قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2454|ئىنكاس: 29

مۇسۇلمان يېمەكلىكك مۇناسىۋەتلىك مەسىلە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

563

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   40.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7829
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 105
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان بولسىڭىز چوقۇم كۆرۈڭ.....{تەۋسىيە}

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم، مەن تۆۋەندە تىيەنجىن شەھرىدىكى مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنىڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان، مۇسۇلمانلار ئىستېمالىدىكى ھارام يېمەكلىكلەرنى سىلەرگە بىلدۈرمەكچىمەن.
بۇ ھەر بىر مۇسۇلمان قىلىشقا تېگىشلىك بولغان يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا دانىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى، ھەممىڭلارنىڭ كۆرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن يېمەكلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ھەم ئۇلۇغ ئاللاھدىن ياردەم تىلەيمەن.
ئاپتۇرى _ تىيەنجىن شەھرىدە مۇسۇلمان، تەخەللۇسى ئۈرۈمچى
لىنشىيا شەھەرلىك تەشۋىقات كومتېتى بىسىپ تارقاتتى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مېھرىبان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن.
ھازىر مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا بۇلغىنىش مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر، نۆۋەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، يېمەكلىك تاللاشتا شەرخىللىشىش، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇش، شەكىل جەھەتتىن دەۋرىلىشىش ئەھۋاللىرى سەۋەبلىك كىشىلەر ئېڭىدا "خەنزۇچە" دەپ يىزىلماي "مۇسۇلمانچە" ياكى "ھالال" دېگەن خېتى بار يېمەكلىك بولسىلا بولىۋېرىدۇ دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى. اللە تائاللا قۇرئان كەرىمدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:« اللە سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ھەم اللەنىڭ نامى بىلەن زىكىرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى». قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىكى بايانلار مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىمىز توغرىلىق ئويلىنىپ بېقىشقا دالالەت قىلىشقا كۇپايە. اللە قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:«روھىنى پاك قىلغان ئادەم مۇرادىغا يىتىدۇ. نەپسى(كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن)كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ». (91-سۈرە 10-ئايەت) بىر مۇئىمىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ھارام نەرسە يەپ سالسا، چىن دىلدىن تۆۋە قىلىشى كېرەك. ئەگەر ھازىرقى جەمئىيەتتە بىر قىسىم ئادەملەر ھەر كۈنى ھارام نەرسىلەرنى ئېستىمال قىلىۋەرسە ئۇنى قانداقمۇ ئىسلامغا ئەقىدە قىلغان مۇسۇلمان دېگىلى بولسۇن؟ تۈرلۈك يېمەكلىكلەر ھالال-ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارلىرىمىزغا تولۇپ كەتتى. ئۇنى ئايرىپ ئىستېمال قىلىش سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇسۇلمانلار قاتتىق ئېتىبار قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. مەن اللەنىڭ رىزاسى ئۈچۈن نەچچە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىت ئاساسلىرىمنى قەلەم بىلەن بايان قىلىپ ئەھلى ئۆلىما ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
     مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن لىنشىيادىكى داشىگۈۋەن جامەسىدە، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبىي، شەندۇڭ، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردا بازارغا سىلىنىۋاتقان ھەر خىل "مۇسۇلمانچە" ئەمەس يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئەمىلى ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش شەرىپىگە ئىرىشتىم.
     بىرىنچى چوڭ مەسىلە سۆڭەك يىلىمى (骨胶) دۇر. سۆڭەك يىلىمى بولسا تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ۋە تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، يىپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يىلىم، بۇنى كۆپچىلىك ھەممەيلەن بىلىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ئەسلى ياغاچ ماتىرىياللارنى يەملەشكە ئىشلىتىلەتتى. تېخنىك تەرەققىياتى بىلەن ھازىر سۆڭەك يىلىمىنى يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىدىغان سۈزۈك، چاپلىشاڭغۇ بولغان تۈرلۈك يىلىملەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولدى. بۇ ئىنچىكە پىششقلاپ ئىشلەنگەن يىلىم ھازىرقى سېغىز¬(پوپوتاڭ)، ئىغىز پۇراقلىق قىلىش كەمپۇتى، شاكىلات(چوكىلى)، سۈت كەمپىتلەرگە قوشۇلىدۇ. يىلىم بولمىسا بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساش مۇمكىن ئەمەس. ھازىرقى تېخنىكا يېڭىلاش دەۋرىدە يىمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يىلىم يەنە سوغاق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن: قايماقلىق سۈت پاراشۇگى، سۈتلۈك چوكامۇز(بىڭگۇر)، سۈتلۈك مارۇژنا(بىڭجىلىن)، مېۋە تۈرمىسى ... قاتارلىقلار. سۆڭەك يىلىمىنىڭ قاتۇرۇش رولى بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەن تىيەنجىن شەھەرلىك قىزىل يۇلتۇز سوغاق ئېچىملىكلەر زاۋۇتىغا يەنى كاڭلى سوغاق ئىچىملىك زاۋۇتىغا بىرىپ تەكشۈردۈم. تېخنىك خادىم بىزگە زاۋۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.

(1)بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مۇسۇلمانلار رايونىغا كۆپلەپ يۆتكىلىدۇ. زاۋۇت ئىشچىلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىش-كەلمەسلىكىنى ئەلۋەتتە ئويلاشمايدۇ. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە سۆڭەك يىلىمى بار.
(2)بوتۇلكىغا قاچىلانغان مۇراپپا ۋە شەربەتلەر يەنى شاپتۇل، ئامۇت، ئەنجۈر،ئاپلىسىن، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ياساش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساشتا 85-يىلدىن ئىلگىرى 500 گرام دىتسىللەنگەن سۇغا ئالتە جۈپ قەن سېلىپ، ھاۋانى سۈمۈرۋېلىپ، ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ دېزىنفىكسىيە قىلاتتى. ھازىر قەنت سىيىش كېسىلى، زىيادە سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن زاۋۇتلارغا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتە قەنت مىقدارىنى ئازايتىش توغۇرلۇق بەلگىلىمە چىقىرىلىدى. كېيىن بۇ زاۋۇتلار سۆڭەك يىلىمىنى دىتسىللەنگەن سۇغا قوشۇپ قەنت مىقدارىنى ئازايتىش ئامالىنى قوللاندى. ھازىرقى كونسىرۋالارنىڭ سۈيىنى تۆكىۋەتسەك، تەركىۋىدە ئوماچقا ئوخشاش بىر قەۋەت قويۇق ماددا بارلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇ سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
(3)ھازىرقى خالتىلىق ناۋات(يەنى كرىستاللانغان ناۋات دەپمۇ ئاتىلىدۇ). يىگەندە چۈرۈك، تەمى تاتلىق، قاتتىق ئەمەس ھەمدە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەسلىدە ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ، ساقلاشقا ئەپلىك. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەن.
(4)مېۋە قېتىشمىلىرى بولسا پۈتۈنلەي سۆڭەك يىلىمىگە رەڭ كىرگۈزگۈچى ۋە تەم قوشقۇچى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بولۇپ، بالىلار ئېچىملىكلىرى خېمىيىلىك چەكلەنگەن مەھسۇلاتتۇر. بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ تەمى ۋە قەنت تەركىۋى ئىلگىركى ئۇسۇل بويىچە تەييارلانغانلىرىدىن 15 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. ياسالمىلىرىغا مەبلەغ ئاز، پايدا كۆپ بولىدىغان سۆڭەك يىلىمىدىن پايدىلىنىدۇ.
(5)كېسىلگەن ئاش(挂面) ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى سىلىش _ بىر ئاش كىسىش زاۋۇتىغا بىرىپ تەكشۈرگەندە، زاۋۇت خادىملىرى بىزگە ئوچۇقلا قىلىپ :"ئەگەر كېسىلگەن ئاشنىڭ خېمىرىغا مۇۋاپىق نىسبەتتە سۆڭەك يىلىمى ئارىلاشتۇرمىساق، سۇدا ئۇزاق قاينىتىلسا ئوماچقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ" دېدى. بىز ئاش كېسىش ئورنىدا كېسىلگەن ئاشنى قازاندا قاينىتىپ، سۈيىنى پۇراپ باقسىڭىز سۆڭەك يىلىمىنىڭ ھىدى كىلىدۇ.
(6)پىنتوزا ياساش: پىنتوزا پۇرچاق تۈرىدىكى ئەشىيالار، كۆممە قوناق، ياڭيۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ، يۇقارقى خام ئەشىيالارغا بەلگىلىك نىسبەتتە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ. بولۇپمۇ لازىجاڭ ۋە تىتىقۇ ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ. باشقا تۈرلەرنىڭ سەل ئازىراق. ئەگەر لازا كونسىرۋاسىنى بىر كۈن قايناتسىمۇ ئوماچتەك بولۇپ قالمايدۇ. بۇلار دەل سۆڭەك يىلىمىنىڭ كۈچلۈك يىپىشتۇرۇش رولىنىڭ كۈچى. سىز زاۋۇتلاردا ياسالغان مەلۇم بىر خىل سەي كونسىرۋاسىنى(菜浆)نى قايناق سۇغا قۇيۇپ ئېرىتسىڭىز، ئۇنىڭدىن سۆڭەك يىلىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايسىز. يۇقارقى مەسىلىلەرگە ھەر بىر ئۆلىمادىن تارتىپ ئاددىي كىشىلەرگىچە دىققەت قىلىشى كېرەك.

بۇ پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرۈدىكى: چوشقا سۆڭىكى يىلىمى يۇقارقى ئېستىمال بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلىدۇ. جوڭگۇدا 1 مىليارد 300 مىليۇن خەلىقنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار %95 ئىگەللەيدۇ. ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردىكى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلىرى خەنزۇلار بولۇپ، پەقەت تازىلىق، سەھيە تەلپىگە ئۇيغۇن بولسىلا، تۈرلۈك تېتىتقۇلارنى قوشىۋېرىدۇ. يېمەكلىككە قۇشۇلىدىغان سۆڭەك يىلىمىغا ئاساسلىقى: چوشقا سۆڭىكى، كالا سۆڭىكى خام ئەشىيا قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كالا، قوي سۆڭىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. چوشقا سۆڭىكى مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ھارام، شەرىئەتكە خىلاپ! ئۆسۈملۈكلەردىن تاللاپ ئېلىنغان مايلار، مەسىلەن، دېڭىز يىلىمى، كۆكتات يىلىمى قاتارلىق ماتىرىياللارنىڭ تەننەرخى ھايۋان سۆڭىكىنىڭ تەننەرخىدىن 10 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. بۇلار ئاساسلىقى دۆلەت مۇداپىئەسى، تېبىي داۋالاش، تەجرىبە تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدۇ. بىر ئادەتتىكى يېمەكلىك زاۋۇتىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا بىز ھەرگىز ساددىلىق بىلەن ئىشىنىپ قالماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ئېلان ۋېۋىسكىلىرىدا جار سىلىپ ماختاشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

بىز يەنە جاڭيۇنىڭ تەركبىگە دىققەت قىلىپ باقايلى: جاڭيۇنىڭ تەركىبى ئاساسلىقى ئادەمنىڭ چىچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان. بۇ ئاساسەن خۇنەن جاڭيۇ زاۋۇتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ياسىلىدۇ. جاڭيۇغا تەڭشۈگۈچ قوشۇپ كونسىرۋا قۇتىسىغا چاپلىغاندا تازلىققا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
ئەڭ خەتەرلىكى، چوشقا مېيىنى ئىستېمال قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا ھەممە يېمەكلىك زاۋۇتىدا چىقىۋاتقان سۈنئىي سۈت پاراشوگى، سۈنئىي قايماق،تورت مېيى، قاتۇرغۇچ ۋە باشقا تېتىتقۇچلار چوشقا مېيىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن. بىز تىيەنجىن قۇشۇمچە يېمەكلىكلەرنى توپ سېتىش بازىرىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، چوڭ خوجايىن-بايۋەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يېمەكلىك زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئاساسەن چوشقا مېيى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. يېمەكلىك سىرىتقى يۈزىگە بىر قەۋەت چوشقا مېيىنى سۈركىۋەتسە، يېمەكلىكىنى يېڭى ھەم ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ. ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدا ھايۋانات مېيىدىن چەكلىنىپ، تەمسىز، پۇراقسىز، سۈزۈك، سۇغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇلىدۇ. 97- يىلى چاڭچى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى يۇقىرى تېمپىراتۇر شارائىتىدا ئاساسى ئېرىتمىدىن سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھايۋانات مېيىنى مۇۋاپىقىيەتلىك چەكلەپ، ھازىرقى يېمەكلىكلەرگە سىڭدۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان زەھەرسىز، غەيرى پۇراقسىز، رەڭسىز سۇيۇقلۇقنى ئىشلەپ چىقاردى. سىز بارمىقىڭىزدا سىلاپ بېقىپمۇ شەكلى ئۆزگەرتىلگەن چوشقا مېيىنى پۇراپ بىلەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. بىز تىيەنجىن شەھەرلىك سۈنئى سۈت پاراشۇگى(سۈت مەھسۇلاتلىرى) زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرسەك، سۈت پاراشۇگىنىڭ ئەسلىي مەنبىيى پۇرچاق تۈردىكىلەر بولۇپ، پۇرچاق مېيىنى يۇقىرى تېمپىراتۇردا پۈركۈپ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن قاتۇرغۇچىغا سىڭدۈرۈپ، سۈنئى پاراشۇك ياساپ چىقىدىكەن. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە قاتۇرغۇچى چوشقا مېيىدىن ياسالغان. تورت دۇككانلىرىدا ئەگەر زاۋۇتنىڭ تەم كىرگۈزگۈچى بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بۇمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى چوشقا مېيىنى چەكلەپ سۈزۈك سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ، ھەر خىل نام بىلەن رېستۇرانلارنىڭ تاماق شىرەسىگە چىقارغاندىن كېيىن بۇ خەۋەرلەر لەنجۇدىكى خۈيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى جەمئىيەت مۇنازىرسىى بىلەن لەنجۇدىكى سودا-سانائەت، سەھيە ۋە ج خ ئورگانلىرى بىرلىشىپ جىددى تەكشۈرۈپ، ھارام بۇيۇمنىڭ چىقىش مەنبىيىنى ئىزلەپ، تېگىشلىك جازاسىنى بەرگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنى بۇلغايدىغان بۇ قىلمىشلار ئەمدى باشقىچە شەكىلدە باشقا جايلاردا يامرىماقتا.

