بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qekin-1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 20:34
قەشقەر ئۇيغۇر ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمىي كۈيلەردىمۇ سېنىڭ ئىسمىڭ پۈتۈلگەن، ئەي ئەزىزانە قەشقەر. زامان-زامانلار ئىلگىرى ئاتامنىڭ ئاتىسى ئاتىسىنىڭ كۆزىدىن تولىمۇ قۇرغاق ئەمما ناھايىتى مەردانە بىر نۇرنى كۆرگەندەك بوپتىكەن. بۇ نۇر باغرىڭغا يىلتىز تارتقان خەلقىڭنىڭ يۈركىدە تەجەللى بولغان، تۇپرىقىڭ بەخىش ئەتكەن مەمنۇنىيەت تۇيغۇسىنىڭ جىلۋىسىدىندۇر دەيمەن. سەرسان شاماللار ئۇچۇرتۇپ يۈرگەن توپا- چاڭلىرىڭدىن تولىمۇ يىراق ۋە تولىمۇ يىراق زامانلاردىكى، جەڭ ئارغىماقلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن ئوت چاچرىتىپ، قىلىچىدىن دۈشمىنىنىڭ قېنىنى تېمىتىپ ئاجايىپ جەڭگىۋار ۋە مەردانە قىياپەتتە جەڭگە كىرىپ كېتىۋاتقان ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ غۇۋا ۋە تولىمۇ غۇۋا سىماسىنى كۆرگەندەك بولۇپ، ئۇيلىمەن. «ئەجدادلىرى ئوق يىگەن، ئەۋلادلىرى پوق يىگەن.» ... بەزىدە تارىخىڭ ھەققىدە ئىزتىراپلىق ئويغا چۆكۈپ قان رەڭلىك سېپىللارنىڭ ئۈستىدە ئۆتمۈشكە قايتىمەن. تارىخ، يەنە شۇ تارىخ . ۋائىزلارنىڭ ئېغىزىدا ئەپسانىگە ئايلىنىپ كەتكەن تارىخ. ئاللاكىملەرنىڭ قەلىمىدە قەسىدىگە ئايلانغان تارىخ، يەنە ئاللاكىملەرنىڭ قەلىمىدە مەرسىيەگە ئايلانغان تارىغ. قەشقەر، مەن سېنىڭ تارىخىڭ. خەلقىڭنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس تارىخىڭ بار. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىزى، مەھمۇت كاشغەرىينىڭ ئىزى، يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ ئىزى... ھېيىتگاھنىڭ ئالدىدىن ھەر ئۆتكەندە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ:«سالام! ياخشى يولدا ماڭغان كىشىلەر.» دېگەن ھېكمىتىنى قايتا ئىشىتكەندەك بولىمەن. تارىخ ئاقىللار ئۈچۈن تولۇپ تاشقان ھېكمەت خەزىنىسى؛ ئۆتمۈشىدىن تەسەللى ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن ئەللەي ناخشىسى؛ ئۆزى ئۆزىگە ئەسىرلەر ئۈچۈن ئۇ، ئۇچ-چىكى يوق يىلنامىلەر دۆۋىسى. سېنىڭ تارىخىڭ مېنىڭ ئاچچىق قىسمىتىم ئەمەسمۇ ئەي «سېپىللىرى ھەسرەت بىلەن پۇتكەن» قەشقەر. قەشقەر! ئەي ئەزىزانە قەشقەر، گاھىدا ئىسمىڭنى زىكىرى قىلماچى بولۇپ ئىختىيارسىز «ئۇيغۇر!» دەپ پىچىرلاپ سالىمەن. ياق، خاتالاشمىدىم قەشقەر دېمەك- ئۇيغۇر دېمەكتۇر. قەشقەر ئۇيغۇرنىڭ يۈركىدۇر. قەشقەر! ئەي تەۋەرۈك شەھەر قەشقەر، قۇياشمۇ ئاسمىنىڭدا ئۆزگىچە پارلايدۇ، يۇلتۇزلارمۇ ھەم. بىر زامان سەركىسى:«يۇرتىنى سۆيەلمىگەن كىشى ۋەتەنپەرۋەر بولالمايدۇ.» دەپتىكەن. ئەمما «ۋەتەنپەرۋەر» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى تولىمۇ ئېغىردۇر. سېنىڭ باغرىڭدا كۆز ئاچقان مەن ئۈچۈن سەن ھەممە. سېنىڭ تۇزۇڭنى يەۋاتقان، سۈيۈڭنى ئىچىۋاتقان يەنە شۇ مەن ئۈچۈن ئوتۇڭدا كۆيۈش، سۈيىڭدە ئېقىش مۇقەددەس قەرىز ۋە پەرىزدۇر. لىكىن شۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتدۇركى كىم ۋەتەنپەرۋە،كىم تۇزكور ئۇلۇغ خەلقىڭ بۇنى ناھايىتى توغرا ئايرىپ كەلگەن ھەم ئايرىيالايدۇ. قارا، خەلقىڭنىڭ:« ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دېگەن دانىشمەنلىك بىلەن يەكۈنلىگەن ھېكمىتىگە!!! قەشقەر، ۋەتىنىمنىڭ ۋەتىنى! تىلىكىم شۇكى ئالدىڭدا رىياكار بولۇپ قېلىشتىن تولىمۇ قورقىمەن. ئىسىمى-ئاتىسى: مۇھەممەتجان قۇربان (ئىزىقۇت) |