- تىزىملاتقان
- 2011-2-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 819
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
63.8%
|
چۈشكۈنلۈك پىسخىكىدا كۆرۈلىدىغان يامان ئادەتلەرنىڭ بىرى .ھەمىشە چۈشكۈن يۈرىدىغان ئادەمنىڭ ھەركىتى جانسىز ،چىرايى سۇلغۇن كۆرۈلىدۇ ،قىلىۋاتقان ئىشىمۇ چېچىلاڭغۇ ،تەرتىپسىز ،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل بولىدۇ ،شۇڭا ئۇنداق ئادەملەر بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلغاندا ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ .ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا شۇ خىل ھالەتكە كۆنۈپ قېلىپ ،چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا بارغانسېرى پاتىدۇ .ئەكسىچە ،قەيسەر ،ئىرادىلىك ،پىسخكىسى ساغلام ئادەملەر قىلمەن دېگەن ئىشىنى چوقۇم قىلىدۇ ،ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ،پىكىردە چىڭ تۇرىدۇ ،قىلغان ئىشىدىمۇ نەتىجە كۆرۈلىدۇ .
چۈشكۈنلۈكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشتا ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىش ،مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان بولۇش كېرەك .مۇنداقچە ئېيتقاندا ،ئىرادىسى چىڭ ،تىرىشچان ،چەبدەس ،ئىدىيەسى ئىلغار ،ئىنكاسى تىز ،سەمىمىي قىزغىن ۋە جانلىق بولغان ئادەملەرلا چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلالايدۇ ھەم بۇنداق مىجەردىكى كىشلەرگە چۈشۈكۈنلۈك يېقىنلىشالمايدۇ .جەمئيتىمىزدە پەرىشان بولۇپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئورنى بولمايدۇ .ئەگەر ئادەم ھەمىشە چۈشكۈنلىشىپ يۈرۈۋەرسە ،ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىشنى خالىمايدۇ .مەلۇمكى ،ئادەمنىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنشىدىكى ئەڭ يامان دۈشمىنى ئىدىيەنىڭ ساغلام بولماسلىقى .ئەمەليەتتە ،كىشىلىك ھاياتتىكى ھەربىر مەسىلە جاسارىتىمىزگە ،ئەقىدىمىزگە ،ئۈمىدۋارلىقىمىزغا ،ئىرادىمىزگە باغلىق بولىدۇ .ۋاھالەنكى ،كىشلەر ئوڭۇشسىزلىققا ياكى خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە قورقۇنچ ،گۇمانلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتى بىلەن ئىرادىسىنى يوقىتىپ ،چۈشكۈنلىشىش يولغا ماڭىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن كۆپ يىللىق پىلانلىرى ،ئارزۇ -ئارمانلىرىنى بىردەمدىلا يوققا چىقىرۋېتىدۇ .
يېغىنچاقلىغاندا،چۈشكۈنكىتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىش ،قەلبىنى چىرمىۋالغان چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىكنى تۈگىتىش ،ئۇنىڭدىن قالسا ،ئىرادىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت .توغرا ئىدىيە بىلەن ئىش كۆرگەندە ھەمدە قەتئىي نىيەتكە كەلگەندىلا چۈشكۈنلىكتىن قۇتۇلۇپ ،بارلىق ئوڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىب كەلگىلى بولىدۇ .
مەنبە :قانۇن گېزىتى |
|