- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 59955
- نادىر
- 6
- يازما
- 2620
ئۆسۈش
0%
|
1. باشقا يەرنى بىلمەيمەن ئەمما ئۆزەم قومۇلدا ياشاۋاتقان ئاددى بىر پۇقرا بولغاچ قومۇلدىكى ھۆكۆمەت سەل قاراۋاتقان تارىخى ھەقلىرىمىزدىن بىلگەنلىرىمىنى ساناپ باقتىم ، سۆزلىگۇچىدە ئەيىپ يوق دەيدىغان ماۋزىدۇڭ لۇشىيەنى بويىچە مەنزۇر تۇتارسىزلەر ناۋادا خاتا كەتسە .
2. قومۇلدىكى 300يىللىق خانلىق چېلىش مەيدانىمىز ، قومۇللۇقلارنىڭ كۆڭۇل ئېچىش ئورنى قومۇل ئامۋى قاتناش شېركىتى تەرپىدىن قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىندى ، بۇ ئشىقا شەھەرلىك ھۆكۆمەت ئىپادە بىلدۇرمەي قۇلۇغىنى يوپۇرىۋالدى ، بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 -يىللىرىغا قەدەر ئاجايىپ قىزىيدىغان قاينام تاشقىنلىق خەلق چېلىش مەيدانى كۆڭۇل ئېچىش سورىنىمىز ئىدى ، شەھەرلىك مەدىنيەت تەنتەربىيە ئىدارىسنىڭ قولىغا قاچان ئۆتتى شۇ چاغدىن باشلاپ پوق بولدى ، بۇ مەيدان شۇ چاغدىن باشلاپ ھەققى خەلققە خىزمەت قىلىشتىن قېلىپ ، تېلۋزۇرغا ئالغۇچە ۋە باشقا رەسميەت ئۇچۇنلا ئىشلىتىدىغان مەيدانغا ئايلاندى ، ئاخىرى خەلىقنىڭ كۆڭۇل ئېچىش سورىنى قانۇنسىز ھالدا ئامىۋى قاتناش ئىدارسىنىڭ قولىغا چۇشۇپ كەتتى ، مەيلى قانداق يەڭ سودىسى قىلغان بولۇشۇڭلاردىن قەتئىنەزەر چېلىش مەيدانىمىزنى خەلىققە قايتۇرۇپ بىرىڭلار .
3. 300 يىللىق تارىخقا ئىگە قومۇل ئوردا كۇتۇپخانىسى ،بۇ قۇرۇلۇش قومۇل ۋاڭنىڭ يىققان خەزىنسىدىنمۇ مۇھىم ، بۇلانغا غەزىنگە ئىچ ئاغرىتمايمىىز ئەمما كۆيدۇرۇلگەن كۇتۇپخانا ھەي دەرىخ ، مانا موشۇ ئوردا كۇتۇپخانىسى قومۇللۇقلارنىڭ غورۇرى ، قومۇللۇقلارنىڭ پەخىرلىك قورلۇشلىرىدىن ئىدى ، قېنى قومۇلغا ياردەم بەرمەكچى بولغان ئاتالمىش ھەمدەمچىلەر ، ياردەم بەرسەڭ خەلق ئەڭ كۆڭۇل بۆلىدىغان مانا موشۇنداق قۇرلۇشلارغ ياردەم بەر خەلق سۆيۇنسۇن ، قومۇل ئوردا كۇتۇپخانىسىنى ئەڭ زامانىۋى جاھاننىڭ ئالدى بولغان ھالەتتە كۆرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز ،
4. قومۇل كونا يېڭى مەدىرسىنى يېڭىلاپ سېلىش ، ئىلگىرى چاۋاغدا قۇرۇلغان دىنى مەكتەپنى كونا يىڭى مەدىرسىلەرگە كۆچۇرۇپ ئېلىپ چۇشۇپ ، دىنى ئوقۇتۇشنى ئىزىغا سېلىش ھەمدە قومۇلدىكى چوڭ كىچىك دىنى ئاممىنىڭ ھەر خىل ياشتىكى دىن ئۆگۇنۇش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ، قانۇنلۇق ، ئوچۇق ئاشكارە ئازادە مۇھىتتا دىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش ، قىرائەت ئۆرگۇنۇش ،
5. قومۇل ھىيتگاھ مەسچىتنى ھېچبولمىغاندا جۇمە نامىزىغا ئېچىۋېتىش ، قومۇل ھېيىتگاھ مەسچىت قومۇللۇقلارنىڭ قان تەرى بەدىلىگە پۇتكەن ، ئۇنى تاقېۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق ،
|
|