- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3418
- نادىر
- 0
- يازما
- 189
ئۆسۈش
47.27%
|
2003- يىلى 3- كوۋرۇك ئالدى كوچىدا ( شى خابا ) ئولتۇرۇشلۇق ئەركىن بەختى بىلەن ئوتتۇرىمىزدا تاكسى ھوددە توختام ماجراسى يۇز بېرىپ زور ئۇمىت بىلەن تاڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسدە دەۋاغا چۇشكەن ، سوت ھوكۇمىدە 1000 ( مىڭ ) سوم پۇلنى 10 كۇن ئىچىدە ماڭا بىرىدىغانغا ھوكۇم چىقارغان ئىدى ، 10 كۇن ئەمەس 6 ئايدىمۇ پۇلنى ئالالماي ئاخىرى ئىجراغا ئىلتىماس سۇندۇم ، شۇنىڭ بىلەن ئايىغى چىقماس بۇ داۋاغا يەنە 3 يىل قاتراپ ھېرىپ ھالىمدىن كاتتىم ، توۋا دەيمەن ،ھېلىقى دەسلەپكى زور ئۇمۇتتىن زەرىچچىلىك ئسەرمۇ قالماي 1000 سوم پۇلدىن ئۇمۇدۇمنى تولۇق ئۇزدۇم .
ئىجراغا ئىلتىماس سۇنسا نىمىشقا ئىجرا بولمىغاندۇ دىدىڭلارما ؟
مىنىڭ دەۋايىمغا مەسۇل بولغان سوت ئجرا خادىمى قارشى تەرەپنىڭ تەرەپنىڭ ماتىريالى بىلەن تەمىنلىشىمنى ئويىدە بار ۋاقىتتا سوتقا كىلىپ دىيىشىمنى ئۇقتۇردى، شۇنىڭ بىلەن 10 نەچچە قېتىم قارشى تەرەپنىڭ ئويىگە بېرىپ ئويىدە بارلىغىنى كورۇپ 5 مىنۇتنىڭ ئچىدە سوتقا بېرىپ ئەھۋالنى دىدىم . ئىجرا خادىمى ماڭا قاپاق تۇرۇپ سەت ئالىيىپ مەن ئالدىراش كېلەر ھەپتە ،كېلەر ئايدا كەل دەۋەردى ، قاپاق تۇرسۇمۇ باردىم، ئلايسىمۇ باردىم ،بېرىۋەرسەم بىر كۇنى قارشى تەرەپكە تىلفۇن قىلدى . مېنى ئىشىخاندىن چىقىرۋەتكەندىن كىيىن ئشىكنى يېپىپ بىرنىمىلەرنى دىيىشكەندىن كىيىن مىنى چاقىرىپ ئويىدە ئەمەسكەن باشقا كۇنى كەل دىدى ، ھازىر ئويىدە بار ئىدى دىسەم سەت ئالىيىپ ئىشىاندىن چىقىرۋەتتى ، شۇ ئاچچىغىمدا يەنە قارشى تەرەپنىڭ ئويىگە بارسام ئويىدە باركەن ، قارشى تارەپ بىلەن بىرمۇنچە دىيشىپ يەنە سوتقا بېرىپ ئويىدە باركەنغۇ دىسەم يەنىلا كىيىن كەل مەن ئالدىراش دەپ ئىشخاندىن چىقىرۋەتتى، شۇنداق قىلىپ بىرەر يىلدىن كىيىن سوت باشلىقى بىلەن كورۇشۇپ ئەھۋالنى دىدىم ،مەن سۇرۇشتۇرەي دىدى ، شۇنداق قىلىپ سوتقا ئىككى ئۇچيۇز قېتىم بارغاندىمەن ، لىكىن مىنىڭ ئشىم ھەل بولمىدى ،نۇرغۇن ۋاقتىم ، ئىقتىسات كەتتى، نۇرغۇن سەت ئالىيىش ، توڭ تىگىش ،ئشخاندىن چىقىرۋېتىشلارنى باشتىن كەچۇرۇپ بۇ ئشنىڭ ھەل بولىشىدىن ئۇمۇدۇم تولۇق ئۇزۇلدى .
بىر كۇنىسى جاۋاپكار بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدىم ، ئۇ شۇنداق كورەڭ ھالەتتە قانداق سوتقا بېرىپ مېنى نىمە قىلالىدىڭ ؟مەن دىگەن مۇشۇ ئۇرۇمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ، مىنى سوت ھىچنىم قىلالمايدۇ ، مەڭگۇ پۇلۇڭنى ئلالمايسەن دىدى ، بىز ئۇرشۇپ كەتتۇق ، ئەتراپقا نۇرغۇن ئادەم ئولۇشۇپ بىزنى ئايرىۋاتتى .
يەنە بىر كۇنى توختام يازغاندىكى گۇۋاھچى ئۇچراپ مىنىڭ ئارتۇق ئاۋارە بولماسلىغىمنى سوت ئىجرا خادىمى بىلەن جاۋاپكارنىڭ مۇناسىۋتىنىڭ يېقىنلىغىنى ،كونا خوشنىسى ئىكەنلىگىنى ئېيتتى.
مانا بۇ سوتچىلار قانۇننى خالىغانچە قانۇننى ئاياغ ئستى قىلىپ ،پۇلى ، ھوقوقى، مۇناسىۋىتى باررلار ئۇچۇن خىزمەت قىلسا بۇ نىمە دىگەن قوقۇنۇشلۇق؟ قانۇن ساھەسىدە مۇشۇنداق ناھەقچىلىك بولسا باشقا ساھە نىمە بولماقچىدى؟ شۇڭا ھازىر خەلىق قانۇن ساھەسىدىكىلەرگە پۇتۇنلەي ئشەنمەس بوپكەتتى.
ئاڭلىسام مەخسۇس سوتچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بىر تۇركۇم كىشلەر مۇشۇنداق ھەل بولمىغان ئىقتىسادى ئەنزىلەرنى سېتىۋېلىپ ، مۇناسىۋاتكە تاينىپ پۇل تاپىمىش .
شۇڭا مەن بۇ ھەل بولمىغان 10- يىللىق ھوكۇمنى ھەقسىز ئوتۇنۇپ بېرىمەن . كىمنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق سوتتىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بولسا مەن بىلەن ئلاقىلاشسا ،ھوكۇم ،ئىجرا ئۇقتۇرۇش، پۇل تولىگەن تالۇنلارنى ھەقسىز تەمىنلەيمەن .
دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست |
|