ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ ، شەرقى شىمالى موڭغۇلىيە بىلەن (چىگرا لىنيەسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 628كىلومېتىر ) غەربى ، شىمالى قازاقىستان ، روسىيە بىلەن چىگرالىنىدۇ ( چىگرا لىنيەسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 1391كىلومېتىر )، جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 760 كىلومېتىر ، شەرىقتىن غەرىبكىچە بولغان كەڭلىكى 630 كىلومېتىر . ئومۇمىي يەر مەيدانى 267 مىڭ 500 كۇۋادىرات كىلومېتىر . ئوبلاسىتقا ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ناھىيە دەرجىلىك شەھەر ( ئىلى ۋىلايىتى ،تارباغىتاي ۋىلايىتى ، ئالتاي ۋىلايىتى ، كۈيتۈن شەھرى ) قارايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىڭتۈەننىڭ بەش يېزا ئىگىلىك شىسى بار. ئوبلاست مەركىزى غۇلجا شەھرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ ئارلىقى 700 كىلومېتىر . ئومۇمىي نوپۇسى بەش مىليونغا يەتكەن بولۇپ خەنزۇ %45 ، قازاق %25 ، ئۇيغۇر %16 ، خۈيزۇ %8 نى ئىگەللەيدۇ . خەنزۇ ، قازاق ، ئۇيغۇر ، خۈيزۇ ، شىبە ، موڭغۇل قاتارلىق 47 مىللەت بار .
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ يېرى ئىدى ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربى تۈرۈكلەرگە تەۋە بولغان ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئويرات موڭغۇللىرى باشقۇرغان ، چىڭ سۇلالىسى 1762-يىلى ئىلى جىياڭجۈنى تەسسىس قىلغان ، 1888-يىلى ئىلى - تارباغىتاي دوتەيلىكى ، 1919-يىلى ئالتاي دوتەيلىكى تەسسىس قىلىنغان ، 1954-يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلۇپ مەمىلكەت بويىنچە بىردىنبىر ۋىلايەتنى باشقۇرىدىغان مۇئاۋىن ئۆلكە دەرجىلىك ئوبلاست بولۇپ قالغان .
ئىلى بىر ئوبلاست ، ۋىلايەتنىڭ ۋە ئۇلۇغ دەريانىڭ نامى ، " ئىلى " نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار ، نىيۇ روچېن " ئىلى " موڭغۇل تىلىدا " پارلاق نام " دىگەن مەنىنى بۈلدۈرىدۇ دەپ ئىزاھلىغان ( شىنجاڭ يەرناملىرى ھەققىدە ئومۇمى بايان 155-بەت ) ، ئمىن تۇرسۇن ئەپەندى " ئىلى "نىڭ مەنىسى قەدىمكى تۈرك تىلىدا " ئوڭاي تاشىدىغان " ، " تاشقىنلىق " دەريا دىگەنلىك دەيدۇ ( شىنجاڭ تەزكىرىچىلكى 1996-يىلى3-سان) .
ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن " شىنجاڭنىڭ مەمۇرى تۈزۈلمىسى ۋە يەر-جاي ناملىرى " دىگەن كىتابتىن پايدىلىنىپ يوللاندى . |