- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1568
- نادىر
- 0
- يازما
- 157
ئۆسۈش
1.94%
|
birzat يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 19:46
........
قۇرئان كەرىمدە
> دېگەن ، نەجىم سۈرىسى 45-46- ئايەتلە ...
سالام بىرزات ئەپەندى،
بۇ تىمامغا قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت ھەم ئوخشىمايدىغان قاراشلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.
مەن سىز تىلغا ئالغان تىيەنجۇڭ جىيۇبىننىڭ يازغان ماقالىسىنى ئوقۇپ باقمىغان، خاپا بولماي ئىمكانىيىتىڭىز بولسا شۇ ماقالىنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز (ئېنگىلىزچە ياكى ياپونچە ئەسلى نۇسخىسىنى) مەن كۆرۈپ بىقىپ ئاندىن سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بىرەي. ھازىرغىچە مەن مۇشۇ توغۇرلۇق نوپۇزلۇق مىدىتسىنا تەتقىقاتلىرى ئېلان قىلىنىدىغان PubMed دەيدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدا ئۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرمىدىم، ئەگەر مەن بىلمەي قالغان تەتقىقات نەتىجىلىرى بولسا، مەن يەنە كۆپرەك ئۆگىنىۋىلىشقا تەشنامەن.
ئېرىك سايرانى ئەپەندىنىڭ كىتابىدا شۇ ماقالىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۈرلىرى بارمۇ؟ ئاپتۇرنىڭ خەنزۇچىدىن كىرگۈزگەن ئەمەس توغرا ياپونچە ئوقۇلۇشتىكى ئىسمى ۋە ئېنگىلىزچە يىزىلىشى، ماقالىنىڭ ئىسمى، ئېلان قىلىنغان ژورنال، يىل ۋە سان دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قانچىسى بولسىمۇ بولىدۇ. مەن ئىرىك سايرانى ئەپەندىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇچۇرغا قانداق ئېرىشكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇ كىتابىدا تىلغا ئالغان گەپلەرگە ھازىرچە تازا ئىشەنچ قىلالمايمەن. مەن يازغان ماقالەمدىكى ھەر بىر ئېغىز گىپىمگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى ساقلاپ ماڭىمەن،شۇڭا مەن دىگەنلىرىمدە خاتالىق بولسا مەن پايدىلانغان ماتىرىياللارنى يوللاپ قويسام بولىدۇ.
مىنىڭ بۇنداق گۇماندا بولۇشۇمنى توغرا چۈشەنسىڭىز. مەن ھازىرچە سىزنىڭ يازغان ماقالىڭىزغا قارىتا پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس! دىگەن پوزىتسىيەدە ئەمەس، بەلكى شۇنداقمىدۇ؟ دىگەن بىر پوزىتسىيەدىمەن. چۈنكى مەن ئۇ ئۇچۇرنىڭ ئىلمىي ئىسپاتلىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم، شۇڭا بىلمەي تۇرۇپ ئىشىنەلمەيمەن ھەم باشقىلارغىمۇ شۇنداقكەن دىيىشكە تىلىم بارمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە توغرىلىقى راستىنلا 90% يەتكەن بۇنچىۋالا مۇھىم بىر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى بار بولسا، ھىچبىر تورلادا گىپى چىقماي قىلىشى بەكمۇ كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتتا مەلۇم بىرى شۇنداقكەن دىگەن بولسا، ئىككىنچى كىشى ئوخشاش تەجرىبە ئىشلەپ ئۇمۇ شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە، بۇنداق تەتقىقات نەتىجىسى تىزلا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولىدۇ. مۇشۇلارنى بىلگەنلىكىم تۈپەيلى، مەن ھازىرچە تىيەنجۇڭ جىيۇبىننىڭ ماقالىسىنى بىر يەردىن تىپىپ ئوقۇپ باقمىغۇچە، بۇ مەسلىگە پەقەت گۇمانى نەزەردە قارايمەن. توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا سىز ماڭا ئىرىك سايرانى ئەپەندىنىڭ شۇ كىتابى ۋە مۇشۇ توغرىدا دىگەنلىرىدىن ۋە ئۇ پايدىلانغان ماقالە توغۇرلۇق ياكى ئۇ كىشى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بولامدۇ ئازراق ئۇچۇر بەرسىڭىز، مەن ئەلۋەتتە بۇنىڭ تىگىنى قىدىرىپ ھەر ئىككىمىزنىڭ گۇمانىنى ئېنىق قىلىۋىتىشكە كۈچەپ باقىمەن. سىز ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە ئازراقمۇ گۇمان قىلمىسىڭىز ياكى قىزىقمىسىڭىز، ئۇ ھالدا مەيلى.
جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. ئامان بولۇڭ. |
|