- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 59887
- نادىر
- 6
- يازما
- 2612
ئۆسۈش
0%
|
1.ئەلھەمدۇلىللا مەسئوليەتنى ئۇستىگە ئالغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز ،ئىشەنمىسەڭلار ھەممىڭلار پادىچى دىگەن ھەدىسنى ئەسلەڭلار . يەنە قسىسۇل ئەنبىيادىكى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ئۇستىدىن قىلىنىغان تۇل خوتۇننىڭ شىكايىتىنى ئاڭلاڭلار ، پادىشاھىمىز ئادىل كىىشى ئەمما كىشىنىڭ ھەققىنى يەيدۇ ، داۋۇت ئەلەيھىسسالام شۇنۇڭدىن باشلاپ كۇندىزى پادىشاھلىق قىلسا ئاخشىمى تۆمۇرچىلىك قىلىپ جېنىنى قامدىغان ، ئاتالمىش كىشنىڭ ھەققىنى يىمەيدىغان بولغان ،
2.ئەمدى تىللاشقا كەلسەك زۇلۇمغا ئۇچۇرغۇچىىنىڭ شىكايەت قىلشىقا ھەققى بار دىگەن ھەدىس بويىچە بىز ئەلۋەتتە تىللاشنى ھەممىلا سورۇندا خاتا دەۋەرمەيمىز ئەلۋەتتە ، داڭلىق ئىتۇتچىمىز دىگەندەك ھېچ ئېلاجىمىز قالمىغاندا توردا تىللاپ سالىدىكەنمىز .تىللاشقا بەزىدە رۇخسەت بار دىگەنلىك ئۇچۇرىغان ئادەمنىڭ ھەممىسىنى قارا قويۇق تىللاۋەر دىگەنلىك ئەمەس ، تىللسىاڭ پەقەت ئاشۇ زۇلۇمنىڭ مەسئولىنى تېپىپ تىللا ،
3.ئەي سېيت نوچى بۇ ھارامزادە بىلەن چېلىشما ، چېلىشىپ قالساڭ يانپاشقا ئالما ، باشتىن ئىگىز كۆتۇرۇپ ئۇر ، دىگەندەك مەسئوللارنى تىللىماڭلار ،ناۋادا مەسئوللار سىلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىڭلارغا زىيان سېلىشتىن ئايانمسىا ، ىسلەرنىڭ ياۋاتقان نېنىڭلاردىن خوتۇنىنىڭ ئوسمىسىنى ئەلا بىلسە ، تىللاڭلار خۇددى ئۇچ پادىشاھلىقتىكى جۇگېلياڭدەك تىللاپ قان قۇستۇرۇپ ئۆلتۇرۇڭلار ، ھەرگىز رەھىم قىلماي تىللاڭلار ، گەرچە تىللىغانغا ئۆلۇپ قالىدىغان ئەمەلدارنى ھازىر كۇندۇزى چىراق ياقساقمۇ تاپقىلى بولمىسىمۇ ئەمما ھەر ھالدا جايىىنى تېپىپ تىللىيالسىاق ئەلھەمدۇلىللا زاماننى تۇزەشكە ھەسسە قوشقان بولىمىز ، زاماننى تىللمايمىز، زاماننىڭ مەسئولىنى تىللايمىز ، ئۆز ئىشىنىڭ ئەھلى بولمىغان مەسئوليىتىنى ئۇنۇتقان مەسئوللارنى تىللايمىز ،
4.ئۆتكەندە تىل يېزىق ئىشخانىسىغا بېرىپ ئانا تىل يېزىقىمىزنىڭ نەقەدەر بىچارە ھالەتكە چۇشۇپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلسام تىل يېناۋزىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدۇرى بىزنى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى باشقۇردۇ ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنى شەھەر باشلىقى باشقۇرۇدۇ ، بۇ موشۇنداق بىر قەدەم بىر قەدەم مەسئوليەت ، مەسئولىيەت دىگەن مەۋھۇم بولمايدۇ ، چوقۇم بىر ئادەم مەسئول بولۇدۇ ، ناۋاد،ا مەسئولىيىتىڭنى ئادا قىلالمىساڭ تىلىنى ئاڭلا ئەمىسە ، ئەلۋەتتە مەسئولىيەت دىگەن چىڭىغا چىقسا تىللالپلا ئەمەس قانۇنى مەسئوليەت دەپ ئاتىلىدۇ ،
5.ئۆتكەن يىلى يازدا بىر باققالدىن ئۈزۇم ئېلۋاتاتتىم ، قارىسام بىر ماشىنا توختاپ جاڭگۇيدسىى ماشىنىدىن چۇشمىدى ، ئۇچ تۆت خاشو باجگىرمۇ ياكى جىڭمۇ بىلىمىدىم ،كەلگەن پېتى باققالنىڭ جىڭىنى تارتىۋالدى ، باققال ئۇلارنىڭ كەينىدىن شۇنداق بىر قاغىدى ،مەڭگۇ ئۇنۇتالمايمەن ، : باققال ئۇلار سەل يىراقلاشقاندا پەس ئاۋازدا ئىچىڭگە كىسەل سالغاي خۇدايىم دەپ قارىغىدى ، بۇنداق گەپنى ئاڭلىۋېلىش شەرەپمۇ ئەمدى ، مۇئاشىنى دەپ موشۇنداق قارغىشنى ئېلىۋېلىش ئوبدان ئىش ئەمەستە
6.تىللمايلى ئەمەس تىللايلى جايىنى تېپىپ ئاشۇ ئىشنىڭ مەسئولىنى تېپىپ تىللايلى ،بارلىق ئۇۋالچىلىقلار يوقۇرىدىن تۆۋەنگە تۇتاشقان ھوقۇق زەنجىرىدىكى مەلۇم ناكەس ئەمەلدارنىڭ ئۆز مەسئولىيىتىگە بولغان خىيانىتى سەۋەپلىك ئوتتۇرغا چىقىدىكەن |
|