قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1006|ئىنكاس: 10

ھەرىكەت راستىنلا كىشىنى خۇشھال قىلامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

1289

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرىكەت راستىنلا كىشىنى خۇشھال قىلامدۇ؟
مەكتىپىمنىڭ ھەر ۋاقىت چېنىقىۋاتقانلار بىلەن توشۇپ تۇرىدىغان تەنتەربىيە سارىيى تېمىغا "ھەرىكەت - ھايات دىمەكتۇر" دەپ يىزىلغان بولۇپ، بۇ گۈلەننىڭ  "ئامېرىكىلىقلاردا ھەرىكەت ۋە ھوزۇر" دىگەن يازمىسىدا تىلغا ئالغىنىدەك، ئامىرىكا مائارىپىدا تەنھەرىكەتكە نەقەدەر ئەھمىيەت بىرىلىدىغانلىغىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولالايدۇ. تەنھەرىكەتنىڭ ساغلاملىق ۋە زىلۋالىقنى ساقلاشتىكى تەڭداشسىز كۈچى ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا بولغان ساناپ تۈگەتكۈسىز پايدىسى بەلكىم كۆپچىلىككە ئايان، لىكىن تەنھەرىكەتنىڭ كىشىنى خۇشھال قىلىدىغان ئۈنۈمىنىڭ بارلىقىنى بىر قىسىم كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن.  ئامرىكىلىقلارنىڭ چېنىقىشىدىكى سەۋەبىنى سورسىڭىز، نۇرغۇنلىرى "خۇشھال بولۇش ئۈچۈن (to feel good)" دەپ جاۋاب بىرىشىدۇ. ئۆتكەن مەۋسۇم "دوراشۇناسلىق (pharmacology)" دەرىسىدە مەيۈسلىنىش كىسىلىگە ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تونۇشتۇرىۋىتىپ، پرافىسور دائىم بەدەن چېنىقۇرىدىغان كىشىلەردە بۇ خىل كېسەلنىڭ تۆۋەنرەك نىسبەتتە كۆرۈلىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى دورا تەسىر قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق روھىي ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقىپ قالدىم ۋە بۇ توغۇرلۇق ئىلان قىلىنغان ئىلمي ماقالىلەرنى كۆرۈپ چىقىپ سەۋەبىنى بىلىۋالدىم. تۆۋەندە مەن سىلەرگە نىمە ئۈچۈن ھەرىكەت كىشىنى خۇشھال قىلىدىغانلىقىنڭ ئىلمي ئاساسىنى سۆزلەپ بىرەي:

ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مېڭىدىكى "مۇكاپات سىستىمىسى (reward system)" دەپ ئاتىلىدىغان مېڭىدە مۇۋاپپىقىيەت، ھاياجان ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسى پەيدا بولغاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نېرۋا خېمىيىلىك ماددىلىرى ۋە باشقا ھورمۇنلار يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى خېمىيىلىك ماددىلار دوپامىن، سېروتونىن، ئېندورفىن ۋە ئېپىنېفىرىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ بەدەندىكى مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە، ئادەمنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ بەدەندىكى مىقدارى تۆۋەنلىگەندە بولسا، ئەكسچە بولىدۇ. شۇنىمۇ قوشۇپ قويايكى، ئېندورفىن ئادەم بەدىنىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان  تەبئىي مورفىن (خېروئىن ۋە ئەپىيۇن تەركىبىدىكى ئاكتىپ
خېمىيىلىك ماددا) دىگەن نامغا ئىگە بولۇپ، ھاياجانلىنىش ۋە ئازاپلىنىشنى كونتىرول قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك تەبئىي خېمىيىلىك ماددىدۇر. ھەرىكەتلىنىش جەريانىدا، ئادەم بەدىنىدە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ماددىلارنىڭ مىقدرى ئاشىدىغان بولغاچقا، ھەرىكەتتىن كىيىن كىشى خۇشھال كەيپىياتتا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كىيىن، كىشىدە رازىمەنلىك تۇيغۇسى ئېشىپ مېڭىدىكى مۇكاپات سىستىمىسىنى يەنىمۇ قوزغىتىدۇ. تەتىقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەرىكەت ئاخىرلىشىپ 12 سائەتكىچە
ھەرىكەت قىلغانكىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ھەرىكەت قىلمىغان كىشىلەردىن ياخشى بولىدىغانلىغى بايقالغان. دېمەك، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى جىسمانىي ساغلاملىقنى ئاشۇرۇشتىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، روھىي ساغلاملىق ۋە كەيپىياتنى تەڭشەشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئىزچىل بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈشىمىز بەكمۇ زۆرۈر.

