك سېستىمىدا تارتىش كۈچى مەيدانى يوقالمايدۇ. زامان-ماكان ئەگرىلىكىنى تارتىش كۈچى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەن ئىدىيەنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان GP-Bتەجىرىبىسىنىڭ ئاساسىي لايھە پىرىنسىپىدا مەسىلەبار، تەجىربە نەتىجىسى بىلەن لايھىدىكى ئارزۇ قارمۇ-قارشى.
6.ئېينىشتىيىننىڭ تارتىش كۈچى مەيدان تەڭلىمىسىگە ئاساسەن ھېسابلاش ئېلىپ بارغاندا، ھالقا ۋە قوش شار جىسىمنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا غەيرىي نۇقتا كېلىپ چىقىدۇ، غەيرىي نۇقتا ھەقىقىي بوشلۇقتا پۈتۈنلەي كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇزامان-ماكان غەيرىلىكىنىڭ ئەگرى كوردىنات تەسۋىرلەش ئۇسۇلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى،تەبئىي ھالەت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاتالمىش غەيرىي نۇقتا خارەكتىرلىك قارائۆڭكۈر، ئاق ئۆڭكۈر ۋە قۇرت كامىرى شۇنداقلا ۋاقىتنىڭ ساياھىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۇت ئەمەس ۋە مەۋجۇت بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
7.يۇرۇقلۇقنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدىكى ھەركەت تېزلىكى گالىلېي قوشۇش پىرىنسىپىنى قانائەتلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، يۇرۇقلۇق تېزلىكىنىڭ يۇرۇقلۇق مەنبەسىنىڭ ھەركەت ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بىلەن مۇخالىپ كېلىدۇ، روبىنسون-ۋالكېر ئۆلچىمى ئالەمنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتى ۋە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىش جەريانىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدۇ،بۇنىڭدىن كېلېىپ چىقىدىغان نەتىجە شۇكى، غۇۋا ئېنىرگىيە مەۋجۇت ئەمەس، ئالەمنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى مۇمكىن ئەمەس.
8.يەر شارىدىكى كۆزەتكۈچى بىلەن ئالەمدىكى ماددىلار ئوتتۇرسىدانىسپىي ھەركەت تېزلىكى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، كېڭىيىۋاتقان ئالەمنى تەسۋىرلەشتەچوقۇم ھەركەت ھالىتىدىكى ئېنىرگىيە، ھەركەت مىقدارى، تېنزوردىن پايدىلىنىش كېرەككى. تىنىچ ھالەتتىكى ئېنىرگىيە، ھەركەت مىقدارى، تېنزوردىن پايدىلانماسلىق كېرەك. ھەركەت ھالىتىدىكى ئېنىرگىيە، ھەركەت مىقدارى، تېنزوردىن پايدىلانغاندىن كېيىنكى ھېسابلاش نەتىجىسى ئېينىشتىيىننىڭ تارتىش كۈچى مەيدان تەڭلىمىسى تەڭپۈڭ ئىزتروپىيلىك كېڭىيىۋاتقان ئالەمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ، ھازىرقى زامان ئۆلچەملىك ئالەمشۇناسلىقىنىڭ ئۇلى يوقىلىش كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
يۇقۇردىكى 8 تۈردە، بىرىنچى تۈر زامان-ماكان نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ نىمجانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. كىلاسسىك ئىلىكتىر ماگنىت نەزەرىيىسىنىڭ نىسپىيلىكى زامان-ماكان نىسپىيلىكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي نەزەرىيەتۈۋرۈكى. ئەگەر كىلاسسىك ئىلىكتىر ماگىنىت نەزەرىيىسى نىسپىيلىكنى ئۆز ئىچىگەئالمىسا، بىز يەنە قايسى فىزىكا نەزەرىيىسىنى نىسپىيلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
دەيمىز؟ ئۈچىنچى تۈر كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ نىمجانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مىركۇرىينىڭ قۇياشقا يېقىن نۇقتىدىكى سىلجىشى بىلەن رادار دولقۇنىڭ كىچىكىشى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تۈپ ئاساسىغا نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى تەجىرىبە بولۇپ، ئەگەر كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بۇ ئىككى تەجىرىبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسە، تارتىش كۈچىنىڭ گىئومىتىرىيىلىك تەسۋىرىدەھېچقانداق ئۈمىد قالمايدۇ. ئالتىنچى تۈر غەيرىي قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيىسىنىڭ نىمجانلىقنى ئىسپاتلايدۇ. قىسقا بىر ئىنىچكە سىمنى ئېلىپ ئەگسە بىر ھالقا شەكىللىنىدۇ،ھالقىنىڭ مەركىزىدە غەيرىي نۇقتا ھاسىل بولىدۇ، بۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ؟ ھازىرقى زامان قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيىسىنىڭ پۈتكۈل ئاساسى خاتا، ئەمەلىي فىزىكىدىكى زامان ماكاندا غەيرىلىكنىڭ بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس. يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى تۈر غۇۋائېنىرگىيە پەرىزى بىلەن ئۆلچەملىك ئالەمشۇناسلىق نەزەرىيىسىنىڭ نىمجان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ھازىرقى زامان فىزىكىسى بىلەن كىلاسسىك فىزىكىدىكى ئەڭ ئاساسلىق چېگرا سىىزىقىلىرىنىڭ بىرى يۇرۇقلۇق تېزلىكىنىڭ يۇرۇقلۇق مەنبەسىنىڭ ھەركەت ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكى. ھازىرقى ئۆلچەملىك ئالەمشۇناسلىق نەزەرىيىسى بۇ قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى توغرا بولغان ئالەمشۇناسلىق نەزەرىيىسى بولىشى مۇمكىن ئەمەس.تىنىچ ھالەتتىكى ئېنىرگىيە، ھەركەت مىقدارى، تېنزور پەقەت تىنىچ ھالەتتىكى ئالەمنى تەسۋىرلەشكە قوللىنىلىدۇ، كېڭىيىۋاتقان ھەركەت ھالىتىدىكى ئالەمنى تەسۋىرلەشكەقوللىنىش مۇمكىن ئەمەس. يۇقىرىقى بەش نۇقتىنىڭ ھەممىسىنى تۇراقلىق مىقدارلار بىلەن ھەر قانداق مۈجىمەللىك ۋە خاتالىق يوق بولغان ھالدا ھېسابلىغىلى ۋە ماتېماتكىلىق فونكىسىيە شەكلى بىلەن توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئورتودوكال فىزىكا ئەگەر يەنىلائېينىشتىيىن نەزەرىيىسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدىكەن، چوقۇم ھېچبولمىغاندىمۇ بۇ بەش مەسىلىگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرالىشى ۋە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بېرەلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئېينىشتىيىن نەزەرىيىسى داۋاملىق فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي بولۇش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ، ئېينىشتىيىن نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى فىزىكىلىق مەنىگە ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولالمايدۇ.
http://blog.sina.com.cn/s/blog_4d5fc5a10100aqwq.html
|