ۋەقە يۈز بەرگەن جاي لاداقتىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەكەنگىچە بولغان قەدىمىي سودا يولى ئۈستىدە بولۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5100 مېتىر بولۇپ، قىش پەسلىدە تېمپراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30 گرادۇسقا چۈشىدىكەن.
يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 21-ئاپرېل خەۋىرى: ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋەر قىلىپ، تەخمىنەن 50 نەپەر جۇڭگو ئەسكىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەمەلىي كونترول سىزىقىدىن ھالقىپ، ھىندىستان زېمىنىدا چېدىر تىكىپ تۇرغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ھىندىستان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى، ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرى ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن دەرھال ئاتلىنىپ، جۇڭگو ئەسكەرلىرى چېدىر تىكىپ تۇرغان جايغا 300 مېتىر كېلىدىغان يەردە چېدىر تىكىپ تۇرۇپ، جۇڭگو ئەسكەرلىرى بىلەن «چېدىر تىركىشىشى» قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بەس-بەستە خەۋەر قىلىشىغا ئوخشىمايدىغىنى، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسى بۇ ئىشقا سۇس پوزىتسىيەدە بولغان، زىيادە ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ كېڭىشىش مېخانىزمى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ تەخمىنەن 50 ئەسكىرى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە ھىندىستان چېگرىسىدىن ئۆتۈپ 10 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن، كەشمىر رايونىنىڭ ھىندىستان كونتروللىقىدىكى لاداقنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىرتې رايونىغا تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە چېدىر تىكىپ تۇرغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي لاداقتىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەكەنگىچە بولغان قەدىمىي سودا يولى ئۈستىدە بولۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5100 مېتىر بولۇپ، قىش پەسلىدە تېمپراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30 گرادۇسقا چۈشىدىكەن. ھىندىستان توراس گېزىتچىلىكى دېيىشىچە، جۇڭگو ئارمىيىسى كىرگەن رايون ھىندىستان تەسىس قىلغان ۋاقىتلىق ئۇچۇش يولى بىلەن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ھىندىستان بۇ يەردە ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى ئۈستۈنلىكىنى يوقاتماقچى بولغان ئىدى.
ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى «ھىندىستان جۇڭگونىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى سۇس بىر تەرەپ قىلدى» تېمىسىدا خەۋەر بېرىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ ھىندىستان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا ئھېتىياتچان ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئېيتقان، ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدارى دېيىشىچە، ۋەقە جۇڭگو-ھىندىستان ئەمەلىي كونترول سىزىقىدىكى ئىختىلاپ مەۋجۇت رايوندا يۈز بەرگەن، بۇ خىلدىكى ۋەقە دائىم يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ كېڭىشىش يولى بىلەن مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىدىكەن. ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى ئابدۇللاھنىڭ دېيىشىچە، ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ چېگرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى ئايرىش بولمىغانلىقتىن، چېگرىدىن ھالقىش ۋەقەسى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن، جۇڭگو ئەسكەرلىرى تاشلارغا خەت ئويۇش ياكى چېدىر قالدۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن چېگرىدىن ئۆتىدىكەن. بىراق ئابدۇللانىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىلەپ تاجاۋۇز قىلىشى ئىكەن.
|