تىل ئۆگىنەي دېسىڭىز ئون ئىككى تاغقا مەرھابا!!!
مەركىزىمىز 2010-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ،قومۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ،خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تەستىقلىغان
تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ بىرى؛مەركىزىمىز قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر يىل جەريانىدا 178نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ چىقىپ ،تەربىيىلەنگۈچىلەر ئىچىدە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ،ۋىلايەت دەرىجىلىك ئىنگلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە كۆمۈش مېدالغا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى،تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ تىل سەۋىيىسىدە كۆرىنەرلىك بۆسۈش ھاسىل بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
مەركىزىمىزنىڭ دەرس ئۆتۈش ئالاھىدىلىكى:
بىر سىنىپقا 10~15كىچە ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىپ ناخشا،ئويۇن ،كىنو قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ جانلىق،ھەرىكەتچان،ئەركىن مۇھىتتا دەرس ئۆتىلىدۇ،بۇخىل ئۇسۇل مەركىزىمىز تەتقىق قىلىپ چىققان قومۇلدىكى بىردىنبىريوقىرى ئۈنۈملۈك دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى بولۇپ مەركىزىمىز ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسىنىڭ مەھسولى.