- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 6568
- نادىر
- 3
- يازما
- 178
ئۆسۈش
100%
|
بۇلتۇر دېكابىردىن بۇيان شەھىرىمىزدەكۆرۈلگەن تېلفۇن ئالدامچىلىقلىرى خىلمۇ-خىللاشقان.يېقىندا ئىناۋەتلىك كارتىدا ئىستىمال قىلغانلىق باھانىسى بىلەن تېلفۇندا ئالدامچىلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلگەن.بىرئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا تېلفۇن ئالدامچىلىق دېلوسىدىن30نەچچىسى قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ،قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇۋېلىپ،زىيانغا ئۇچرۇغۇچىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىدا ئىستىمال قىلىپ،قەرىز بولۇپ قالغانلىقىنى،پۇلنى دەرھال تاپشۇرمىسا زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچىنى تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالىدىكەن.
شەھىرىمىزنىڭ سايباغ رايۇنىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ خانىمغا بىركۈنى بىرەيلەندىن تېلفۇن كەلگەن . قارشى تەرەپ ئۆزىنى<<نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى>>دېگەن. ئۇ ۋاڭ خانىمنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىدىن 7000يۇەندىن ئارتۇق خەجلىۋەتكەنلىكىنى، ئەگەر بۇپۇلنى قايتۇرمىسا،تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ۋاڭ خانىم ئەزەلدىن نەنجىڭغا بېرىپ باقمىغان ھەم ئىناۋەتلىك كارتىسىمۇ يوق ئىكەن. لېكىن ئۇ<<سوت مەھكىمىسى خىزمەتچسى>>كەسكىن تەلەپپۇزىدا قەرىزنى قايتۇرمىسا تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، قورىققىنىدىن قارشى تەرەپنىڭ كارتىسىغا بۇ پۇلنى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ سېلىۋەتكەن. كېيىن ئۇ بۇ ئىشنىڭ سەل نورمالسىزلىقىنى بايقاپ، شەھىرىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان.
بۇلتۇردىن بۇيان شەھىرىمىز ساقچىلىرى تېلفۇندا ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىدىن1000دىن ئارتۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇ دېلولاردىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ياشانغان ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئىكەن. <<قوش بايرام >>يېتىپ كېلىش ئالدىدىدا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ نەيرەڭلىرىمۇ كۆپ خىللاشقان. شۇڭا ساقچىلار كىشىلەرنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرخىل ئالدامچىلىقلاردىن پەخەس بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.ئەگەر مۇشۇنداق ئالدامچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا، ھودۇقماستىن ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن تور يۈزىگە يوللىغۇچى: باغداش تور بېكىتى |
|