قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2843|ئىنكاس: 22

«ئۇيغۇر» نامىنى قوللىنىشنىڭ باش ـ ئاخىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 1318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 2996
توردىكى ۋاقتى: 778
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 17:51:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇيغۇر» نامىنى قوللىنىشنىڭ باش ـ ئاخىرى
   
غالىب بارات ئەرك
« ئۇيغۇر » دىگەن بۇ نام دۇنيادا نوپۇسى سەككىز مىليوندىن ئارتۇق تۇركىي تىل سىېستىمىسىدا سوزلىشىدىغان، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەرق خەلقىنىڭ نامى. ھازىر دۇنيادا 30 نەچچە دولەت ئالىملىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى تەتقىق قىلماقتا. مانا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقىنى « ئۇيغۇر » نامى قانداق مەنىگە ئىگە؟ قاچاندىن بېرى قوللىنىلغان؟ دىگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى جاۋابسىز، بىز توۋەندە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
« ئۇيغۇر » نامىنىڭ قاچاندىن باشلاپ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەق يازما خاتىرە يوق، شۇنداقتىمۇ بىز بەزى مەنبەلەرگە ئاساسەن مەسىلىنى يورۇتۇپ بەرىشكە تىرىشىمىز. 11 ـ ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ماھمۇد كاشغەرىنىڭ « تۇركىي تىللار دىۋانى » دا بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۇرك خاقانى بىلەن پۇتۇم تۇزگەندىن كېيىن سالدۇرغان، زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۇرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى توت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئىنان خۇدخۇراند ـ بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئوزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ » دەپتۇ.
ئاتاقلىق ئالىم ماھمۇد كاشغەرى خاتىرىلىگەن بۇ رىۋايەت بىزگە « ئۇيغۇر » نامىنىڭ مىلادىيەدىن توت ئەسىر بۇرۇن بارلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مەشھۇر ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مىلادىيەدىن توت ئەسىر بۇرۇن دۇنياغا كېلىپ دۇنيانى تىترەتكەن تارىخى شەخس. « ئۇيغۇر » نامىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىسكەندەرگە باغلاپ رىۋايەت قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ خاتىرىلەش ئەنئەنىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ بۇ نامنىڭ پەيدابولغان يىلىنى خاتىرىلەش ئۇچۇن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئىبارەت مەشھۇر ئىستىلاچى ياشىغان دەۋرنى خاتىرىلەپ يىل دەۋرىدىن مەلۇمات قالدۇرغان. ئۇيغۇر نامىنى ئىسكەندەرگە باغلاشتىكى مەقسەت بۇ دۇنياۋى ئىستىلاچىغا ئائىت ۋەقەلەرنىڭ يىراق جايلارغىچە تارقىلىدىغانلىقى ، ئۇزاق زامانلارغىچە تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىدىن بولغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە خاقانىيە ئاھالىسىنىڭ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن كۆرە ئوتتۇرا ئاسىيادا مىلادىيەدىن خېلى زامانلار بالدۇرلا مەۋجۇتلىقى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كىشىلەر ئېسىدە رىۋايەت سۇپىتىدە مەڭگۇ ساقلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. رىۋايەتنىڭ مەقسەتلىرىنى داۋام قىلساق « ئۇيغۇر » نامىنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قويغان بولۇشى ناتايىن. لېكىن دۇنيا مەشھۇر ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تىلىدىن « بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئوز ئوزۇقىنى ئوزى تەپىپ يەيدىغانلار » ئىكەنلىكىنى قايىللىق بىلەن دىگۇزۇش، ئەمەلىيەتتە ئوز نامىدىن پەخىرلىنىش ھەم خاسىيىتىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت، رىۋايەتتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركلەر بىلەن ئوخشاشلىقى بەلكى ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار بىر قىسمىنىڭ نامى بولغانلىقى، بۇ تەڭداشلىقنى ماھمۇد كاشغەرىنىڭ ئوزى ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باشقا بايانلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىسپاتلانغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4 ـ ئەسىردە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بىر قىسمىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىگە ئوتكەنلىكىنى كورسىتىپ بەردى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي داستانى « ئوغۇزنامە » مۇ بىزگە 106 ـ قۇرىدا مۇنداق مەلۇمات بەرىدۇ: « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغا نىمەن ». « ئوغۇزنامە » رىۋايەت خاراكتىرىنى ئالغان تارىخىي بولۇپ ئەپسانىمۇ ئارلىشىپ كەلگەن. ئەسەر تەخمىنەن 13 ـ ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغانبولسىمۇ ۋاقىئەلىك ناھايىتى قەدىمكى دەۋرگە بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇ تارىخى داستاندا ئۇيغۇر نامىنىڭ بېرىلىشى مەسىلىسى ئوغۇزخان تىلىدىن بايان قىلىنىدۇ. كوپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر دەپ قارايدۇ. بىز بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىسەك ئوغۇزخان مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 ـ ئەسىردىكى تارىخىي شەخس بولۇپ « ئۇيغۇر » سوزى شۇنىڭدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ، سەۋەبى ئوغۇزخان قىپچاق، قارلۇق، قاڭقا، قالئاچ ناملىرىنى بەرگەن بولسىمۇ « ئۇيغۇر » نامىنى ئوغۇزخاننىڭ قويغانلىقىنى دىمىگەن، لېكىن « ئۇيغۇر » نامى ئۇلار قۇدرەتلىنىپ كۇچلۇك دولەت قۇرغاندا ھەممە قەبىلە ئورۇقلارغا بايرىقى ئاستىغا جەملەنگەندە ئاندىن زاھىر بولغان. ئوغۇزخانمۇ ئۇيۇغانلارنىڭ، كۇچ ـ قۇدرەت تاپقانلارنىڭ قاغانى بولغان. بىز بۇ تارىخىي داستاندىن « ئۇيغۇر » نامىنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 ـ ئەسىردىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى مەنە جەھەتتىن « ئۇتقۇچى ،كۇچلۇك، قۇدرەتلىك، » مەنىسىدە ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ ھەمدە بىرەر مىللەتنىڭ ئەمەس سىياسىي گەۋدىنىڭ دولەتنىڭ نامى بولغانلىقىنى كورسىتىپ بەرگەن.
موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نەمەتۇللا موجىزى ‹‹ تەۋارىخى مۇسقىييۇن›› ناملىق ئەسىرىدە (1854 ـ يىلى يېزىلغان) ‹‹ياركەند، خوتەن ئەھلى بۇ زامانغىچە بەش مىڭ سەككىز يۇز ئەللىگ يىل ›› ياشىغانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەكەن، خوتەنلەردە ياشىغىلى 5850 يىل بولغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئەجدادىمىز ھازىرغىچە تەخمىنەن ئالتە مىڭ يىل بولغان بولىدۇ.
بەزىبىر تارىخچىلار مىلادىيىنىڭ ھارپىسىدىكى ۋەقەلەردە ئۇچرايدىغان呼结 نامىنىمۇ ئۇيغۇر نامىنىڭ باشقىچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى دەپ قارايدۇ، چەت ئەل مەنبەلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ كورسەك مىلادىيە ئىككىنچى ئەسىردە ياشىغان گېرىك ئالىمى تولمىي ‹‹جۇغراپىيە›› ناملىق كىتابىنىڭ ‹‹ سېرىس ئېلى » بابىدا « ئوكخورداش، ئوكخورداي » ناملىرىنى خاتىرىلىگەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئومۇمىي پىكرىگە قارىغاندا سېرسى ئېلى خوتەن، قەشقەرلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تارىم ئويمانلىقىنى كورسىتىدىكەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا يۇقىرىقى ئىككى نام « ئۇيغۇر دەرياسى، ئۇيغۇرلار » دىگەننى كورسىتىدىكەن.
تەيۋەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئالىمى پروفىسسور ئابدۇللا تىمەن ئوغلى ئەپەندى دىيارىمىز قوشنا ئەل بولغان ھىندىستاننىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ مۇنداق دىگەن: « ھىندىستان تارىخى ماتىرىياللىرىدا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى تۇركلەرنىڭ تەڭرىتېغىنى مەركەز قىلىپ دولەت قۇرغان خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى ئاھالىسى ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ شەھەر تۇرمۇشى كەچۇرگەن. لېكىن تۇرك نامىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇركلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاتىغان ».
تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ليويتاڭ « ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات » ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: « تۇرك ۋە غەرب ئالىملىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بۇگۇنكى شىنجاڭ رايونىنى يادرو قىلغان ھالدا غايەت چوڭ خانلىق قۇرغان». مەيلى قانداق بولمىسۇن يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا « ئۇيغۇر » نامىنى مىلادىيەدىن خېلىلا ئىلگىرى پەيدا بولغان ھەمدە ھازىرقى شىنجاڭنى مەركەز قىلغان ھالدا ياشىغان « ئۇيۇشقان » بىر ئىنسانلار توپىنىڭ ۋە سىياسىي نامى سۇپىتىدە خىزمەت قىلغان.
بىر ئومۇر ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق ئالىم گۇبائىن خانىم مەرھۇم زوردۇن سابىر ئەپەندىگە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرسى، ئارىيانلار ھىندىستاندىن ياۋروپاغا كوچۇپ كېلىشتىن 500 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دولىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تىل ـ يېزىق مەدەنىيىتى بار ئىدى »
دىمەك، تارىخىي پاكىتلار بىزگە ئەنىق كورسىتىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇيغۇرلار ناھايىتى قەدىمىي مىللەت بولۇپ تارىختا شىنجاڭنى مەركەز قىلغاندا كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ناھايىتى جەڭگىۋارلىق بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا سەمەرىلىك روللارنى ئوينىغان. « ئۇيغۇر » نامىغا كەلسەك بۇ نامنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە بىۋاسىتە ئەنىق تارىخىي پاكىت بولمىسىمۇ بۇ نامنى ئەڭ كەيىن دەگەندىمۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4 ـ ئەسىردىن بۇرۇن بارلىققا كېلىپ قوللىنىشقا باشلىغان دىگەن ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن.
ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق مىلادىيەدىن ئىلگىرىلا پەيدا بولۇپ دۇنيادىكى مۇھىم ئەل نامى بولۇپ قالدى، لېكىن مىلادىيىنىڭ ھارپىسىدا بەلكىم مىلادىيىنىڭ بېشىدا بۇ نام ئەسلىدىكى شان ـ شوھرىتىنى يوقاتقان، ئىلگىرىكى شوھرىتىنىڭ ئەكسىچە تارىخنامىلەر كورۇلۇشى يوقنىڭ ھىسابىدا بولۇپ قالدى، بەلكىم ئىنتايىن كىچىك سىياسىي گۇرۇھ ياكى بىرەر قەبىلىنىڭ نامى سۇپىتىدە ساقلىنىپ قالغان بولسا كەرەك.
« ئۇيغۇر » نامى مىلادىيىنىڭ بېشىدىن تاكى 6 ـ ئەسىرگىچە يەنى تۇرك ھاكىمىيەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققۇچە ناھايىتى ئاز كورۇلدى، شۇنداقلا جۇڭگو مەنبەلىرىدە 袁纥دىگەندەك ناملاردا خاتىرىلىنىپ ناھايىتى ئاز كورۇلگەن.