ئەمەلىيەتتە مەيلى قايسى خىلدىكى چېنىقىش تۈرىنى تاللىماڭ، پەقەت ئىزچىللىقنى ساقلىسىڭىزلا، ھەممىسىنىڭ سالامەتلىك ۋە كەيپىياتنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز. ئەگەر سىز ئاساسلىقى كەيپىياتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە چېنقماقچى بولسىڭىز، زىچلىقى يۇقىرى، ئېغىر ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى (مەسىلەن، ئېغىرلىق مەشىقى دىگەندەك؛ قانچە ئېغىر بولسا، بەدەندە شۇنچە كۆپ مىقداردىكى ئەپيۇن تۈرىدىكى كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئېندورفېن قاتارلىق نېرۋا خېمىيىلىك ماددىلىرى ۋە ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستېرون ئىشلەپچىقىرىلىدۇ) قىلسىڭز ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .
يەنە بىر مۇھىم بولغىنى، مەيلى قايسى تۈردىكى ھەرىگەت بولمىسۇن ئاز دىگەندە 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە داۋاملىشىشى، ئوخشاش ھەرىكەتنىڭ ھەر قىتىمدا بۆلەككە بۆلۈپ تەكرار ئىلىپ بىرىلىشى ئەڭ زور ئۈنۈم بىرىدۇ. ھەرىكەت تۈرلىرى چوڭ جەھەتتىن ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، ئوكسىگېنسىز ھەرىگەت ۋە ئىلاستىكىلىق ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئوكىسىگېنلىق ھەرىگەت سۇ ئۈزۈش، ئاستا يۈگۈرۈش، ئارغامچا سەكرەش، ۋېلىسپىت مىنىش، گىمناستىكا ئويناش، مىڭىش، تاغدا سەيلە قىلىش، تېننىس توپ، تىكتاك توپ ئويناش.. قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىلدىكى ھەرىكەت تۈرلىرى ئاساسلىقى ئوكىسىگېنلىق مۇسكۇللارنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بىر قەدەر يەڭگىل ھەرىكەتلەر ھېساپلىنىدۇ. ئوكىسىگېنلىق ھەرىكەت يۈرەك سوقۇشنى تىزلىتىدۇ، مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماينىڭ پارچىلىنىشىنى تىزلىتىدۇ، ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى يۇقىرلىتىدۇ ۋە چىدامچانلىقنى ئاشۇرىدۇ.  
ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت ئېغىرلىق مەشىقى، مۇسكۇل ۋە پەينى چىڭىتىش ۋە بوشىتىش مەشىقلىرى، يۇقىرى تىزلىك مەشىقى ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى بۆلەككە بۆلۈپ كۈچلەندۈرۈش مەشىقى... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خلىدىكى ھەرىكەت تۈرلىرى ئاساسلىقى ئوكىسگېنسىز مۇسكۇللارنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، مۇسكۇلنى چوڭايتىپ، مۇسكۇل ۋە پەينى چىڭىتىپ بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ.  
ئىلاستىكىلىق ھەرىكەت ئاساسلىقى مۇسكۇل. پەي ۋە بوغۇملارنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، كۆپىنچە يىنىڭ ئاتلىتكا تۈرىدىكى ھەرىكەت شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى باشقا تۇردىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشتىن بۇرۇن ياكى كىيىن قوشۇپ قىلغاندا ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

ئومۇمەن ئوخشىمىغان مۇسكۇللارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ھەرىگەت تۈرلىرى، مەسىلەن تىز سۇ ئۈزۈش مەشىقى، توپ ئويناش (ۋاسكىتبول، ۋالىنول، پۇتبول، زەيتۇن توپ، كالتەك توپ ...)، ئۇسۇل ئويناش قاتارلىقلارنى ۋە ياكى ساغلام كىشىلەر ئوكسىگېنلىق ۋە ئوكسىگېنسىز  ھەرىكەت تۈرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قىلغاندا سالامەتلىككە بولغان پايدىسى يۇقىرى بولىدۇ. ھەرىكەتنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىسى بارلىق ئەزا، ئورگانلاردا ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ يۈرەك، قان-تومۇر، مېڭە، ۋە ئىممۇنىت سىستىمىسى قاتارلىقلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاشقا بولغان پايدىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك.

ئىشقىلىپ، سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان قايسى خىلدىكى ھەرىكەت تۈرى بولمىسۇن، ھەتتا مىڭىش ياكى ئۇسۇل ئويناش دىگەندەك ئىشلار بولسىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىڭىزغا پايدىسى كۆپ. لىكىن، شۇنى دەپ قويۇش كىرەككى، ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق ھەرىكەتنىڭ بەدەنگە ئەكسچە زىيانلىق تەرەپلىرى بار.

ئاپتۇر: بىلگەجان (2013-يىلى قەھرىتان، ئامرىكا)

0

تېما

1

دوست

486

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17278
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورمال     ھەركەت      سالامەتلىككە    پايدىلىق  
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

143

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17684
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ كومپيۇتىر ئالدىدا ئولتۇردىغانلار چوقۇم ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشى كىرەك..  يەڭگىل گىمناستىكىلار بولسا ئۈگۈنۈپ ئويناپ بەرسەم بولاتتى مەنمۇ...  (ئەسنىگەن چىراي ئىپادىسى)
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

365

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12882
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ھەممىدىن بەك ياقتۇرىدىغىنىنم چېنىقىش ئۆيى.چېنىقىش ئۆيى ماڭا باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ!

باھا سۆز

aktuqi  چېنىقىش ئۆيى نەدەبادۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

3

تېما

0

دوست

2587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبۇل ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ

0

تېما

1

دوست

4486

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12698
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 558
تۆھپە : 968
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرى-ياش، ئەر-ئايال(ئوغۇل-قىز)ھەممەيلەنگە ئورتاق بولغان  چىنىقىش تۈرى: پىيادە(ياياق) مېڭىش ۋە ۋېلىسپىت مىنىش بولسا كېرەك. تۈرلۈك توپ ئويناش، سۇ ئۈزۈش، گىمناستىكا ۋە ياكى باشقا مەخسۇس ئەسۋاپلاردا چىنىقىش مۈمكىنچىلىكى بولسا تېخى ياخشى.  بىراق ھازىر جەمىيەتتە بىر قىسىم سۆلەتبازلار بۇنداق چىنىقىشنى ياراتمايدۇ ياكى ئۆزىچە نومۇس قىلىشىدۇ. ئۇنداقلارنىڭ نەزىرىدە چىنىقىش دىگەن چوقۇم مەخسۇس ئورۇندا  يۈرۈشلۈك چىنىقىش سايمانلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. مەنچە بولغاندا ھەركىم ئۈچۈن چىنىقىش ئۆز ئەھۋالىغا ماس كەلگەن قايسى بىر تۈر بويىچە بولسا بولىۋېرىدۇ. چىنقىشنىڭ ۋاقتى  مىقدارى جەھەتتە، ھەپتىدە بەش كۈن، ئەتىگەن ياكى كەچتە بەدەندىن تەر چىققۇچە(قىرىق مىنۇتلار ئەتراپىدا) بولسا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن(دىگەنلىرىم پەقەت ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، جىسمانى ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولمىسا كېرەك). چىنىقىشتىن مەقسەت: تەن ساغلاملىق ئۈچۈن. چۈنكى دانىشمەنلەر« ساغلام تەندە، ساپ ئەقىل»دەيدۇ ئەمەسمۇ!ھەقىقى مۇسۇلمان ئۈچۈن، بەلكىم يۇقۇرقىدەك چىنىقىشلار ئارتۇقچە بولۇشىمۇ مۈمكىن. بۇ يەردە دېيىشكە تېگىشلىك  ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ھەركىم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يېمەك بىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشتۇر. يېمەكنى مۇۋاپىقلاشتۇرماي، قانداقلا چىنىققان بىلەن بىكار. كەچتە كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن غىزالىنىش ياكى بولمىسا غىزالىنىپ بىرەر يېرىم سائەتتىن كېيىن ئارام ئېلىش كېرەك ( بۇلار مېنىڭ قارىشىم).

0

تېما

3

دوست

5934

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 802
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندە بەشۋاقىت نامازئوقۇشمۇ .چىنىقىش بىلەن بەك يېقىن .ئادەمنىڭ كۆڭلى شۇنداق  يورۇق .زىھنى ئوچوق .بەدەنلىرى ينىك يۈرىيدىكەن .
چىرايمۇ گۈزەللىشىپ كىتىكەن تېخى

ئالمىدەك يۈرەكت

1

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 2067
توردىكى ۋاقتى: 864
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگەجان سىزنىڭ يازغان يازمىلىرىڭىز ئادەمگە ھەقىقى نەپ بېرىدىغان  ،تۇرمۇشقا تەدبىقلانغان يازمىلا ئىكەن. مەن سىزنىڭ يازغان يازمىلىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن.

باھا سۆز

bilgejan  رەھمەت قېرىندىشىم ئىلتەبىر! سۆزلىرىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم. يازمامنى ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن خۇرسەنمەن.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

365

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12882
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pigan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 17:18
قېرى-ياش، ئەر-ئايال(ئوغۇل-قىز)ھەممەيلەنگە ئورتاق بولغا ...

چېنىقىش ھەقىقىي مۇسۇلمان ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم.چۈنكى ئاللاھ تائالا:ئوخشاش دەرىجىدىكى ئىككى مۇئمىن بەندىنىڭ كۈچلۈك كەلگەنرەكىنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ.بۇ جايدىكى كۈچلۈك سۆزى جىسمانىي ۋە ئەقلىي مەنىگە ئىگە.جىسمانىي نۇقتىدىن كۈچلۈك كەلگەن مۇئمىن ئادالەت ئۈچۈن جاھىللارغا قارشى ساباتلىق كۆرسىتەلەيدۇ.ئەقىل جەھەتتىن كۈچلۈك كەلگەنلەر تەبىكى،ئىلىملىك كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئىلىملىك كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك.شۇڭا مۇسۇلمان ئۈچۈن جىسمانىي كۈچ،يەنى ساغلاملىق،ۋە ئەقلىي كۈچ-بىلىم تولىمۇ مۇھىمدۇر.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ئۆزىمىزنى يېقىنلىتىش ۋە سۆيگۈسىگەئېرىشىشتىكى يولىمىز ھېساپلىنىدۇ.

0

تېما

0

دوست

289

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17349
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 14:49
پۇتبۇل ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ

مەن چىنقشقا بەكمۇ ئامراق،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-25 15:22 , Processed in 0.062799 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش