قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1631|ئىنكاس: 12

كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

8

دوست

7403

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1692
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 913
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىمايدۇ
             ئاپتورى: شۈەن لىتەي (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)


شىمالىي كورىيە بىر تەرەپ، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە بىر تەرەپ بولغان كەسكىن تالاش-تارتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە ئىشلار پەيدىنپەي ئۆتكۈرلەشتى، ۋاقتىنچە پەسەيتىشكە ئىمكان بولمىدى، شۇنداق قىلىپ كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى يېقىندا بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، قورققانغا قوش كۆرۈنگەن، دەل-دەرەخلەر ئەسكەر بولۇپ كۆرۈنگەن ئۇرۇش ھارپىسىدىكى كىرىزىس كەيپىياتىغا تولدى. بۇنىڭغا قارىتا، پۈتكۈل دۇنيادىكى كىشىلەر دىققىتىنى ئاغدۇردى: كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئېھتىماللىقى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟
يوشۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقكى، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى پيوڭياڭ ھەل قىلغۇچ قارارنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا باشلاپ، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيىگە قاراتقان بېسىمىنىڭ سالمىقىنى زورايتقاندىن كېيىن، يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتىدە يۇقىرى دەرىجىدىكى پارتلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. ئالدى بىلەن شىمالىي كورىيە ھەمدە ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيىنىڭ يېقىندا ئۆز ئارا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىغا قاراپ باقايلى:
3-ئاينىڭ 22-كۈنى: پيوڭياڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، پانمىنجوم ئالاقە يولىنى ئېتىۋەتتى ھەمدە ئىلگىرىكى جەنۇب، شىمال كورىيىلەر ئىمزالىغان ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ۋە يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى بىكار قىلدى.
3-ئاينىڭ 26،27-كۈنى: پيوڭياڭ ئومۇميۈزلۈك ھوشيار ھالەتكە كىردى ئۇرۇش نىشانى جەنۇبىي كورىيە، ئامېرىكا بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىلەن بارلىق ئالاقىسىنى توختاتتى. شىمالىي كورىيە ئالىي قوماندانلىق شتابى:«ئامېرىكا ياكى جەنۇبىي كورىيە بىلەن سۆزلىشىش يولى مەۋجۇت ئەمەس» دەپ جاكارلىدى.
3-ئاينىڭ 28-كۈنى: ئامېرىكا B-2 ئىستراتىگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، جەنۇبىي كورىيىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، «تەھدىتنى ئۇزارتقانلىقى» نى نامايان قىلدى.
3-ئاينىڭ 30-كۈنى: شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى.
3-ئاينىڭ 31-كۈنى: ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىدە ئەڭ ئىلغار F-22 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە U-2 ئايروپىلانىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قاراتقان رازۋېتكا ئۇچۇشىنى كۆپەيتتى.
3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە: شىمالىي كورىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، 12-نۆۋەتلىك ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى 7-قېتىملىق يىغىنىدا ئىككى تەرەپتىن قول سېلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن يادرو قورالى قۇرۇلىشىنى تەڭ تۇتۇشتەك «يېڭى ئىستراتىگىيىلىك يول» نى قارار قىلدى، ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئىدارىسى نيوڭبىيان يادرو ئەسلىھەسىنى قايتا قوزغىتىدىغانلىقىنى رەسىمىي جاكارلىدى.
4-ئاينىڭ 3-كۈنى: شىمالىي كورىيە كائېسوڭ سانائەت رايونىنى تاقىۋېتىمىز دەپ تەھدىت سالدى.
4-ئاينىڭ 5-كۈنى: شىمالىي كورىيە ئەلچىخانىلىرىغا پيوڭياڭدىن چېكىنىش «تەكلىپى» بەردى.
4-ئاينىڭ 8-كۈنى: شىمالىي كورىيە كائېسوڭ سانائەت رايونىنى تاقىۋەتتى.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى: شىمالىي كورىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تىنچلىق كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئاگاھلاندۇرۇپ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ «ئىسسىق يادرو ئۇرۇشى» نىڭ ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيىدىكى چەتئەللىكلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى، جەنۇبىي كورىيىدىكى بارلىق چەتئەل ئورگانلىرى، كارخانىلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ پاناھلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
مۇشۇ يەرگە قەدەر، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەستەك بولۇپ قالدى. ئۇرۇش زادى پارتلامدۇ يوق؟
1990-يىلى كەچ كۈزدە، دېڭىز قولتۇقى ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى. ئىككى تەرەپ جەڭگە جىددىي ھازىرلىق كۆرۈۋاتقان پەيتتە، ستانفورد ئۇنۋېرسىتېتى بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھازىرلىق كونترول قىلىش مەركىزى يىغىنى ئېچىپ دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشىنىڭ پارتلايدىغان پارتلىمايدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشتى. ئالىملار ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئېھتىماللىقى %50 ياكى %70 دەپ قارىدى. مېنىڭچە، دەل ئەگەر ئېغىر كېسەل ئۆلەمدۇ يوق دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى پەقەت بىر بولۇپ، ئۆلىدۇ ياكى ئۆلمەيدۇ، دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى پارتلامدۇ يوق دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىمۇ پەقەت بىرلا بولۇپ، پارتلايدۇ ياكى پارتلىمايدۇ. كۆپلىگەن ئالىملار مېنى پەرەز قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئەينى چاغدا مەن جاۋاب بېرىپ: ئۇرۇش چوقۇم پارتلايدۇ، دېدىم.
ئەمىسە، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ مېنىڭچە، يېرىم ئارالدا ئۇرۇش پارتلىمايدۇ.
ئۇرۇش پارتلىشىنىڭ ئوخشىمىغان سەۋەبلىرىنى خۇلاسىلەپ باقايلى. قىسقىچە ئېيتقاندا، ئالتە خىل سەۋەب بار: بىرىنچىسى ئىزم ئىختىلاپى ياكى مىللەت، ھوقۇق ئىختىلاپىدىن پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش؛ ئىككىنچىسى ئىككى دۆلەت ياكى كۆپ دۆلەت ئىنچىكە پىلانلاش ئارقىلىق پارتلىغان ئۇرۇش؛ ئۈچىنچىسى ئىككى دۆلەت ياكى كۆپ دۆلەت گۇرۇھنىڭ قارارى بويىچە ئۇرۇش قىلىش ياكى ئىتتىپاق ئەھدى بويىچە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قېلىشى؛ تۆتىنچىسى ئىككى دۆلەت ياكى كۆپ دۆلەت تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماسلىقى سەۋەبلىك ئۇرۇش پارتلاش (مەسىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى)؛ بەشىنچىسى ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ سۇيقەستى سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ ئالتىنچىسى ئىككى تەرەپ مەقسەتسىزلا ئۇرۇش قىلىش، يەنى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرغاندا خاتا ھۆكۈم چىقىرىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئۇرۇش.
سوئال: يۇقىرىقىلاردىن زادى قايسى كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ قارىغاندا پەقەت ئالتىنچى سەۋەب ئېھتىمال كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مېنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن قارىشىمچە، ئالتىنچى سەۋەبمۇ كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشىشىنى تىلغا ئالساق، چاۋاك بىر ئالىقاندىن چىقمايدۇ، ھەمىشە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا ئۇرۇش قىلغۇسى بارمۇ يوق دېگەنگە قاراش كېرەك. ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى نېمىلا بولمىسۇن ئىككىنچى مەسىلە، ئىران يادرو مەسىلىسى ئاندىن يوشۇرۇن خەۋپ. يەنە كېلىپ، بۈگۈنكى ئامېرىكىنىڭ مالىيىسىدە نۇرغۇن مەسىلە بار، بىر مەسىلىنى ھەل قىلسا يەنە بىر مەسىلە چىقىۋاتىدۇ، فېدېراتسىيە ۋە ھەر قايسى شتاتلارنىڭ قىزىل رەقىمى ھەددى-ھېسابسىز. ھەتتا پرېزىدېنت ئوبامامۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇئاشىنى %5 ئازلاتتى، فېدېراتسىيىسىكى نۇرغۇن خادىملار ئىككى ھەپتە «مۇئاشسىز ئارام» ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى. ئامېرىكا ئەگەر ئىلاجسىز قالمىسىلا، يەنە بىر تۇتۇشۇشقا مالىيە كۈچى يەتمەيدۇ.
يادرو قورالى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، ئۇرۇش پارتلىشىنى چەكلەشتە بىر ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئامىل كۆپىيىپ قالدى. ئامېرىكا شىمالىي كورىيىگە قورال ئىشلەتمەكچى بولسا، بۈگۈنگە قەدەر ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئۆتكەن كۆپ يىللاردىن بېرى، شىمالىي كورىيىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك قوراللىرى قەتئىي يوق ئىدى، ئامېرىكا قورال ئىشلەتمىدى. بۈگۈنكى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورالى بار، بۇ ھەرە ئۇۋىسىنى ئاسانلىقچە چۇقچىلىۋەتكىلى بولامدۇ؟ دەرۋەقە ئامېرىكا شتاب باشلىقى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ سابىق رەئىسى پېيس ئېيتقىنىدەك، ئامېرىكا يادرولۇق، يادروسىز دۆلەتلەر ھەمدە يادرو چوڭ دۆلىتى، ئادەتتىكى يادرو دۆلىتىگە بولغان سىياسىتىدا نېمىلا بولمىسۇن روشەن پەرق بار.
جەنۇبىي كورىيىنىڭ پايتەختى سېئۇل رايونىغا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىم نوپۇسى ۋە %60 تىن يۇقىرى سەرخىللار ۋە بايلىق مەركەزلەشكەن، 38-پاراللېلغا پەقەت 50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇبادا ئۇرۇش پارتلىسا، پۈتكۈل دۆلەت غايەت زور زىيانغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئۆزىمۇ ئامېرىكىنىڭ قورال ئىشلىتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينىماقتا.
پيوڭياڭ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۇدا تارتقاندىمۇ، كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھە دېسىلا ئۇرۇشتىن چەتنەش سىياسىتى قوللىنىدۇ؛ كاللىسى ئېلىشىپ قېلىپ، ئەسەبىي ھەرىكەتكە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس. «سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» دا ئۇرۇش قىلىشنىڭ دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتلىقى بىلەن ئالاقىدار چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنى ھۆكۈمدارلارنىڭ چوقۇم بىلىشى كېرەكلىكى دېيىلگەن. ئىگىلىنىشچە، شىمالىي كورىيىنىڭ ئىستراتىگىيىلىرى بۇ نۇقتىنى پىششىق بىلىدىكەن.
ئەگەر بەزىلەر شىمالىي كورىيىنىڭ تاكتىكىسىدا خالىغانچە ئىش كۆرۈش خېلى چوڭ دەپ قارىسا، يەنە يادرو ئۇرۇش قىلىشىنى ئاشكارا دارۋاڭ قىلىدۇ ياكى يېنىكلىك بىلەن قورال ئىشلىتىدۇ دەپ قارىسا، ئىستراتىگىيىلىك خاتا ھۆكۈم چىقارغان بولىدۇ. بىلىش كېرەككى، «قاۋىغان ئىت ئادەم چىشلىمەيدۇ، ئادەم چىشلەيدىغان ئىت قاۋىمايدۇ»، بۇ قائىدە ئوخشاشلا ئىستراتىگىيىلىك ئويۇنغىمۇ ماس كېلىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى قۇدرەتلىك بولۇپ، دۇنيا بويىچە تەڭداشسىزدۇر. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلىپ قالسىلا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان چاغدا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە دەلىللىكى يۇقىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان دۆلەتنىڭ پايتەختى ئاسمىنىدا ئۇچۇپ يۈرىدۇ، بۇ قايتا-قايتا سىنالغان. كۈچى تېخى ئامېرىكىغا يەتمەيدىغان شىمالىي كورىيىنىڭ ھەربىي كۈچى ھەتتا ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىدىنمۇ كۆپ ئارقىدا تۇرىدۇ.
مېنىڭ قارىشىمچە، ئەگەر شىمالىي كورىيە راستىنلا تۇتۇشماقچى بولسا، تەبىئىيلا كەينى-كەينىدىن «ئۇرۇش ئېلان قىلىش» خاراكتېرىدىكى باياناتلارنى ئېلان قىلمايدۇ. ئەسلەپ باقايلى، كىم ئېرسىن 1950-يىلى جەنۇبىي كورىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلغاندا، ئالدىن جەنۇبىي كورىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ باققانمۇ؟ يەنە 2010-يىلى 3-ئايدا، شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيىنىڭ چونئان ناملىق پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى، 2010-يىلى 11-ئايدا جەنۇبىي كورىيىنىڭ يېئون پىيوڭ ئارىلىنى توپقا تۇتتى. بۇ ئىككى قىسمەن توقۇنۇش پارتلاشتىن ئىلگىرى، شىمالىي كورىيە يەنە ئالدىن جاكارلاپ ئاندىن ھەربىي ھەرىكەت قوللاندىمۇ؟ شىمالىي كورىيە ۋەقەدىن بۇرۇن خەۋەردار قىلمايلا قالماستىن، ۋەقەدىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئىنكار قىلىدۇ.
شىمالىي كورىيە يېرىم ئارالنىڭ «ئىسسىق يادرو ئۇرۇشى» ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى دارۋاڭ قىلىۋاتقاندا، ھۆكۈمەت ياكى خەلق ئارمىيىسىنىڭ جاكارلىشى ياكى يېرىم ھۆكۈمەت شەكلىدىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تىنچلىق كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېنىقلا ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ قويۇش ئۇسۇلىدۇر. بۇ شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇرۇش قوزغايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئەمەس.
«چاشقان ئاچ قېلىپ ئۆلۈشتىن قورقىدۇ ھەم مۈشۈكنىڭ يەۋېتىشىدىن قورقىدۇ» دېگەن بۇ ئەھۋالنى شىمالىي كورىيە ھەمدە ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە ئىككى دۆلەتنىڭ كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى پىسخىكىسىنى سۈپەتلەشكە ماس كېلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
مەنبە: ئاپتورى شەن لىتەي ستانفورد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، سىنگاپور بىرلەشمە سەھەر گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك ئوبزورچىسى؛ نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى.

0

تېما

1

دوست

486

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17278
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى   ۋەزىيەتنى   ئالدىن  پەرەز   قىلىپ   خۇلاسە   قىلىش  توغرا    ئەمەس
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

0

دوست

2587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل-پەل ئاساسى بار. لىكىن ئۇرۇشلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مەتقىغە چۈشمىگەن ھالدا پارتلايدۇ.
ئاز ساندىكىلىرى پەقەت ئىنچىكە پىلانلاش ئارقىلىپ پارتلايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇرۇش قىلىشنى  قارار قىلىدىغانلارنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بۇ تەھلىلچىلەرنىڭ بىلىشى ناھايىتى تەس.
خۇلاسە: ھىچنىمە دەپ بولمايدۇ.
پەرۋاز

1

تېما

8

دوست

7403

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1692
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 913
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ajam97 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 14:16
ھازىرقى   ۋەزىيەتنى   ئالدىن  پەرەز   قىلىپ   خۇلاسە   قىل ...

لېكىن تەپەككۇر قىلىش، كۆزۈتىش توغرا، كېيىنكى ئىشلار ئالدىن پەرەز قىلىۋاتقانلارنىڭ قولىدا بولىدۇ.

0

تېما

1

دوست

3280

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 916
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەرەزلەرنىڭ ئاساسى بار ، مىنىڭچە ئامىرىكا يېرىم ئارالنىڭ بىرلىشىشىنى خالىمايدۇ ، ئامىرىكا يېرىم ئارال كىرىزىسىدىن پايدىلىنىپ ، ئاسىياغا قايتىش ئىستىراتىگىيىسىنى مۇستەھكەملىمەكچى دەپ ئويلايمەن . قانداقلا بولمىسۇن ، سىياسىنى ئالدىن پەرەز قىلىش تەس . ئامىرىكىنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدىن قارىغاندا ، چاۋشەن بىر پېچكا بۇلۇشى مۇمكىن .

0

تېما

0

دوست

176

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17973
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى بىر  سىياسى  سۈيقەست، قالغىنىنى بىلگۈچى اللاھ........

0

تېما

3

دوست

5934

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 802
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىملەرنىڭ تىلىنى چۈشنىس تەسبولدىغۇ .

0

تېما

0

دوست

128

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17448
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ھازىر ۋەزىيەتكە قارمىساخ بولمايدۇ

0

تېما

0

دوست

161

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18008
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم جۇڭئېل بودەك
گويا پور كۆتەك
ئاتىسى ئېشەك
ئۆزى دۆت خوتەك

0

تېما

0

دوست

916

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16559
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 258
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ چاۋشەن ھالىغا باقماي بەك سەت پوچى دىسە ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-25 15:13 , Processed in 0.054679 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش