- تىزىملاتقان
- 2011-6-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1643
- نادىر
- 2
- يازما
- 55
ئۆسۈش
4.09%
|
تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر شاھزادىسىنىڭ قوش تىل–يېزىقلىق ئابىدىسى بايقالدى
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى تەتقىقات مەركىزى 7 – ئاپرېل ئۇيۇشتۇرغان ‹‹تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت خەنزۇ ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئابىدىنى بايقاش ۋە چۈشەندۈرۈپ ئوقۇش›› مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە، شىئەن داتاڭ مۇزېيى ساقلاۋاتقان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر شاھزادىسى گېچۇەينىڭ خەنزۇچە ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرچە قوش تىل – يېزىقتىكى ئابىدىسى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن دۆلىتىمىزدىكى ھازىرغا قەدەر بايقالغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت بىردىنبىر قوش تىل – يېزىقتا يېزىلغان ئابىدە دەپ بېكىتىلدى.
بۇ ئابىدىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر مېتىر بولۇپ، ئۈستىگە خەنزۇچە يېزىقتا ئۇيغۇر شاھزادىسى گېچۇەينىڭ دادىسىنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ياردەملىشىپ ئۆڭلۈك سۆيگۈن قوزغىلىڭىنى باستۇرغانلىقى، ئائىلە نەسەبى ۋە شاھزادىنىڭ چاڭئەنگە قانداق كەلگەنلىكى، تاڭ سۇلالىسىدە قانداق ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى، قانداق كېسەل بىلەن 02 ياشقا كىرمەيلا ۋاپات بولغانلىقى، قانچىنچى ئاينىڭ قانچىنچى كۈنى چاڭئەننىڭ قەيېرىگە دەپنە قىلىنغانلىقى، دەل موشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭمۇ چاڭئەندە ئىكەنلىكى ھەم شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىم قەبىلىلىرى بىلەن بىللە ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن. ئابىدىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان قىسمى مەزمۇن جەھەتتىن خەنزۇچىسىدىن سەل ئاددىي ئىكەن.
ئابىدىنىڭ خەنزۇچە يېزىقتا يېزىلغان قىسمى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چۈشەندۈرۈپ ئوقۇلۇشى توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلەشتى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا غەربىي رايون تارىخى ۋە تىل تەتقىقاتى جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تارىخىي ۋاقىتلار ئېنىق يېزىلغان قوش تىلدىكى ئابىدىنى بايقاش ئىنتايىن قىيىن ئىكەن. بۇ ئابىدىنىڭ بايقىلىشى ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شىمالىي چۆللۈك دەۋرىدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. |
|