- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 59955
- نادىر
- 6
- يازما
- 2620
ئۆسۈش
0%
|
1.بۇگۇن بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ سۆزىگە ھەيران قالدىم ، ئۇ قومۇل شەھرىدە غەيرى رەسمى ھالدا باققاللارنىڭ ۋە كۆكتات ساتقۇچىلارنىڭ ، گازىر ساتقۇچىلارنىڭ تارازىسىنى تەكشۇرگەن ، بۇنۇڭدا ئۆزىنىڭ يانفۇنىنىڭ ئېغرىلىقىنى ئۆلچەم قىلىپ ھەر قېتىم ئسىتىمالچى سۇپۇتىدە بىر نەرسە سېتىۋېلىپ ئاندىن ئاشۇ تارازىدا ئۆزىنىڭ يانفۇنىنى ئۆلچىگەن ئەسلى ئېغىرلىقى 140 گىرام كىلىدىغان يانفۇن ئۇخەقنىڭ تارازىسىدا 165 گىرام چىققان ، يەنى 25 گىرام ئارتۇق چىققان بۇنى نسىبەتلەشتۇرۇسەك 17.8% بولىدىكەن ، دىمەك بۇلارنىڭ تاراازىسى ھەر بىر كىلۇ ئۇستىدە 17.8 % كام بىرىدىكەن ، دوستۇمنىڭ چۇشەندۇرۇشىچە ئۇ بۇنداق ئەھۋالغا ئازدىگەندە ئون نەچچە قېتىم يولۇققان بولۇپ ھەتتا ئشىچىلار بازىرىدىكى باققاللار ئۇنۇڭغا خوشامەت قىلىپ ئۇنۇڭ ئىش تېرىماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىپ كىتىدىكەن ،
2، دوستۇم بۇ ئىشقا ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلۋاتقان بولۇپ بۇ مىۋە چىۋە ساتقۇچىلار ھەر ئىككى كىلۇ مىۋە ساتقاندا ئاز دىگەندە بىر كوي پۇلنى ھارامدىن چۆنتەككە سالىدىكەن ، بىر كۇندە ئىككى يۇز كىلۇ مىۋە ساتسا ھېچنىمىددن ھېچنىمە يوق 100 كوي پۇلنى < قوشۇمچە قىممەت > قىلىپ يانچۇقىغا سالىدىكەن ،
3. دوستۇمنىڭ دىيىشىچە بۇ خىل ئەھۋالغا ئۇ راھەتباغ دىقانلار بازىرىدا ، ئشىچىلار بازىرى ئالدى كەينىدا بۇ خىل ئەھۋالغا كۆپ قېتىم يولۇققان بولۇپ سىرتتكى باققاللارنىڭ 98 % دە تارازىسىدا ھىلە مىكىر بارلىقىنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا سۆزلىدى ،
4. مەن دوستۇمنىڭ ئۇيغۇر باققاللارنى تەكشۇرگەن تەكشۇرمىگەنلىكىنى سورىسام ، مەن ئۇيغۇر باققاللارنىڭكىنى تەكشۇرمىدىم ، ئەمما ئۇلارغىمۇ ئىشەنچىم يوق دەپ قالدى ، مەن ئۇيغۇر باققاللارغا مېنىڭ ئىشەنچىم بار ، بولىمىسا ئۆتىشەمدۇق يە دەپ قالدىم ، ئۇ بۇنىمۇ تەكشۇرۇپ باقساق بولىدۇ دەپ ناھايىتى سوغۇققان بولىۋالدى ،
5. دوستۇمنىڭ دىيشىچە دوستۇم 12315 غا تېلفۇن سوققان بولسىمۇ ئىستىمالچىلار جەميىتى زەيپانا جاۋاپ بىرىپ بۇ ئىشنى ئۆلچەم نازارەت ئىدارىسغا بار دەپتۇمىش ،
ئۆلچەم، نازارەت ئىدرىسىنىڭ تېلفۇنى ئېلىنمىغانمىش ، مەن دوستۇمغا شەھەر شۇيجىسىنىڭ 13809900066غا تېلفۇن سوقۇپ بېقىشىنى مانا موشۇنداق ئىدارىلەر ئۆز ئارا بىر بىر گە ئىتتىرىپ مەسەلىنى ھەل قىلمىغانلىقىنى دەپ بېقىشنى ئېيتتىم ، دوستۇم سىناپ باقىدىغان بولدى ، مەنمۇ سىناپ باقىدىغان بولدۇم .
6. مېنڭچە قومۇل شەھرىدا كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچۇرىسا شەھەر باشلىقى بىلەن شەھەرنىڭ سىېكرىتارى ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايدۇ ، مەن بۇ مەسەلىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ، |
|