بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arman03 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-18 19:00
تەرجىمان ئارمان 03تىن : بۈگۈن ئەتىگەن چوڭ-كىچىك توربەتلىرىنى (جۈملىدىن كانادىكى "كانادا جۇڭگۇلۇقلار تورى"، سىنگاپۇردىكى" بىرلەشمەئەتىگەنىلك گېزىتى" ، شاڭگاڭدىكى "سۇمرۇغ تورى"قاتارلىق چوڭ تورلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان، چەتئەللەردىكى خەنزۇچە توربەتلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) رەيئىس شىجىنپىڭ تاكسىدا ئولتۇرغانلىق مەزمۇندىكى خەۋەر قاپلاپ كەتتى ۋە زور غۇل-غۇلا قوزغىدى. شۇۋەجىدىن مەن بۇخەۋەرنى ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ سەركىسى بولغان " باغداش"قا تەرجىمە قىلىپ يوللىغان ئىدىم. ھازىر قاراپ باقسام، بۇخەۋەرنىڭ ساختا خەۋەر ئىكەنلىكى ھەققىدە يەنە چوڭ-كىچىك توربەتلىرى ئىزاھات ئېلان قىپتۇ، شۇنداقلا، ئەتىگەنكى ئۇشبۇ خەۋەر تىزدىن ئۈچۈرۈلۈپتۇ، شۇڭا تورداشلارغا جىددى تۈزۈتۈش بىرىش ئۈچۈن بۇنىمۇ تەرجىمەقىلىپ يوللاپ قويدۇم.
داگۇڭ گېزىتى تورى « رەيئىس شىجىنپىڭ تاكسىغا ئولتۇردى» دېگەن يالغان خەۋەرنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن ئەپۇسورىدى
"داگۇڭ گېزىتى" تورىمىز «بىيجىڭدىكى تاكسى شوپۇرى" باش شۇجى شىجىنپىڭ مېنىڭ تاكسى ماشىنامغا ئولتۇردى"» نامىلىق ماقالىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇخەۋەرنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، خەۋەرنىڭ ساختا خەۋەر ئىكەنلىكى بايقالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز چۇڭقۇر تەشۋىشلەندۇق ۋەچەكسىز ئەپسۇسلاندۇق، خىزمەتلىرىمىزدىكى سەۋەنلىك تۈپەيلى، مۇشۇنداق زور ساختا خەۋەرنىڭ چىقىپ كىتىشى يۈزبىرىشكە تىگىشلىك بولمىغان ئىش ئىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇقۇرمەنلەردىن سەمىمى ئەپۇ سۇرايمىز. مۇندىن كىيىن بىز بۇئىشتىن ئىبرەت ئېلىپ، توغرا بولغان ئاخپاراتلارنى ئاممىغا سۇنۇمىز.
|