ئىككىنچى چوڭ مەسلە: كالا، قوي ۋە توخۇلارنى بوغۇزلاش مەسلىسى؛ خېنەن، خېبىي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خۇيزۇلارنىڭ قۇشخانلىرىدا شەرىئەتكە مۇخالىپ كالا-قوي ئۆلتۈرۈش ئەۋج ئالدى. بىز شەندۇڭ لۇۋەنشۇەن ناھىيەسىدە بىر خۇيزۇ يېزىسىنى تەكشۈرگەندە، بۇ يېزا مەشھۇر قاسساپلار يېزىسى بولۇپ، بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن مۇنداق ئەھۋاللارنى كۆردۇق. خۇيزۇلار كالىنىڭ بۇرنىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈگۈچنى تىقىپ كالىنى سۇ بىلەن تىنجىقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن. بۇ ئارقىلىق كالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. بەزى قاسساپلار ئۇشلۇق بىگىزنى كالىنىڭ مېڭىسى ئوتتۇرىدىكى نىرىپ مەركىزىگە تىقىپ ئۆلتۈرىدىكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق قىلغاندا قان چىقمىغاچ گۆشنىڭ ئومۇمىي ئىغىرلىقى ئاشىدىكەن. مۇنداق ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ، بۇنداق گۆش ھارام بولىدۇ. خالتىلارغا قاچىلانغان گۆشلەرگە مەيلى"ھالال" ياكى "مۇسۇلمانچە" دەپ يېزىلغان بولسۇن، بۇ گۆشلەر كالا-قوي فرمىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن. جەمئىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك تاۋارلارنىڭ يېزىلغان"مۇسۇلمانچە" دېگەن خەتكە ھېچكىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرەلمەيدۇ. ئەشۇ پۇل-مال ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلىشنى يوللۇق ھېسابلايدىغانلار ئىماننىڭ قارىشىسىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرىپ، سەبىي بالىلارنىڭ پاك قەلبىنى بۇلغايدۇ. بۇ كۆپ يىللاردىن بىرى كۆرۈلىۋاتقان ئەمەلىيەت. اللە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« زېمىندىكى ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر مۆئمىن بولساڭلار اللەدىن قورقۇڭلار» (5-سۈرە 78-ئايەت)

اللەغا كۆپ شۈكرى، بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلانسىمۇ، لېكىن ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ئىماننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم تەلىۋى. ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار، بىز بىر چوڭ كۆلەملىك بالا-قازاغا دۇچ كەلدۇق. نېمىشقا بىزنىڭ ئېتقادىمىز سۇس؟ ئىمانىمىز زەئىپ؟ ئىبادىتىمىز قەلبىمىزنى تىتىرىتەلمەيدۇ؟ نېمە سەۋەبتىن قەلبىمىز قىتىپ قالدى؟ سەۋەب بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھارام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. ھارامنى يېيىش قەلىبنى بۇلغايدۇ. بۇ مۇنازىرىسىز پاكىت. ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ:«قىيامەتكە يېقىن بىر ئادەم كېلىدۇ، ئۇنىڭ چاچلىرى توپا باسقان، كىيىم-كىچەكلىرى كىر، چىرايى تۇتۇق، ئۇ شۇنچە دۇئا قىلىدۇ، لېكىن دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يىگىنى ھارام، كىيگىنى ھارام.

بۇ بىر مەيدان ئاپەت ئالدىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمىزكى، ئى ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغۇچى!!! قەددىڭىزنى رۇسلاپ، كۆز ئالدىڭىزدىكى ھارامغا نىسبەتەن يۈكسەك ھۇشىيار بولۇڭ. ھارامنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە رۇخسەت يوق. بىز تاماق داستىخانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم قېقىۋېتەيلى. نەپسانىيىتىمىزنىڭ ھەۋىسىگە ئەگەشمەيلى! گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭ پاك قەلبى بۇلغانمىسىۇن. ئۇلارغا ساپ ئىمانى مۇھىت، ئىمانى ھايات، ئىمانى داستىخان كېرەك. بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە قاراپ ئېتىلىۋاتقان زەھەرلىك بۇلغانمىلارنى بايقاپ، بىرلىكتە نەپسىمىزنى ۋە ۋۇجۇدىمىز پاك ھالدا، كەرەملىك اللەدىن تىلەيلى!
ئى ھەممىگە قادىر اللە! بىزگە ياردەم قىلغايلا! بىزنىڭ نەپسىمىزنى پاك قىلغايلا! روھىمىزنى پاك قىلغايلا! ۋۇجۇدىمىزنى پاك قىلغايلا! دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغايلا! بىزنى ھارامدىن ساقلىغايلا! بىزدىن رازى بولغايلا!  ... ئامىن!

بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى يوللىغۇچىسى ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرىدىن جەڭگىۋار ئەپەندى بۇلۇپ، بۇ ماقالىنى كۆرگەن ھەر بىر مۇسۇلمان تورداشلارنىڭ باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىپ بۇ تور بەتكە يوللاپ قويدۇم.
ھازىر يۇرتىمىزدا يېمەكلىك ۋە ئېچمەكلىكلەرنىڭ "مۇسۇلمانچە" ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلمايدىغان ئىشلار ئىنتايىن ئېغىر، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا ئېلىپ بىرىلىدىغان تاتلىق تۈرمىلەرنىڭ. .

مومكىن بولسا مۇشۇ تېمى تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ



1

تېما

0

دوست

926

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15774
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمانلار ۋە ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېساپلايدىغانلار ئېتىقادىمىزغا ھۆرمەت قىلايلى
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

3280

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 916
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەييييييي  .....................   ھەممە نەرسىنى بۇلغاپ بولدى ! ( ئۇلۇغ ئاللاھ- ئۆزىڭىزگە ئامانەت )
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

459

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   14.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17606
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ساقلىسۇن ھارام نەرسىلەرنى بىلپ بىلمەي يەپ سىلىشتىن!!!
  بىر قىتىم تاس قاپتىكەنمەن خەنزۇ ئاشخانىسىدىن تاماق يەپ سالغىلى !! ،3قەۋەتلىك ئاشخانىنىڭ ئۈچىلى قەۋەتلىرى مۇسۇلمانچە ئاشخانا ،خەنچە ئاشخانىلار باشقا ئاشخانا بىناسىدا دەپ بىلەتتىم دە -بىرىنچى قەۋەتتىكى ئاشخانىغا كىرىپ تاماقلارغا قاراپ ھىچقايسىسىنى يىگۈم كەلمەي ،پەقەت كۆڭلۈم تارتمىدىدە ،بولدىلا ياتاققا چىقىپ چاي ئىچەي دەپ ئاشخانىدىن يىنىپ چىكەتتم ،بۇرۇن ھىچ قاچان بۇنداق تۇيغۇدا بوپ باقمىغان ،كىيىن  كىرىپ تاماق يىگۈچەقارىسام ئاشخانىنىڭ ئىچى كىچىكلا تۇرىدۇ،بۇ بىنا يوغان بىنا ئىدى ،ئاشخانا كىچىكلا تۇرىدىغۇ تۆپىدىكىلىرىمۇ يوغان ئىدى  دەپ  ھەيران بولۇپ دوستۇمغا دېسەم ،بىرىنچى قەۋەتنىڭ يانا بىر يىرىمى خەنزۇچە ئاشخانا دەيدۇ ،بۇ بىنانىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىدىغۇ دېسەم ئىشەنمىسەڭ چىقىپ ۋىۋىسككىسىغا قاراپ باق دىمەسمۇ ،يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسام راس شۇندا ، ئۆتكەندەتاس قاپتىمەن  ئاشۇ  خەنزۇچە ئاشخانىدىن تاماق يەپ سالغىلى دەپ بولغان ئىشنى دەپ بەسەم ئاللاھ بىر ساقلاپتۇ ئاداش ئاللاھقا شۈكرى دە دىدى،ئەسلى بۇ بىنانىڭ ئىككىنچى ئۈچىنچى قەۋەتلىرى پۇتۇنلەي مۇسۇلمانچە ئاشخانا ،بىرىنچى قەۋىتىنىڭ يىرىمى مۇسۇلمانچە يىرىمى خەنزۇچە ئاشخانىكەن ئەمەسمۇ !شۇ قىتىم مېڭىۋاتقان يولۇمغا يىقىن دەپ ئەزەلدىن كىرىپ باقمىغان كەينى ئىشىكى بىلەنلا ئۇقۇشماي خەنزۇچە ئاشخانىغا كىرىپ ساپتىكەنمەن ،بۇ مەكتەپكە يىڭى كەلگەن چاغلىرىم ئىدى ، ئاللاھ كۆڭلۈمگە ساپتىكەن يىمەسلىكنى دەپ شۇنداق شۈكرىلەر ئېيىتتىم  .......

باھا سۆز

kutyol  تاماق يىگىلىك كىرگەندە ئاۋال ۋىۋىسكىسىغا ئوبدان قاراپ ئاندىن كىرىپ تاماق بۇيرىتۇڭ، بولمىسا چاتاق چىق.....  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:35
umidyar  تاماق بۇيرىغان بولسىڭىز ئەكىلىپ بېرىۋېرەتتى ئا چوشقىچاقلار، سەن ئۇيغۇر، بۇ تاماقنى خەنچە دەپ ئەسكەرتم...  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

3

تېما

0

دوست

3505

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   57.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 613
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن، قېرىندىشىم! ئىنتايىن مۇھىم بىر تېمىنى يوللاپ، بىزگە نۇرغۇن ئىشلارنى بىلدۇرگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر! دېمىسىمۇ ھازىر بىزنىڭ ئىستىمال قىلىۋاتقان يىمەك-ئىچمەكلىرىمىزدە ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانماقتا ھەم بۇ مەسىلىلەر داۋاملىق كۆپەيمەكتە. سەللا دىققەت قىلماي، نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتسەك، ھەر كۈنى ھارام نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ، ئىمانىمىزنى بۇلغايمىز، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىمىزنى نابۇت قىلىمىز. ھازىرقى ئەڭ خەتەرلىك ئىش كىچىك بالىلارنىڭ يۇقىرقىدەك ھارام نەرسىلەرنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىشقا يۈزلىنىشىدىن ئىبارەت. تەۋسىيەم شۇكى، ھەممىمىز ھۇشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، پەرزەنتلىرىمىز ۋە ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭ ھارام نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز، ئۇلارغا يۇقىرقى تېمىدا دېيىلگەنگە ئوخشاش ھارام نەرسىلەر ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزدا ھالال بىلەن ھارامنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.

0

تېما

0

دوست

289

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17349
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا رەھمەت قىلسۇن .شۇنداق ياخشى تىما يۇللاپسز،

0

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17992
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغۇ خېلى بۇرۇن ئاڭلىغان گەپلەر. ماۋۇ يىقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار سىتىۋاتقان توختۇ كاۋاپلىرىنى بويايدىغان بوياقنىڭ تەركىۋى نىمە بىلىدىغانلار بارمۇ؟  بەك قىپ -قىزىل بولۇپ كەتكەن توخۇ كاۋاپلىرى چاتاقكەن جۇما؟

0

تېما

1

دوست

486

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17278
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە     مۇنداق     ئىشلارمۇ    بار   ئىكەندە      

0

تېما

0

دوست

375

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8615
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مانا مۇشۇنداق يىمەكلىكلەرنى يەپ يۈرۈپ ھازىرقى قوش تىل سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولغان ‹‹قوش تىللىق  چوڭ تەرەت›› لەرنى قىلىپ يۈرىمىز مانا........

باھا سۆز

noor  ئەجەپ كۈلدۈرۋەتتىڭلا ئادەمنى  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8985
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2293
تۆھپە : 1663
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بۇرۇن يوللىنىپ بولغان تېما بولسىمۇ، بىلمىگەن، ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ تېمىنى كۆرۈپ باقمىغان تورداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىققەت قىلىشىنى ۋە  ئەتراپتىكلەرگە ئەسكەرتىپ، ئۇختۇرۇپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-25 15:22 , Processed in 0.057301 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش