- تىزىملاتقان
- 2013-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2327
- نادىر
- 0
- يازما
- 302
ئۆسۈش
23.63%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BADBOY تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-22 07:07
‹‹ دولىتى يوقنىڭ جىنى يوق›› دەپتىكەن كونىلار ... ھازىرقى ئەكۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق بىزنى مىللى قېرىدىشىمىز بولغانلارمۇ دىنى قېرىدىشىمىز بولغانلارمۇ ئۆخشاشلام سېتپ خەجلەۋاتىدۇ ... ئۇيغۇر دىيارى خىتتايغا نىسبەتەن پۇتمەس تۇگىمەس كان بايلىقلىرىغا ئىگە رايۇن ھەم نەچچە يۇزخىل كان بايلىقلىرىدىن سىرىت خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئولكىلىرىنى ئەرزان باھالىق ئاشلىق پاختا چارۋا ماللار ھەرخىل مىۋىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاھالىسى ئەرزان باھالىق قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان خىتتايغا پەقەت ساپ كىرىملام ئەكىلىدىغان ئالتۇن ماكان ... ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر دىيارى خىتتاينىڭ ئوتتىرا ئاسىياغا كىڭىيىدىغان مۇيىم ئوتكىلى شۇنداقلام ئوتتۇرا ئاسىيدىن تۇركىيە ئارقىلىق ياۋرۇپاغا كىڭىيىدىغان مۇيىم بازىسى ...يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتتايلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دولەتلەر بىلەن سوكبەتلىشىپ بېيجىڭدىن لوندۇن غىچە تۇمۇر يول لىنيىسىنى تۇتاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم باشقا دولەتلەرنىڭ قوللىشىنغا ئېرىشىشى ئۇچۇن پۇتۇن كۇچى بىلەن كۇچەۋاتىدۇ .. ئەلۋەتتە بۇ تۇمۇر يول تۇركىيە زىمىنىدىنمۇ ئۇتىدۇ تۇركىيە ئەلباشى خىتتاينىڭ بۇ پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنمۇ ئىپادە قىلىۋاتىدۇ ، ھەم ياۋرۇپادىن بېيجىڭغىچە بولغان بۇ تۇمۇر يولنىڭ تارىختىكى يىپەك يۇلىنىڭ رولىنى ئوينىشىنى ئۇمۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى بۇ پىلانغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى دولەتلەر قۇشۇلىدىغانلام بولسا بۇ پىلاننى يولغا قۇيۇش ئۇچۇن خىتتاي بارلىق تۇمۇر يوللارنىڭ ياسىلىش خىراجىتىنى ئۇزى ئۇستىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىۋاتىدۇ ... دىمەك بىزنىڭ بۇ ئانا ماكانىمىز خىتتاينىڭ جانىىجان مەنپەتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇيىم رايۇن ھىساپلىنىدۇ بۇ تۇمۇر يول پۇتسە خىتتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللار مۇشۇ تۇمۇر يول ئارقىلىق ياۋرۇ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ھەممە يىرىگە ئوڭۇشلۇق بارالايدۇ ... دىمەك بۇ تۇمۇر يول خىتتايغا كەلگۇسىدە يىنە غايەت زور مەنپەتلەرنى ئەپكىلىدۇ .. خىتتاي ئۇيغۇر دىيارىننىڭ بىر كۇنلەردە قولدىن چىقىپ كىتىشىدىن بەك ئەندىشە قىلىدۇ .. شۇڭا خىتتايلار كوپلەپ سىياسى ۋە ئىختىزادى مەبلەخ سېلىپ بۇ زىمىننىڭ قانۇنلۇق مىراسخورى بولغان ئۇيغۇرلارنى ئەڭ قىىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەلتۇكۇس ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يۇتىۋېتىپ بۇ زىمىننىڭ بىردىن بىر ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى تۇلۇق يوق قىلىۋىتىش ئارقىلىق بۇ زىمىننى خىتتاينىڭ مەڭگۇلۇك زىمىنى قىلىۋېلىش پىلانىنى يۇرگۇزىۋاتىدۇ....شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ زىمىندا ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن ناھەقچىلىكلەرنىڭ بۇلىشى ئېنىق .. بۇنى ئاللىبۇرۇن ھىس قىلىپ يەتكەن خوشنىلىرىمىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ خىتتايدىن مەنپەت ئېلىش ئۇچۇن بىزنى پۇل تېپىشنىڭ كوزۇرى ئورنىدا كورۇپ پۇرسەت تاپسىلام بىزنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ خىتتايدىن كوپلەپ مەنپەتلەرگە ئېرىشىۋاتىدۇ .... بىز بۇ قېرىداشلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارغا بايلىق ئاتا قىلىدىغان قۇربانلىق قوي بوپ قىلىشىۋاتىمىز ... خەرىتىگە قارايدىغان بولساق ئۇزىمىزنىڭ قاتمۇ-قات مۇھاسىرە ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىغىمىزنى بايقايمىز ئەتىراپىمىزدا بىزنى قوللايدىغان بىزنىڭ ھالىمىزغا يەتكۇدەك بىرمۇ دىنى قېرىداش ۋە مىللى قېرىداشلىرىمىز يوق ھەممىسى بىزنى سېتىش بەدىلىگە مەنپەتكە ئېرىشىپ كىلىۋاتىدۇ .. مۇسۇلمان دىسە بىز ئاغىزىمىزدىن چۇشۇرمەيدىغان ئۇڭىمىزدىمۇ ھەم چۇشىمىزدىمۇ شۇ ئەرەپ ئسىلام دۇنياسىنى كورۇشنى ئارزۇ قىلپ كىلىۋاتقان ئاشۇ دىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بىزنىڭ ئاھۇ زارىمىز بىلەن كارى يوق ... ئەكسىچە خەلىقارا سەھنىلەردە بىزنى تېرورىسلار دەپ ختتاي تەرىپىنى ئېلىىپ ئۇلارغا ياخشىچاق بۇلۇشۇپ بىزنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئىنسانى ھەق ھوقوقىمىزغىمۇ كۆز يۇمىۋاتىدۇ .. تۇركىيەگە كەلسەك تۇركىيە جۇمۇريىتى خەلىقى قېرىنداشلىق يۇزىسىدىن بىزنى قوللاپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەممە تۇركىيە ھوكۇمىتى خىتتايدىن كىلىدىغان سودا مەنپەتىنى دەپ بىزنى قوللاش بەدىلىگە ئۇزىنىڭ دولەت مەنپەتىدىن قۇرۇق قېلىشنى خالىمايدۇ ... ئەمدى بىزنى كىم قوللايدۇ .. ؟؟. بىزنىڭ دەدىمىزگە كىم قۇلاق سالىدۇ ... ؟ كىملەر بىزنى ھايۋان كەبى قۇل ئورنىدا كورمەي بىزنىڭ بۇ دۇنيادا بىر ئىنسانلىق ھەق ھوقوقىمىزنى ئىتىراپ قىلىدۇ ... كىملەر ھالىمىزغا يىتىدۇ .. ؟؟ پۇتۇن دۇنيانىڭ بىز بىلەن كارى يوقمۇ ... ؟ .. پەقەت 2 - دۇنيا ئۇرىشىدا غەلبە قىلىپ يىڭىدىن دۇنيا تەرتىۋىنى مەيدانغا كەلتۇرگەن ھەم يىقىندا ئورۇسلارنى پارچىلاپ دۇنيانىڭ ھۆكۇمىرانى ئورنىغا ئوتكەن غەرىپ دولەتلىرىلام بىزنىڭ ئىنسانلىق ھەق ھوقوقىمىزنى ئىتىراپ قىلىشىپ خەلىقارا سەھنىلەردە بىزگە سوزلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ ..... ئەلۋەتتە ئۇلار قۇتقازغۇچى ئەمەس .. لىكىن ئۇلار بۇ رىيال دۇنيادا بىردىن بىر بىزنىڭ دەردىمىزگە قۇلاق سېلىۋاتقانلاردۇر ... |
|