(فېليەتۇن)
بۇرۇن ھېيىت-ئايەم بولسا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىغا ياغ پۇرۇتۇپ يۇرت مەھەللىگە نەزىربىرەتتۇق ھازىر بۇ ئادىتىمىز تەرەققىي قىلىپ ھېيىت-ئايەمدە ھاراق پۇرۇتۇپ چۆپقەتلەرگە زىياپەت بىرىدىغان بولدۇق
بۇرۇن شىئىرنى شائىر يېزىپ ئاھاڭنى كومپوزوتىۇرئىشلەپ ناخشىچى ئۇرۇنلاپ ئۈچ تۈرۈكنىڭ تەبئىي بىرىكىشى بىلەن لىرىك مۇۋەپپەقىيىەت چۇققسىنى ياراتقان ئۆلمەس ناخشىلار ئۈچ قىرلىق مەزمۇت پىرامىدادەك قەلىب تۆرىمىزدىن ھېلىھەم ساقلىنىپ كەلمەكتە ئەمدىلىكتە بەزى ناخشىچىلىرىمىزغا كارخانا تۇزۇمى رەىئاكسىيە قىلىپ ئۈچ ئادەمنىڭ ئىشىنى بىر ئادەم قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى ئۆزىنى چاغلىماي شئىرىيەت مۇزىكا ناخشىچىلىقتىن ئىبارەت تۇلىمۇ ئېغىر سەنئەت يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان بۇنداق پىداكارچولپانلار بىر بېشىغا كۆپ خىل ماھارەت تاجىنى كىيمەكچىدەك كۆپنىڭ ئىشىنى يالغۇز ئۆزى قىلىپ كىرىمنى كۈپەيتمەكچىدەك ئېيتقان ناخشىسىنىڭ شائىرلىقى بىلەن كومپوزىتۇرلىقىنى ئۆزى قىلىپ سەنئەت بېغىدا بىر كۆتەكتىن كۆپ خىل چىچەك ئېچىلدۇرۇپ مول ھۇسۇللۇق ئېتىزغا ئايلانماقتا.ئۇلارنىڭ باشقىلارنى ئاۋارەقىلماي ئۆزى يالغۇز تەرلەپ پىشىپ ئىشلەشتەك جاپاكەش رەھى ئۇلارغا شان شەرەپ ئاتا قىلىشنىڭ ئورنىغا ئەكىسچە ئۇناخشىلارنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلىپ تۆرىدە ئۈچ ئاچىماق تۇيغۇ ھاسىل قىلىپ تەتۈر پىرامىدادەك ئۆرە تۇرالمايۋاتقانلىقىنى جۆيلۈپ قۇيساق ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمەس.
بۇرۇن دۇختۇرئالدىغا كىرسەك نەرىڭىز ئاغىريدۇ دەپ تۇمۇز تۇتۇپ دىئاگنۇز قۇياتتى .ئەمدىلىكتە ئىنساپنى ئۇنتۇپ چىرىكلەشكەن بەزى دۇختۇرلار نەدە ئىشلەيسىز دەپ يانچۇقىنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ دىئاگنۇز قۇيماقتا .ئەگەر يانچۇقىڭىز توم بولسا كېسىلىڭىزگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ دەرھال زامانىۋى تەكشۇرۇش ئەسۋاپلىرىغا ئىش تېپتپ بىرىدۇ.ئۇئەسۋاپ سىزنى نۆۋەت بۇيىچە كىسەلخانىغا بۇيرۇپ دۇختۇرغا ئىش تېپىپ بىرىدۇ.بۇيەردە سىز ئىش قۇشۇلغانسىرى كۆپ پۇلغا يارايدىغان مۇھىم ماتىريالدىن ئىبارەت .ماتېرىيال دىگەن ئادەم ئەمەس دۇرا دىدىڭىزما .شۇدۇرىغا لايىق پۇلدارئادەم بولمىسا .ئۇپۇلغا يارىمايدىغان بىراك مالنىڭ ئۈزى بوپ قالىدۇ شۇڭا بەزى دۇختۇرخانلارنى سودىلاشقىلى بولمايدىغان ئالاھىدە بازار دىسەك چىرىكلەشكەن دۇختۇرلار كارخانىچى كېسەلخاننىڭ ئۆزى بىر زاۋۇت. كېسەلچۇ ؟ئۇ،سېتىۋالمىسىمۇ توشۇپ كەلمىسىمۇ.ئۆزپۇتق بىلەن كىلدىغان ئاجايىپ ماتىريالدىن ئىبارەت. بۇماتىرىيال قىممەتلىك دورىلار بىلەن سىرلىنىپ ياسىلىپ مالغا ئايلىنىپ ئاخىرىدا ئۆزئىگىسىگە سېتىپ بىرىلىدۇ.مال يارىمىسا قۇلىڭىزدا توختام يۇق زاۋۇتتا گۇناھ يوق .يەنە پۇل بەرسىڭىز سىز زىرىىككىچە سىر لاۋىرىدۇ بۇبازاردىكى مۇھىم مەسىلە ئادەم ئۈچۈن ئەڭ تاتلىق جان مەسىلىسى بولغاچقا پۇل شەرتسىز ئاۋال تاپشۇرۇلۇپ باھالىتىلىشنى ئەسلا تىلغا ئالغىلى بومايدۇ.بۇبازارنىڭ دىگىنى ئېلىپ ئاتىغىنى بىرىدىغان تەڭسىز مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكى بىمارنىڭ ئۆي زىمىننى ساتقۇزۇپ كارخانا ۋەكارخانچىلارنىڭ ئىمارىتىنى كۆككە يەتكۈزىدىغان يىگانە قۇدىرەتكە ئىگە. شۇڭا ئۇنداق دۇختۇرلارنىڭ بىماردىن نەدە ئىشلەيسىز دەپ سۇرىشى تاسادىپيلىق ئەمەس.بىمارنى ئايىغانلقى.چۈنكى نامىرات دىھقانلارۋە باشقا تۈۋەن كىرىملىكلەربۇكارخاننىڭ ياراملىق ماتىرىيالى بۇلالمايدۇ.ئۇلارنى 2ھەپتە چالاپۇلا سىرلاپ بىرتۈمەننى سۇغارسىلابىمارلار ئاخىرىغا توشىيالماي مەيدىسىنى تۇتۇپ مۈكچەيگىنىچە كىتىپ قىلدۇ.
بۇرۇن ئۆيىمىزنىڭ تۆرىدە مېھمانلارنى تۆردە ئولتۇرغۇزۇپ ئۇلاربىلەن قىزغىن مۇڭدىشىپ سىردىشىپ كەچ بولغاننى تۇيماي قالاتتۇق ھازىر تەرەققىي قىلىپ ئۆيىمىزنىڭ تۆرىدە تېلېۋىزۇرنى ئولتۇغۇزدۇق مىھمان كەلسىمۇ ئۇلارغايەيدىغاننى يېگۇزۇپ تېلېۋۇزۇرغابەنىت بۇلۇپ كىتىپ بۇتتەك ئولتۇرۇپ دۇنيا بىلەن سىردىشىدىغان بوپ كەتتۇق.مىھماننىڭ مۇھىم گىپى بولسىمۇئۇزاپ چىقىپ ئىشىڭ تۈۋىدە دىمىسە ئۆيدى دۇنيانىڭ گىپىنى ئارلاشقا ئامال يوق.
بۇرۇن ئىشخانلىرىمىزغا كىرگەنلەربىلەن قىزغىن كۆرۇشۇپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ چاي قۇيۇپ قارىشى ئالاتتۇق ھازىر تەرەققىي قىلىپ يىراقتىن تېلفۇن بەرگەنلەر بىلەن چاقچاقلىشىپ ئولتۇرۇپ ئىشخانىدا ئۆرە تۇرغانلارنى تېلفۇندا ئىتوت قۇيۇپ بىرىپ قارىشى ئالىدىغان بولدۇق.
ئاسان بوپتۇ.يەنمىۇ تەرەققىي قىلىپ ئۆلۇمنى رىستۇراندا ئۇزتىدىغان باشلامچىدىن بىرسى چىقمىسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
بۇرۇن بۇرۇن توي تۈكۈنگە،ئۆلۈم پەتىسىگە بارساق ساقال تەرتىپى بۇيىچە ئولتۇراتتۇق ھازىر تەرەققىي قىلىپ مەنسەپ تەرتىپى بۇيىچە ئولتۇرىدىغان بولدۇق بىرا مەنسەپكە ساقالدىن بۇرۇن ئاق كىرگەچكە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ سابىق نامى ئىگسىنى پەگاغا سۆرەپ ئادمنى تەڭقىسلىقتا قۇيىۋاتىدۇ
بۇرۇن ئۆيدە ئۆتكۈزىلىدىغان توينى ھازىر رىستۇراندا ئۆتكۈزۇپ ئۆي ئىگىسىگە بەك ئاسانچىلىق بوپتۇ دىسەك بۇئۆيدە ھازا بولغاندا بارمىغانلارنىڭ ئۆيۈڭنى ئۇقالماي بارالمىدۇق دىيىشىگە تېخىمۇ قەۋەتلىك بىنا سالساق تەكشۇرۇشتىن ئۈتۈپ ئىشلتىشكە تاپشۇرۇلغاندىن كىيىن كۆچۇپ كىرىپ ۋىۋىسكا تاقايتتۇق ھازىر تەرققي قىلىپ . بەزى چىرىكلەشكەن ئۇرۇن ۋە ساھالەردە توختام پۈتسىلا بىنا پۈتتى دەپ ۋىۋىسكىنى ھەيۋەتلىك قاتتۇرۇپ قۇيۇپ خەرىتسىنى كۆرسىتىپ خېرىدار چاقىرىپ پۇلنى يىغىپ پايدىسىنى ئايرىۋلىپ ئاندىن ئۇلىنى كولايدىغان بولدى كىيىن دىگىنى پۈتكىنى ئوخشىمىسا زامانىۋى چۈشەنچىلەردىن ئۆزىمىزنى ئالداپ تەسەللى تاپماي يېنىۋېلىشقا يول يوق
بۇرۇن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە قۇبۇللاش ئىمتھاندىن ئۆتسىلا ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇپ دىپلۇم ئېلىپ ئۆزى خىزمەتكە چىقاتتى .ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن ئىمتھان ئارقلىق ئەلالىرى تاللىنىپ خزمەتكە قۇبۇل قىلىندىغان ئادىل تۈزۇلمە بارلىققا كەلدى. ئەمما چىرىكلەشكەن بەزى ئۇرۇن ۋە ساھالەردىكى تەرەققىياتتا ئۇقۇغۇچىلار ئىمتھاندىن ئەلا ئۆتسىمۇئاتا-ئانسىنىڭ ئىقتىساد ۋە مۇناسىۋەتنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۈتەلمىسە بىكار بوپ قالغىلى تۇردى.
بۇرۇن ئاددى مۇنچىغا كىرىپ 2موچەنلىك ئىلمان سۇدا يۇيۇنساق پاك-پاكىز بۇلۇپ رۇھلۇق چىقاتتۇق.ئەمما ھازىر ئالىي دەرىجىلىك سۇپۇندا ھەشەمەتلىك قىممەت باھالىق ھۇر مۇنچىلاردا تۇتاملاپ پۇللارنى خەجلەپ يۇيۇنغان بەزىلەرنىڭ پاك-پاكىز بۇلۇپ چىقىشى ناتايىن ئەكىسچە ئاتالمىش مۇلازىمەتچى خانقىزلار بىلەن يەتكىچە بۇزۇقچىلىق قىلىپ ئۆزىدە يوق مەينەتچىلىك كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇپ يانچۇقىنى قۇرۇقداپ ھارغىن چىقىدۇ خانقىزلار زىناخورلارنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇقلىيالىغىنىدىن خوشال بولسا زىناخورلار ئۈزىنى يۇشىرالىغىندىن خوشال
بۇرۇن نامىراتلارنىڭ قەرزى كۆپ بۇلۇپ قەرزىدارلار نامىرات ھىساپلىناتتى ھازىرقى بايلارنىڭ قەرزى كۆپ بۇلۇپ قەرزىدارلارنى نامرات دىگىلى بولمايدۇ بۇرۇن ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە قەرزىدار ئىدى. ھازىر بەزى كۇچلۈكلەر ئاجىزلارغا قەرزىدار بۇلۇپ ھۆددىگەرلەرنىڭ ئىشلەمچىلەردىن قەرزى ئۈزۈلمەي كېتىۋاتىدۇ.بۇرۇن قەرزى ئېلىش مۇھتاجلىقتىن بۇلۇپ .قەرزىدارلارقەرزئىگىلىرىگە يېلىنىپ ئېگلىپ قەرزى تۈگىمىگىچە بېشىنى رۇسلىيالمايتى ھازىر قەرزئېلىش چىچەنلىك قەرزبىرش ئەخمەقلىق بۇلۇپ .قەرزئگىلىرى قەرزىدارلارنىڭ كەينىدە تىلەمچىدەك يىلىنىپ يالۋۇرۇپ يۇرۇيدىغان بولدى.بۇنداق قەرزىدارلار ۋىجدان بىلەن پەزىلەتنى مەنپەتكە تىگىشىدىغان مەلئۇنلاردۇر.شۇنداق بىرسى كىشىلەرنىڭ پۇلىنى يۇتىۋېلىپ ئاخىرەتكە ئاران تۆت تال ئالتۇن چىشىنى ئېلىپ كىتىپتىكەن نامەلۇم بىرسى گۆردىن كاللىسىنى كىسىپ چىشنى سۇغۇرۇپتۇ.بىز مۇشۇندا تەرەققىياتتىكى ھارام تۇغىندىلارنى سۆرەپ سەمىرتىپ مېڭىپ ھەقىقي تەرەققىياتقا قانداق يۈز كىلىمىز
مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2007-يىللىق2-سان فېليەتۇن سالۇندىن ئېلىندى
|