مىلادىيە 7 ـ ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇر نامى قايتىدىن تارىخىي، سىياسىي سەھنىدە ئوزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار دەسلەپ تۇرك ھاكىمىيىتىدىن مۇستەقىل تۇرۇش ئۇچۇن قارلۇق، باسمىل، سىرتاردۇش قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تۇركلەرگە قارشى كۇرەش ئېلىپ باردى. گەرچە ئوز ھاكىمىيىتىنى تۇرغۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ كوپ چاغلاردا تۇركلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مىلادىيىنىڭ 740 ـ يىللىرى ئەتراپىدا ئوز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا، تۇركلەرنى ئوز ھاكىمىيىتىگە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت شەرقتىكى ئەڭ كۇچلۇك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئاتلىنىدۇ، شۇڭىمۇ فرانسىيىلىك شەرقشۇناس رېنى گوسسوت « يايلاق ئىمپىرىيىسى » ناملىق كىتابىدا، ئاۋىستىرىيىلىك ماككرىىس « ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى » ناملىق كىتابىدا بۇ ھاكىمىيەتنى « ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى » دەپ ئاتىغان. بۇنداق دىيىش ئاساسسىز ئەمەس ئىدى، چۇنكى جۇڭگودا ئەڭ ئۇزاق ھوكۇم سۇرگەن تاڭ سۇلالىسى ئوڭلۇك ـ سويگۇن توپىلىڭىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا باج ـ سېلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ يەردىكى دىققەتكە سازاۋەر يەنە بىر نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى 回纥نامى بولسا 回鹘غا ئوزگەرتىلدى. سەۋەبى مىلادىيە 789 ـ يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ شۇنداق يېزىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىككى خىل ئاتالمىنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ مەنە جەھەتتىن ئوز نامىنىڭ شوھرىتىنىڭ مۇۋاپىق ئەكس ئەتتۇرۇلۇشىنى كوزلىگەن، تارىخىچىلار « ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقارغا ئوخشاش جەسۇر ۋە چىۋەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۇچۇن » ئۇيغۇر « دىگەن نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى 回纥 دەگەن سوزنى回鹘 دىگەن سوزگە ئوزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى » دەپ قارايدۇ. بىز بۇلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوز نامىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز ۋە ئۇ ئوزگەرتىش بىلەن يۇقىرىدا كورگەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىلەن باغلانغان رىۋايەتنىڭ مەلۇم مەنبەداشلىقى بار دەپ ئويلايمىز.
مىلادىيە 840 ـ يىلىغا كەلگەندە بۇ « ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى » تۇرلۇك ئىچكى نىزاھلار، تەبىئىي ئاپەتلەر تۇپەيلىدىن ئاجىزلاشقاندا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمى ۋە ئوزگەرتىشى بىلەن قىرغىزلار ھۇجۇم قىلىپ بۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋەتتى. تېرىتورىيە دائىرىسىدىكى خەلق ئۇچكە بولۇنۇپ بىر بۆلىكى شۇ زىمىندا قالدى ( قىرغىزلارنىڭ ھاكىميىتىگە ئۆتتى). بىر بۆلىكى جەنۇبقا ـ سەددىچىن ئىچىگە كوچۇپ تاڭ سۇلالىسىغا بېقىندى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ئۇزاققا قالماي ئوگە تېگىن ۋە ئارمۇزد تېگىن باشچىلىقىدىكى بۇ بولەك پۇتۇنلەي تۇگىدى. يەنە بىر بولەك ـ تەخمىنەن 200 نوپۇس ـ « غەربكە » قاراپ كوچتى، ئۇلار گەنسۇ ئولكىسىگە كەلگەندە يەنە ئىككىگە بولۇنۇپ، بىر بولىكى گەنسۇ ئولكىسى دائىرىسىدە قېلىپ كېيىنچە مۇشۇ زىمىننى مەركەز قىلىپ « گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى » دىگەن ھاكىمىيەتنى قۇردى، يەنە بىر بولىكى تۇرپان ـ قارا شەھەر دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇ ئەسلى ئۇيغۇرلار بۇ جاينىڭ تارىخىدا رول ئوينىيالمىدى (مالىيەۋكىن)، بەشبالىقىنى مەركەز قىلغان « ئۇيغۇر ئېلى » (بەزىبىر مەنبەلەردە ئون ئۇيغۇر ئېلى دىيىلگەن) قۇرۇلغاندا ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ يىپەك بولىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا سودا ـ مەدەنىيەت ئالاقە يولىنى كونترول قىلغانلىقى شەرق بىلەن غەربنىڭ تۇرلۇك ئالاقىلىرىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينىغانلىقى تۇپەيلى بۇ نام قايتىدىن مەشھۇر بولدى، دۇنيا بۇ نامنى قايتىدىن تونىدى. « ئۇيغۇر ئېلى » دە مەدەنىيەت ـ ئىقتىساد گۇللىنىپ ئەينى ۋاقىتتا شەرقتە ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان. شۇڭا ئەلچى ۋاڭ يەندى بۇ ئەلنىڭ باياشات ـ پاراۋانلىقىنى، بىرمۇ كەمبەغەلنىڭ يوقلۇقىنى يازدى، شائىر مازۇچاڭ ياشانغانلىرىدا ساۋاتسىزلار يوقلۇقىنى يازىدۇ. مىلادىيە 13 ـ ئەسىردە موڭغۇللار شەرقتىن غايەت زور قۇدرەت بىلەن كېڭەيمىچىلىك باشلىدى. 1209 ـ يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدىقۇتى پارچۇق ئارات تېگىن ئوز ئېلىنى يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان قىتانلارنىڭ نازارەتچىسىنى ئولتۇرۇپ موڭغۇللارغا بېقىندى. موڭغۇللار باش كوتۇرۇپ چىققان بۇ چاغلاردا مەدەنىيەت جەھەتتىن ناھايىتى قالاق ئورۇندا ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇلارغا مەدەنىيەت ئوقۇتقۇچىسى، ھاكىمىيەت يۇرگۇزۇشتە يېتەكچى بولدى. گەرچە ھاكىمىيەتنى موڭغۇللار ئىگىلىگەن بولسىمۇ ھاكىمىيەت يۇرگۇزگۇچىلەر ئۇيغۇرلار بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نام ـ شوھرىتى موڭغۇللارنىڭ قەدىمى يەتكەن ـ يەتمىگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە مەشھۇر بولدى. دۇنيادا بۇ نامنىڭ شوھرىتى پەلەككە يەتتى.
ئەمدى بىز مۇشۇ تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى كورۇپ باقايلى: ئۇيغۇر ئېلى ھاكىمىيىتى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىككى خانلىقتىن بىرى خاقانىيە (قاراخانىلار) سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ماھمۇد كاشغەرىنىڭ « تۇركىي تىللار دىۋانى » دىكى بايانلىرىنى كورەلەيلى:
« مەن تۇركلەرنىڭ ئەڭ سوزمەنلىرىدىن، پىكىرنى روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن. تۇرك، تۇركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سوزلىرىنى، قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئۇلاردىن پايدىلاندىم ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۇركچە ». ئاتاقلىق ئالىمىمىز ماھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، قەبرىسىنىڭ قەشقەر ئوپالدا ئىكەنلىكىنى ھازىر دۇنيا ئېتراپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا ماھمۇد كاشغەرى نىمە ئۇچۇن ئوزىنى « تۇرك » دەيدۇ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ساپ تۇركچە دەيدۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇرلار بىلەن تۇركلەرنى بىر خەلق دەپ قارىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟ مەيلى تۇرك خانلىقى دەۋرىدە بولسۇن كېيىنكى چاغلاردا بولسۇن، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇركلەر ئوزلىرىنىڭ بىر خەلق دەپ ئاتىغان ئۇيغۇر تىلى ساپ تۇركچە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تىل، ئۆرپ ـ ئادەت، تېرىتورىيە، ئىقتىسادىي بىرلىك بارئىدى. ئالىم ئەسىرىدە خاقانىيە دائىرىسىدە ياشىغۇچى ئەجدادلىرىمىزنى « خاقانىيە تۇركلىرى » دەپ ئاتايدۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئەلىدىكىلەرنى «ئۇيغۇرلار »، «تات ئۇيغۇر » دەپ ئاتايدۇ. «تات ئۇيغۇر›› ئاتاش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇسۇلمان تۇركلەردىن پەرقلەندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ‹‹تات›› ئاتالمىسىنى قوللىنىش بىر مىللەتنى ئېتىقاد جەھەتتىن پەرقلەندۇرۇشنى مەقسەت قىلامدۇ قانداق؟
ماھمۇد كاشغەرىنىڭ زاماندىشى خاقانىيىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، جامائەت ئەربابى يۇسۇپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› ناملىق ئەسىرىگە نامەلۇم ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان مۇقەددىمىدە مۇنداق دىيىلىدۇ. (20 ـ 19) ‹‹تۇركىستان ئەللىرىدە بۇغراخان تىلىنچە تۇرك لۇغەتىنچە بۇ كىتابتىن ياخشىراق ھەرگىز كىم ئەرسە تەسىف قىلمادى›› ـ ‹‹پۇتۇن تۇركىي خەلقلەر ياشايدىغان يەرلەردە بۇغراخان تىلىدا تۇركىي سوز بىلەن (ھىچكىم) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى يازغىنى يوق››
33. قۇر ئاي ئول بۇكىتابقا قەبۇل بولدۇقى
بۇ تۇركلەر تىلىندە ئەجەپ كۆردۇكى
(يا، بۇ كىتاپنى قوبۇل قىلغۇچى،
بۇ تۇركچە ئەسەرگە ئەجەپلەنگۇچى)
73. ئەرەبچە، تەجىكچە كىتابلار ئوكۇش
بىزىڭ تىلىمىزچە بۇ يۇمغى ئۇقۇش
(بىزنىڭ تىلىمىزدە بۇ يالغۇز شۇلا.)
75. بۇ تۇركچە قوشۇغلار تۇزەتتىم ساڭا
ئوقىدا ئۇنۇما دۇئا قىل ساڭا
(بۇ تۇركچە قوشاقلارنى تۇزدۇم ساڭا،
ئوقۇردا ئۇنتۇما دۇئا قىل ماڭا)
‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› داستانىغا يېزىلغان مۇقەددىمە قانداقلا بولمىسۇن مىلادىيە 13 ـ ئەسىردىن بۇرۇن يېزىلغان. مۇقەددىمىنىڭ خاقانىيە خاقانلىرىغا مەدھىيە ئوقۇشى ھەمدە ئۇلارنى ‹‹ شەرقنىڭ مەلىگى، ماچىنلار بەگى›› دەپ مەدھىيىلىشى ھەمدە ئۇلارنى بىلىم سويۇشتە ‹‹ دۇنيادا بىرلا ـ ئاجۇندا يەگ›› دىيىشلىرى سوزىمىزگە دەلىل بولىدۇ. ئەسەردە تۇرك ئىبارىسى ئېتنىك نام سۇپىتىدە قوللىنىلغان.
ئەمدى بىز ‹‹ئۇيغۇر ئېلى›› تېرىتورىيىسىدە ياشىغان ئاتاقلىق ئالىم سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ نىمە دەپ يازغانلىقىنى كورۇپ باقايلى: ‹‹بەش بالىغلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن تۇرك ئۇيغۇر تىلىنچە ئىكىلەيۇ ئەۋىرمىش ـ بەشبالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن تۇرك ـ ئۇيغۇر تىلىغا ئىككىنچىلەپ تەرجىمە قىلغان››. ئالىم ‹‹ئالتۇن يارۇق››نى تەرجىمە قىلغاندا مۇنداق يازىدۇ: ‹‹بىش بالىغلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ياڭىردى تۇرك تىلىنچە ئەۋىرمىش ـ بەشبالىقلىق ساڭقۇ سەلى تۇتۇڭ قايتىدىن تۇرك تىلىغا تەرجىمە قىلىغان››. ئالىمنىڭ پارچىسى تېپىلغان يەنە بىر تەرجىمە ئەسىرىدە: ‹‹ئون ئۇيغۇر ئەلىنتە كىنكى بوشوغۇتلۇق بىس بالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن ئىكىلەيۇ تۈرك تىلىنچە ئاقتارمىش ـ مەدھىيىلەنگەن ئون ئۇيغۇر ئېلىندە كېيىن ئوقۇمۇشلۇق بولغان بەشبالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن ئىككىنچىلەپ تۇرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان».
سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ 10 ـ ئەسىردە ياشىغان ئالىم، ئۇنڭىغا ئوخشاشلا 8 ـ ، 9 ـ ئەسىرلەردە ياشىغان دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى پېرتانراكشتمۇ ئوز تىلىنى « تۇرك تىلى » دەپ ئاتىغان.
ئوتتۇرا ئەسىردە ھۆكۇم سۇرگەن « خاقانىيە » ۋە « ئۇيغۇر ئېلى » تېرىتورىيىلىرىدە ياشىغان خەلق ئوز تىلىنى ئورتاق ھالدا « تۇرك تىلى »، ئوزلىرىنى بولسا « تۇرك » دەپ ئاتىغان. ئوزلىرىنىڭ سىياسىي ھاكىميەتلىرىنى « خاقانىيە » ۋە « ئۇيغۇر ئېلى » (ئون ئۇيغۇر ئېلى دەپمۇ ئاتىغان) دەپ ئاتاشقان. ماھمۇد كاشغەرى خاقانىيىلىكلەرنى « خاقانىيە تۇركلىرى » دەپ ئاتىغاندەك، سىڭقو سەلى تۇتۇڭ « تۇرك ـ ئۇيغۇر » دەپ ئاتىغان. خۇددى ماھمۇد كاشغەرى « ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى » دىگىنىدەك « ئۇيغۇر » سىياسىي نام ئىدى، يەنە بىر جەھەتتىن جۇغراپىيىلىك نام ئىدى. لېكىن خەلقنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىمىغان، ئۇلارنىڭ تىلى بولسا « ئۇيغۇر تىلى بولسا »ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇركلەرنىڭ تىلى ئىدى، ئۇلار موڭغۇللارغا خىزمەت قىلغان چاغلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئوزلىرىنى پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن دولەت نامى بويىچە ئوزلىرىنى ‹‹ئۇيغۇر›› دەپ ئاتاشقان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا ئىگە سىياسىي نامدۇر. شۇڭىمۇ مىرزا ھەيدەر كورگانى ‹‹تارىخىي رەشىدى›› ناملىق كىتابىدا ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ‹‹ئۇيغۇرىستان›› دەپ يازغان.
بۇ ئىككى خانلىق تېرىتورىيىسىدىكى ئاھالە بىردەم تۇرك، بىردەم ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇنداقتا ماھمۇد كاشغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، پىرتانراكشمۇ ئۇيغۇر تۇرك يەنى باشقا مىللەت بولۇپ قالمامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە يۇننەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىرى ‹‹جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى›› ناملىق ئۇچ توملۇق كىتابىدا ئورخۇن ـ يەنسەي ۋادىسىدا تاشقا ئويۇپ قالدۇرۇلغان تارىخىي ئابىدىلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ ‹‹ مەڭگۇ تاشتا مۇنداق دىيىلگەن: توققۇز ئۇيغۇر، بىز بىلەن بىر مىللەت، تۇركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان تارماقتۇر، شۇڭا مەڭگۇ تاشنىڭ بايقىلىشى بىزگە شۇبھىسىز جاۋاب بەردى›› دىگەن يەكۇننى چىقارغان. ۋ. سامۇرىن تاڭ دەۋرىدىكى تارىخ كىتابلىرىغا ئاساسلىنىپ ‹‹ئۇيغۇر›› دىگەن بۇ نام كۆپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ سۇپىتىدە قوللىنىلغان، ئىنتايىن ئاز چاغلاردا مەلۇم قەبىلە ياكى مەلۇم پارچە تۇپراقنى كورسەتكەن، كېيىنچە بىر خەلق تىلىنىڭ نامىغا ئايلانغان، ئۇنى ئىشلىتىپ قەدىمكى تۇرك تىلىنىڭ بىر خىلىنى پەرقلەندۇرگەن » دەپ يازىدۇ.
خەنزۇلارنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى « ھون تارىخى »، « تۇرك تارىخى » ۋە « ئۇيغۇر تارىخى » دەك كىتابلارنىڭ ھەمدە كوپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى بولغان پروفىسسور لىن گەن « تۇرك تارىخى » ناملىق كىتابىدا « ئۇيغۇر = تۇرك » دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز بۇ نۇقتىلارنى چۇشىنىشىمىزدە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىردە ئوزلىرىنى تۇرك دىسە بىردە ئۇيغۇر دەپ ئاتاشتىكى مۇددىئاسىنى چۇشىنەلەيمىز.
مىلادىيە 10 ـ ئەسىردە ئىسلام دىنى خاقانىيە سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كەڭ كولەملىك غازاتلار ئارقىسىدا تەردىجى ئىسلامىيەت خاقانىيىدە ئومۇملىشىدۇ. لېكىن خاقانىيە ئۇيغۇر ئېلىنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا ئۇلگۇرمەيلا يىمىرىلىدۇ. ئالدى بىلەن قىتانلارنىڭ ئاندىن موڭغۇللارنىڭ ئىستىلاسى بۇ ئىككى ئەلنى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما شۇ ئىستىلاچىلار يەنە مەدەنىيەتلىك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئاسسىلىماتسىيە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرئېلىنىڭ كوپچىلىك ئاھالىنى ھېسابقا ئالمىغاندا موڭغۇللار بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا دىن ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق تارىخى دەۋردە چىڭگىزخان ئەۋلادى بولمىش توغلۇق تومۇرخان مىلادىيە 1348 ـ يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن موڭغۇللارنىلا ئەمەس بارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۇركلەرنى ھەم مەجبۇرىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگۇزدى. شۇندىن باشلاپ ئانا تۇپراق ئالتۇن دىيارىمىزدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىكى ئېدىئولوگىيە پەرقىمۇ تۇگىدى. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ئارىسىدىكى تىل شىۋىسى پەرقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىرلىككە كەلدى. شۇندىن باشلاپ ئەلىشىر نەۋائى « مۇھاكىمە تىل لۇغەتتىن » ئەسىرىدە ۋە زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابىرنىڭ « بابۇرنامە » سىدە بىر نەچچە جايدا « ئۇيغۇر » ئىبارىسىنى تىلغا ئالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا « تۇرك » نامى ئومۇمىي نامغا ئايلىنىدۇ. خەلق ئوزىنى « تۇرك » ياكى مۇسۇلمان دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە يۇرتنىڭ نامى بىلەن خوتەنلىك، قەشقەرلىك، لوپلۇق، تارانچى، دولانلىق دىگەندەك ناملاردا ئاتايدۇ. بۇ خىل ھالەت ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، مۇشۇ ئەسىردىكى ئالىملاردىن ئابدۇقادىر داموللا، ھوسەيىنخان تەجەللىلەرمۇ ئوزلىرىنى « تۇرك » دەپ ئاتىغان. خەنزۇچە مەنبەلەردىمۇ 1884 ـ يىلىدىن ئىلگىرى يۇرتىمىزمۇ مۇسۇلمانلار يۇرتى (回疆) دەپ يازغان ھەمدە ئەجدادلىرىمىزنى تۇڭگانلاردىن پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن 缠头 دەپ ئاتىغان.
« ئۇيغۇر » دىگەن بۇ نام مىلادىيە 1350 ـ يىللاردىن 1935 ـ يىللارغىچە ئۇنتۇلۇپ ئۇنىڭ ئىزىغا « تۇرك » دىگەن ئەسلى نام قوللىنىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن پەرقلىق ئاتىغان، مۇسۇلمان دەپ ئاتاشمۇ بىر خىل مىللەت نامى تۇسىنى ئالغان. ئۇنداقتا « ئۇيغۇر » دىگەن بۇ مىللەت نامى قانداقچە قايتىدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟
بۇمەسىلىنى ئالدى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە باغلاپ چۇشىنىش مۇمكىن. مىلادىيە 20 ـ ئەسىردە دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئاجايىپ ئوزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلدى. چاروسىيە ئاغدۇرۇلۇپ تۇنجى سوتسىيالىستىك ئىمپىرىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. سوۋېت ئىمپىرىيىسى بارلىققا كېلىشى بىلەنلا ئوزىنى پۇتكۇل دۇنيادىكى ئېزىلگۇچىلەرنىڭ باشلامچىسى دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە تۇرلۇك ئاماللار بىلەن غەربىي تۇركىستاننى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىيانى مەڭگۇ ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۇچۇن گۇرۇھلارغا بولۇپ ئىدارە قىلىش زورۇر بولۇپ قالدى. بۇ خۇددى ‹‹ئۇيغۇرلار يەڭىدىن بارلىققا كەلگەن مىللەت گەۋدىسى بولۇپ، ئۇ تەسەۋۋۇر ئىچىدىكى تارىخىي ئەنئەنە ۋە يېقىنقى سىياسىي ئەھتىياج تۇپەيلىدىن يەرداشلىقنى بىرىكتۇرۇپ باشقىلار تەرىپىدىن كەشپ قىلىپ چىقىلغان›› دىيىلگەنگە ئوخشاش مەلۇم پەرقلەرنى ئاساس قىلىپ يېڭى مىللەتلەر ياساپ چىقىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋە ئوزبەك بارلىققا كېلىپ تۇرك نامى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىلدى.
ئۇنداقتا ‹‹ئۇيغۇر›› ئاتالمىسى قانداقچە بۇ يېڭى مىللەتكە نام قىلىپ قوبۇل قىلىندى؟ قازاق ئاكادىمىك ظا. ت قايدارۇۋ ‹‹1921 ـ يىلى س. ظة. مالوۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. يىغىن قاتناشچىلىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشنى ھەمدە شىنجاڭدىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىشنى بىردەك قوللىدى›› دەيدۇ. بۇ يىغىن 1921 ـ يىل 6 ـ ئايدا ئېچىلغان بولۇپ شۇ نۇقتىنى ئىلمىي ھالدا پەرەز قىلىش مۇمكىنكى يىغىندا رۇس ئۇيغۇرشۇناسى مالوۋ ئوزىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسىلىقتىكى شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ ‹‹ئۇيغۇر›› نامىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ شەرھىلەپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى قايىل قىلغان. چۇنكى مالۇۋ ئاكادىمىك رادلوۋنىڭ شاگىرتى بولۇپ ئۇنۋېستېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ تۇرك تىلى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1909 ـ يىلىدىن 1911 ـ يىلىغىچە، 1913 ـ يىلىدىن 1915 ـ يىلىغىچە شىنجاڭ ۋە گەنسۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ (سەرق ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ) تىل ۋە فولكلورىنى تەكشۇرگەن. 1916 ـ يىلى تۇرك فلولوگىيىسى بويىچە ماگىستىر بولغان. 1917 ـ يىلىدىن كېيىن قازان، پېتىربورگ، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرك تىل ـ ئەدەبىياتىدىن دەرس ئوتكەن. 1939 ـ يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادىمىكى بولغان. ئۇ ھاياتىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب، ماقالىلەر ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۇشۇپ قانۇنلاشقان. 1924 ـ يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نوپۇس تەكشۇرۇشتىن باشلاپ بۇ نام كورۇلۇشكە باشلىغان. ئۇنداقتا بۇ نام قانداقچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا كوچۇپ كەلدى؟ بۇ نام بېكىتىلىپ قانۇنلاشقاندىن كېيىن مەتبۇئات، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئالى ئىلىمگاھلاردا قوللىنىلدى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان زىيالىلىرىمىز ئىلىم ئېلىش ئۇچۇن سوۋېتقا چىقىپ تەدرىجىي بۇ نامنى قوبۇل قىلدى. مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر شائىرلىرىمىز مەمتىلى توختىھاجى ئوغلى تەۋپىقى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر نامنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوبۇل قىلغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا شىۋىتسارىيىلىك داڭلىق دىپلومات، ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر گۇننار ياررىڭ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا ‹ تۇرك › نامىنىڭ ئورنىغا ‹ ئۇيغۇر › نامى دەسسىدى بۇ ئاتالغۇنىڭ تەشەببۇسچىسى س. ئە مالوۋ›› (‹‹قەشقەرگە قايتا بېرىش›› قا قاراڭ)، ئۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇر نامىغا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاتالمىسى سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.
‹‹ئۇيغۇر›› ئاتالغۇسى شىنجاڭدا زادى قاچاندىن باشلاپ قانۇنلىشىپ قوللىنىلدى؟ بۇ ھەقتە خارۋورت ئۇنىۋېرستېتىنى پۇتتۇرگەن تۇرپان ئەكىسپىدىتسىيىگە قاتناشقان جاسيان لودېس (1933 ـ يىلى شىنجاڭغا كەلگەن سوۋېت دىپلوماتى ئاپىراسيۋ شىنجاڭ مىلىتارىسى شىنجاڭ شەرىپىگە بەرگەن تەكلىپ ئىچىدە تارىم ۋادىسىدىكى ئامىللارنى 20 ـ يىللاردىكى لېنىن ئاساس قىلغان سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى تىل ـ تارىخ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئۇيغۇر دەپ ئاتاش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن » دەيدۇ. شۇ چاغلاردا قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان « شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » بەلكىم سوۋېت ئىمپېرىيىسىنى چوچۇتۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، چۇنكى شۇ زاماننىڭ ھىيلە ـ مىكىر شاھى، ئەشەددىي فاشىست شېڭ شىسەي ئوز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۇچۇن قىزىل فاشىست ستالىندىن ئىبارەت دۇنياۋى شەخسكە ئوزىنى سادىق ئىت قىلىپ كورسىتىپ، بولشىۋېك بولغان ئىدى. سوۋېت ئىمپېرىيىسى نۇرغۇنلىغان بولشىۋىكلارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە غايەت زور توھپىلەرنى قوشتى، 1934 ـ يىلى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما قۇرۇپ بىر مەزگىل ئوتكەندىن كېيىن « چەنتۇ » دىگەن نامنى « ئۇيغۇر » دەپ ئوزگەرتىش 2 ـ نوۋەتلىك ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا قانۇنلاشتۇرۇلغان. قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر دىگەن نامنى خەنزۇچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چۇشۇپ 威武儿 دىگەندەك لايىھەلەرمۇ بار بولغان، بۇنىڭ مەنىسى بولسا « ئالىيجاناب، جاسارەتلىك تەڭرىنىڭ ئامراق پەرزەنتى » دىگەن مەنىنى بەرگەن. بورھان شەھىدى « شىنجاڭنىڭ 50 يىلى » ناملىق ئەسىرىدە « مەن يۇۋىنبىن بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ 维吾尔دەپ يازايلى دىيىشكەن ئىدۇق، ئولكىلىك ھوكۇمەتنىڭ يىغىنىغا سۇنۇپ ماقوللانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنىڭ رەسىمى يازما شەكلى قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن ئەتىبارەن ئۇ بارا ـ بارا كەڭ قوللىنىلدى » دەپ يازىدۇ. 维吾 بولسا مېنى ھىمايە قىل دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ نام ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۇشىدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مىللەتلەرنىڭ نامىنى ئوزگەرتىش بولغان. بۇرھان شەھىدىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا « بۇلۇت » ئورنىغا « قىرغىز » « نۇغاي » ئورنىغا « تاتار » بېكىتىلگەن. « جۇڭگو » ئاتالمىسىنى « خىتاي » دەپ تەرجىمە قىلماي ئاھاڭ بويىچە ئاتاشمۇ بەكىتىلگەن، تاكى 1949 ـ يىلىغىچە خەنزۇ نامى ئورنىغا « خىتاي » دىگەن نام قوللىنىلغان.
خۇلاسە قىلغاندا ئۇيغۇر نامى كېيىن دىگەندىمۇ مىلادىيىدىن توت ئەسىر ئىلگىرىكى دەۋردىنمۇ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ كوپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ، دولەت نامى سۇپىتىدە قوللىنىلغان، ئىنتايىن ئاز ساندىكى چاغلاردا قەبىلە نامى بولۇپمۇ قوبۇل قىلىنغان. ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئورخون ـ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامى بولغان. تەخمىنەن مىلادىيە 1350 ـ يىللىرى ئەتراپىدا ئىشلىتىلىشتىن قالغان. مىلادىيە 1921 ـ يىلى 6 ـ مايدا تاشكەنتتە زىيالىيلار قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرشۇناس مالۇۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قارار قوبۇل قىلىنىپ شىنجاڭدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىسمەن ئاھالىنىڭ نامى سۇپىتىدە بېكىتىلگەن، 1924 ـ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نوپۇس تەكشۇرۇشتىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان، قوللىنىشقا باشلىغان. شىنجاڭدا بولسا شېڭ شىسەي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى مەسىلھەتچىلىرىنىڭ كورسەتمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنىپ 2 ـ قېتىملىق ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا (1934 ـ يىلى) قانۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىنغان ھەمدە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. بۇ نام نىمىشقا شۇنچە تېزلا ئومۇملىشىپ كېتىدۇ؟ سەۋەبى ئېنىقكى نۇرغۇنلىغان سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى شىنجاڭدا خىزمەت قىلغاندىن باشقا نۇرغۇنلىغان ياشلار سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىلىم ئالغان. ئۇلارنىڭ تەربيىسىنى قوبۇل قىلغان، يەنە كېلىپ « ئۇيغۇر » نامى قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردا كورۇلگىنى ئۇچۇن ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلىنىپ ئومۇملاشقان، ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ ئولكىلىك ھوكۇمەتنىڭ قانۇنى ۋاسىتە بىلەن قارارلاشتۇرۇشمۇ رول ئوينىغان.
ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ناھايىتى كوپ مەسىلىلەر ھەل بولدى، ئەمما ئاساسلىقى ئىككى خىل ئاجىزلىققا يول قويۇلدى، ئۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى تەڭلەشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتكۇل تارىخىنى ئۇيغۇر ناملانغان ئاشۇ گەۋدىسىنىلا ئىزدەش. يەنە بىر ئاجىزلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلارنى ئاساسى سۇپىتىدە پايدىلانماسلىقتا كورۇلىدۇ. بۇ خىل ئاجىزلىقلار ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ ئۇزلۇكسىز يېتىشىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ ئوزگەرگۇسى.
ئىزاھلار:
مەھمۇت قەشقەرى « تۇركىي تىللار دىۋانى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 ـ يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1 ـ توم 151 ـ ، 2 ـ بەتلەر
« ئوغۇزنامە » مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى 1980 ـ يىل 30 ـ بەت
موللا نىمەتۇللا موجىزى « تەۋارىخى مۇسقىييۇن » ئۇيغۇرچە مىللەتلەر نەشرىياتى 1982 ـ يىل 26 ـ بەت.
ليۇ يىتاڭ « ئۇيغۇر تەتقىقاتى » 1977 ـ يىل تەيۋەن خەنزۇچە نەشرى 11 ـ ، 27 ـ بەت
زوردۇن سابىر « ياۋروپاغا سەپەر »، « تارىم » 1988 ـ يىل 5 ـ سان 106 ـ بەت.
« ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989 ـ يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 92 ـ بەت
يۇسۇپ خاس ھاجىپ « قۇتادغۇبىلىك » مىللەتلەر نەشرىياتى 1984 ـ يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 92 ـ بەت
« تارىم » ژۇرنىلى 1986 ـ يىلى2 ـ سان تۇركلوگ ئىسراپىل يۇسۇپ تەييارلىغان ماقالىگە قاراڭ
« جۇڭگودىكى مىللەتلەر تارىخى » مىللەتلەر نەشرىياتى 1990 ـ يىلى خەنزۇچە نەشرى 2 ـ قسىىم 63 ـ بەت
گراتىن « ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى » ناملىق ماقالىسىدە كەلتۇرگەن نەقىل « ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاخباراتى » 1992 ـ يىل 5 ـ سان 14 ـ بەت، 11 ـ بەت.
71 « قەشقەر پەداگوگىكا ئىنستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى » ئۇيغۇرچە 1993 ـ يىل 4 ـ سان 75 ـ بەت
بۇرھان شەھىدى « شىنجاڭنىڭ 50 ـ يىلى » ۋە « شىنجاڭ تارىخىي ماتىرىياللىرى » ئۇيغۇرچە 28 ـ توپلامغا قاراڭ.
: /ئۇيغۇر تىلى تور بېتىگە يولۇغۇچى  
ئۇيغۇر

1

تېما

0

دوست

67

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   22.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17944
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 18:28:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭ تىمام نىمىشقا تەستىقلانمايدۇ.مەندە ئۇيغۇرلارنڭ 1981  يىلدىكى  ئۇمۇمىي كورۇنۇشى سىنئالغۇلۇق ئىدى  muxu  xu idi
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

8891

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1662
توردىكى ۋاقتى: 260
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 21:52:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رھمەت سىزگە، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق.

1

تېما

1

دوست

4791

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 655
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1350
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 22:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك تارىخى ماتىرىياللارنى بىلىۋالدۇق . رەھمەت ...

3

تېما

0

دوست

847

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13385
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 259
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 22:41:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oghuzkb تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 18:32  

خۇلاسىسى بەك ياخشى چۈشۈپتۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنى 8-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەڭداش قىلىش بىز ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغان سىياسى رەزىللىك! بەزى ئەڭ يىڭى ئېلمى بايقاشلارنى تۆۋەندىكى يازمىغا قوشۇپ قويدۇم.

http://achinuq.org/?p=455
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

7

دوست

6182

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1608
توردىكى ۋاقتى: 712
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 23:01:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم تارىخى بىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

نارات

1

تېما

0

دوست

4888

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1290
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 23:40:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ تەتقىقاتلارنىڭ سەل مەسسسسىلىگە سەل قاراپ يېزىلغان توغرا بولمىغان تەرەپلىرى باردەپ قارايمەن مەسىلەن بىز ئۇيغۇردىگەن نامنى 14- 'ەسىرلەردە ئۇنتۇلۇپ ياكى چۆشىپ قېلىپ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قايتا قوللاندۇق باشقىلارنىڭ تېپىپ بېرىشى بىلەن دىگەندەك ئېنىقمىلار يېزىلغان .مەن بۇنى شۇزامانلىرمىزدىكى يازغۇچۇلۇرمىزنىڭ سەۋەنلىكى دەيمەن مەسىلىەن تېرىق چىلىرىمىزنى تارانچىدەپ ئاتاپ يېزىش يەرلىكلەرگە ئايرىپ يېزىپ ئۇيغۇر دىگەن نامنى يازماسلىق سەۋەپ بولغان لىكىن خەلىق ئارىسىدا بولسا يەنىلا ئۆزلىرىنى ئۇمۇمىلاشتۇرۇپ ئۇيغۇردەپ ئاتاش ئاساساسەن توختاپ قالمىغان .مەسىلەن مېنىڭ ئانا جەمەتىم ئۇزۇن ئۆمىر كۆرىش چولپانلىرى دىسەممۇ بولىدۇ .بوۋام ھازى102ياشقا كىردى تېخى تېتىك ھايات .بوۋانىڭ ئانىسى ئۇلۇق مومام 128 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى ئۇلۇق مومامنىڭ دادىسى 128 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىپتۇ شۇنداققىلىپ 10دىن ئارتۇق بوۋىلىرمىش 100ياشتىن ھالقىپ ئۆمىر كۆرىپ ئۇزۇن ئۆمىر كۆرىش  جەمەتى بولۇپ قالغان كەن شەجىرەلىرىمۇ بار جەمەتىمىزنىڭ شۇ نەسسەپنامە شەجىرەسىنىمۇ ئۆز قۇلۇقىم بىلەن مومامدىن ئاڭلىغان ۋە يازمىلىرىدا ئۆزلىرىنى بىز قەشقەردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىلجەمتىدىن ئىدۇق دەپ يازغان ھەم  مەن مومامدىن ئاڭلىغان جەمەتىمىز باشقا يۇرۇتلارغا بېرىپ ئوتۇراقلىشىپ قالغاندىمۇ مەسىلەن كۇچاغا بېرىپ ئولتىراق لىشىپ قالغاندىمۇ ئۆزلىرىنى كۇچالىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىللىرى ئىدۇق دەپ ئاتىغان مومام يەنە جەمەتىنىڭ تارىخى 500يىلغا يېتىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بەرگەن جەمەتىم ئۇيغۇرلانىڭ ئېسىللىرىدىن ئىدى دەپ ماختىنىپ يۆرىدىغان .مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ ئاتابوۋىمىز بۇرۇنتىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلىغىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىغان ،يەنە بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدە ئاتا بوۋىسىدىن قالغان ئاھىلىسىنىڭ شەجىرەسى بار 380 يىل بولىپتۇ يىزىلىپ كېلىۋاتقىلى ئەۋلاتلىرى يېزىپ قالدۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ  كونا نۇسقىسى چاغاتاي يېزىقىدا كەن مەن ئۇقۇپ باختىم ئۆزلىرىنى كۇچارلىق ئۇيغۇرلا نىڭ داڭدارلىرىنىڭ جەمەتى كەنلىگىنى يېزىپتۇ .مۇشۇلارغا قارىغاندا بىز تارىخىمىزدا ئۇيغۇرلۇغۇمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق بىراق ھۆكىمىران ھاكىمىيەتلەر بىزنىڭ ئۇيغۇردەپ ئومومى مىلەت ئىسمىمىزنى ئاتاشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەت سوراشتىكى توسالغۇسى دەپ بىلىپ سىياسى جەھەتتىن ئاتاشنى چەكلەپ بۇرمۇلاپ كەلگەن
تارىىختىكى ئۇيغۇر ئىمپىريەسىنىڭ ئېگىسى ئۇيغۇرنىڭ يەنە تارىق سەھنىسىگە قايتا باش كۆتىرىپ چىقىشىدىن ئەنسىرىگەن شۇڭا ئۇيغۇر مىلىتىگە بىر تېرىتوريەنىڭ قايتىدىن تەۋبولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇنامنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھاكىمىيەت ئىگىلىرىگە ناھىيتى تەسكەلگەن شۇڭا ئەينى چاغدا ئۇيغۇر دىگەن مىلەت نامىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ناھىتى تەسكە توختىغان.دەپ چۆشىنىش كېرەك .ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىغىنى ئۇنتۇپ قالغان دىيىش بۇ ئەقىلغە سىغمايدىغان سۆز .چۆنكى خەلقىمىز ئەزەلدىن ئۆزلىرىنى قەيەرلىك بولسۇن قەتتى نەزەر ئۇيغۇردەپ ئاتاپ كەلگەن بۇ توغرۇلۇق دەلىل ئىسپات دىگەن خەلقىمىز ئارىسىدا قۇمدەك جىق .ئۇيغۇرنىڭ سىرىتتا ئۇنتۇلۇپ قېلىنىشى بۇ شۇۋاقىتتىكى سىياسى ۋەزىيەتنىڭ زەردابى دىيىشكە تامامەن ھەقلىق مىز .مەنە مۇشۇنداق مۆجىمەل يازمىلارنىڭ ئۇيغۇر دىگەن نامنى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قايتا قويۇلغان دىيىشلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدىن سوراپ باقماي چەت ئەلدە تۇرۇپ تەتقىق قىلىپ  ئۆز ئويلىرى ۋە بىر بۆلىم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئاددى بايانى بويىچە ھۆكىم چىقىرىشى.بەزەن لەرنىڭ بۇرۇنقى ئۇيغۇر بىلەن ئازىقى ئۇيغۇر ئوخشىمايدۇ ئىككىسى ئىككى باشقا دىگەن كەمسىتىش سەپىسەپىسىگە ئاساس بولماقتا .ئۇيغۇر تارىخ دىگەننى ئۇيغۇر ياراتقان بۇنى  بىزىڭ مەدىنىيىتىمىز  ئاتا بوۋىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن شانلىق مىراس نەسسەپ نامىلار ئىسپاتلايدۇ خالاس .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )