بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elquchar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 04:19
تۈركىيە، جۇڭگو ۋە «شەرقىي تۈركىستان تىلسىماتى»
ئاپتورى: لۇيەن، تەرجىمىدە: نەپرەت
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان جۇڭگودا 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى، ئۇنىڭ تۇنجى بېكىتى ئۈرۈمچى بولدى. بۇ 27 يىلدىن بۇيان تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەت قىلىشى ھەم تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىشى. بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شىن جىنپىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بولدى. ئەردوغان جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ قىسمەن خادىملىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئۇقتۇرۇشتا 6 ئادەم تېرورچى دەپ بېكىتىلگەن. كېيىن دۆلەت مۇداپىئە كومىسسارى مېڭ جىيەنجۇ ئالاقىدار سورۇنلاردا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى قىسىشقا دەۋەت قىلدى. تۈركىيە- جۇڭگو شىرىن ئاي مەزگىلى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ، تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتىدەكۆپ ئۆزگىرىش بولدى، ھۆكۈمەت پات-پات ئالمىشىپ تۇردى، 2003-يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇقىم ھۆكۈمەت ئورنىغا ئېرىشكەندە ئاندىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى پەندىنپەي مۇقىملىشىشقا باشلىدى. 2003-يىلىنىڭ بېشىدا، ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سالاھىيىتىدە جۇڭگونى زىيارەت قىلدى. 2009- يىلى، ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەردوغان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا «ئاسسىلماتسىيە سىياسىتى» يۈرگۈزدى دەپ ئاشكارا ئەيىبلىدى، تۈركىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. 2010-يىلى 10-ئايدا، جۇڭگونىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئىستراتىگىيىلىك شىرىكلىك مۇناسىۋەت ھاسىل قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمى شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئۆز ئارا زىيارەت قىلىشتى. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو زىيارىتىنى قىسمەن كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەقىقىي «شىرىن ئاي مەزگىلى» گە كىردى دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە ۋە روسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەلى باباجان 2023-يىلدىن بۇرۇن 3 يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى ياسايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ تۈردە جۇڭگو، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىش پىلانى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭ بىلەن ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى، ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى بىئارام قىلىپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردوغان بۇ قېتىم يولغا چىقشتىن ئىلگىرى، تۈركىيەدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا ئۆزىنىڭ زىيارىتىنى «تارىخىي خاراكتېرلىق» دېدى. ئەردوغان كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۇنشىيەن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. خۇ جىنتاۋ، ۋۇباڭگو، ۋېنجىياباۋ قاتارلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئەردوغان بۇ پىرىنسىپىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى ھەمدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ ھەر قانداق كىشىنىڭ تۈركىيەدە جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئالاقىدار ئىشتا، ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە «شەرقىي تۈركىستان» غا بولغان ئىپادىسى جۇڭگودىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىسى. كۆپ يىللىق تۇرۇپ ئۈندىمەسلىك گەرچە تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئەھۋالى يۇقىرىقىدەك بولسىمۇ، جۇڭگو يەنىلا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشتا ئاكىتىپ ئىزدىنىپ كەلدى. چەتئەللىك كۆزەتكۈچى زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ تۈپكى دۆلەت مەنپەئەت توقۇنىشى يوق. ئىككى دۆلەت 1971-يىلى دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، بەزىدە چىقىشالماي قالسىمۇ، پۈتكۈل جەھەتتىن ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۆتتى دېيىشكە بولىدۇ. تۈركىيەدە ئېدىئولوگىيە جەھەتتە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى، جەمئىيىتىنىڭمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ماددىي ياردەم ۋە قوغداش تەمىن ئېتىدىغانلىقى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل ئېنىقتۇر. ئەمما سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى، بېيجىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە سەزگۈر ئەمەس ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ياۋروپا ئارىسىدا جانلىنىشقا باشلىدى، تۈركىيە رايونلۇق چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قۇرۇش ئۈمىدىدە بولدى، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئورتاق بولغان مەدەنىيەت ۋە تىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، رايونلۇق تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بېيجىڭمۇ پان تۈركىزىمنىڭ گۈللىنىشىدىن ئاگاھ بولۇشقا باشلىدى، ئەمما ھەر قېتىم «شەرقىي تۈركىستان» ياكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى ئەيىبلىگەندە، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرۇشلۇق جايى تۈركىيە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشتىن ساقلىنىپ كەلدى. جۇڭگو كۆپ يىللاردىن بېرى تۈركىيە ئوينىغان رولغا ئىزچىل ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، تۈركىيە ۋە تۈركىستان، تۈركىزىمغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىدى ۋە بىر تەرەپ قىلدى. 1992- يىلى11-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى «خەلق گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم تۈركىيەنىڭ پانتۈركىزىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. ماقالىدە شۇ نۆۋەتلىك تۈركىيە پرېزىدېنتى تۇرگۇت ئۆزەل ۋە باش مىنىستىر دەمىرەلنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۇرىدىكى تۈركلەر دۆلىتىنىڭ زېمىنىغا كىرگۈزگەنلىكىنى، «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى، ئەگەرتۈركىيە بۆلگۈنچىلەرنى داۋاملىق پاناھىغا ئالىدىغان سىياسەتنى يۈرگۈزسە، جۇڭگونىڭ ئېھتىمال ئۆزىنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. جۇڭگونىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرىشى تۈركىيەنىڭ 1990-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدا «شەرقىي تۈركىستان» غا بولغان پوزىتسىيەسىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتتى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرىنى نەچچە قېتىم توستى ھەتتا تارقىتىپ تاشلىدى، مۇنداق ئىش ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، «شەرقىي تۈركىستان» غا زەربە بېرىش جەھەتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى نىسبەتەن ئاكىتىپ ھەمكارلىق پوزىتسىيەسىدە بولدى. 1995-يىلى، تۈركىيە پرېزىدېنتى سۇلايمان دەمىرەل جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىر مەسئۇت يىلماز ئىمزا قويغان مەخپىي بۇيرۇقنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇرغان تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، تۈركىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي خادىملارنىڭ ھەر خىل پائالىيەت ۋە يىغىلىشلارغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. بىرلا ۋاقىتتا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى قانۇندا بېكىتىلمىگەن بەلگىلىمىسىدە، ئەمەلدارلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتلىرىغا مەبلەغ تەمىنلىشىنى چەكلىدى. بۇ تەدبىرلەر تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنى ئوڭۇشىسزلىققا ئۇچراتتى، نۇرغۇن كىشىلەر ئەينى چاغدا تۈركىيەدىن ئايرىلىپ، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كەتتى. كۆپ يىللىق دېپلوماتىيە تارىخى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» غا قارشى سىياسىتىدىكى سەۋرى-تاقىتىنى ئىسپاتلاپ بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل سەۋرى-تاقەت يوقالمايدۇ. 2010-يىلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئوتتۇرا شەرقتىكى 4 دۆلەتتە ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر رايونىدىن ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇغىلى چىققان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى، بۇ دۆلەتلەر مىسىر، سۇرىيە، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر ئىدى. 2011-يىلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تۈرى گېرمانىيە، روسىيە، جەنۇبىي كورىيە، ئامېرىكا، شۋېتسارىيە، مالايسىيا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئادەم سانى 50 نەپەر، مۇكاپات پۇلى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولدى. كۆزەتكۈچىلەر ئىككى دۆلەتنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» غا قارشى ھەمكارلىقى نۇرغۇن بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ دەپ قارىدى. «شەرقىي تۈركىستان» ھەر خىل شەرقىي تۈركىستان مىللىي بۆلگۈنچى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى، بۇ تەشكىلاتلاردا ئەڭ جانلانغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار 2002-يىلى ب د ت تەرىپىدىن تېروروچى تەشكىلات دەپ بېكىتىلدى. تۈركلەر جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشى، كېيىىن ياۋرو ئاسىيادىن ھالقىغان بوزقىرئىمپىيىرىيىلىرىنى قۇرغان بولۇپ، تۈركىي تىللار سىستېمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولدى. بۇ مەزگىلدىكى تارىخنى غەبلىكلەر غەبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىلى يېقىن مىللەتلەرنى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر نامى بىلەن ئاتىدى. بۈگۈنكى كۈندە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 200 مىليون بولۇپ، 10نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان. جۇڭگودا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار، يۇغۇر، سالا قاتارلىق 7 مىللەتنىڭ تىلى تۈركىي تىلىغا تەۋە. 19-ئەسىردە، ياۋروپالىق جۇغراپىيونلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى روسىيە بېسىۋالغان قىسىمىنى غەربىي تۈركىستان، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىدى. تۈرك (突厥) ۋە تۈركىيە (土耳其) خەنسۇ تىلىدا ئوخشاش مەنىگە ئىگە سۆز بولۇپ، ئوخشىمىغان دەۋردىكى ئاتىلىشى خالاس. ئادەتتىكى قاراشلاردا ھازىرقى تۈركىيەلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش ئەمەس دەپ قارىلىدۇ، بۇ پەقەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى. نۇرغۇن تۈركىيەلىكلەر ئۆزئەجدادىنى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇد ئوغلۇ 2010-يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا جۇڭگو ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى بىلەن تۈركىيە ئورتاق تىلغا ئىگە، «تۈركىي تىللاردىۋانى» نى يازغۇچى ئىستانبولدىن ئەمەس، قەشقەردىن دېدى. ئەمما يېقىنقى زاماندىن بېرى، تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇر رايونى ئارىسىدا چۈشىنىش تەس تارىخىي باشلىنىش بولدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، پانتۈركىزىم تاتارىستاندا ئالدى بىلەن گۈللەندى، تۈركىي مىللەتلەرنى بىر ئائىلە قىلىپ، روسىيەنىڭ پانسىلاۋىيانىزىمى بىلەن قارشىلاشماقچى بولدى. ئەمما بۇ ئىدىيە ئېقىمى تۈركىيەدىن ئۇيغۇر رايونىغا كىرگەندە بۆلگۈنچىلىك، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەمدە 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قىسقا مەزگىللىك «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نى قۇردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى تۈركىيەگە قېچىپ كەتتى. ئاۋام ئارىسىدا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە 600 مىڭ ئۇيغۇر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، قىسمەنلىرى سەرگەردان «شەرقىي تۈركىستان» ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى. دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، «شەرقىي تۈركىستان» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ تۈركىيەدە پائالىيەت قىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، تۈركىيە ئاممىسىدا پانتۈركىزىم كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق، تۈركىيەلىكلەر ئۇيغۇرلارنى تۈرك قېرىنداش دەپ قارايدۇ، ھەمدە تەبىئىي قاراشقا ئايلىنىپ كەتتى. ئاخبارات ۋاستىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام بىر ئەمەلدارىدىن تۈركىيەدە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقىنى سورىغاندا، بۇ ئەمەلدار مەنىلىك قىلىپ: 80 مىليون دېگەن. بۇ دەل تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل نوپۇسى بولۇپ، تۈركىيەلىك دېمەك ئۇيغۇر دېمەك، دېگەن مەنانى بېرەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرى بار، ھەتتا ناھىيە دەرىجىدە كۆلەم شەكىللەندۈرگەن. گەرچە بۇ ساننىڭ تۈركىيە نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىر كۈچىگە سەل قاراشقا ئامالسىز. «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى تۈركىيەدە 20 گە يېقىن «ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى» تەشكىلاتىنى قۇرغان، ئۇلار نامايىش قىلىش، ئاخبارات، ئۆزى نەشىر بۇيۇملىرىنى بېسىش قاتارلىق شەكىللەردە پىكىرىنى ئىپادە قىلىدۇ، يەنە ھەر خىل يوللار ئارقىلىق تۈركىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پراففىسسورى ئىلھام توختى كۆپ يىللاردىن بېرى تۈركىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى ھەر قانداق زات ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىركۈچىگە سەل قارىيالمايدىكەن. تۈركىيەنىڭ شانلىق تارىخى بولغان، ئاۋامدا قويۇق چوڭ دۆلەت بولۇش ھېسىياتى بار، يېقىنقى يىللاردا ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز- ئۆزىگە بولغان مىللىي ئىشەنچىسىمۇ ئېشىپ باردى، ئامما چېگرا سىرتىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو زىيارىتىدە، 64 كىشىلىك ئاخبارات زىيارەت ئۆمىكى ئەگىشىپ كەلدى، پۈتكۈل جۇڭگو زىيارىتى مۇساپىسى تۈركىيەدە داۋاملىق قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى، خۇددى جۇڭگو ئاخباراتلىرى تۈركىيەنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» غا قارشى تۇرۇشىغا دىققەت قىلغىنىغا ئوخشاش ئىدى، تۈركىيە ئاخباراتلىرى ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيىتى ۋە ئاۋام تۇرمۇشىنى ھەمدە تۈركىيە ۋە جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. ئىلھام توختىنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئاخباراتلىرى بۇرۇن كۆپىنچە ھاللاردا جۇڭگونى تەنقىت قىلىدىغان بولۇپ، ئەمما بۇقېتىم ئەردوغان جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، ئاخباراتلار تەڭلا دېگۈدەك جۇڭگو- تۈركىيە ھەمكارلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئۆتمۈشتىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئىككىلا تەرەپنىڭ پايدىلىق شەرتى بولۇپ قالغان. بىراق، تۈركىيە ئاممىسىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» غا بولغان ھېسداشلىقى باشتىن- ئاخىرتۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇقەررەر يۈزلىنىدىغان خەلق رايى بېسىمى بولۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن سىرىت، «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىگە زەربە بېرىشتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بېىسىمىغا دۇچ كەلدى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئامىللار تۈركىيە بىلەن جۇڭگو ئۆتمۈشتە ھاسىل قىلغان ھەمكارلىقلىرىدا، بىر قىسىملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قويدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئويلاشقاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەبىئىيلا «شەرقىي تۈركىستان» غا قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ، ئەمما گەپ، تولا ئەمەلىي ھەرىكەت ئاز بولۇشتەك ھادىسە يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن. لۇيەن قەلىمىدىكى مەزكۇر ماقالىنى «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى. مەنبە: ئەلەمدار بىلوگى
|