- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1182
- نادىر
- 0
- يازما
- 48
ئۆسۈش
54.57%
|
يىراقتىكى موللامنىڭ ھەممىسىلا «داموللام»، يېقىندىكى موللامنىڭ ھەممىسىلا «جا موللام» ئەمەس.
دوستىمىز مەردان ئايۇپ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە بۇ مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئېسىل سەمەرىلىرىنى روياپقا چىقىرىپ، بىزگە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ گۈزەللىكى، ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى سەنئەتلىك رولى ۋە ئانا تىل - يېزىقىمىزنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق نامايان قىلىۋاتقان يېقىندىكى «دا موللام» لىرىمىزنىڭ بىرى.
جان قايغۇسى، نان قايغۇسى بىلەن ئەتراپقا سوغۇق قارايدىغان، نېمىگە مۇھەببەت باغلاپ، نېمىدىن يىراق تۇرۇشنى ئاڭقىرالماس كىشىلىرىمىز ئاۋۇپ كېتىۋاتقان مۇشۇنداق دەۋردا دوستىمىزنىڭ مەردان ئايۇپنىڭ ئانا ئانا تىل - يېزىققە بولغان مۇھەببەت، بۇ مۇھەببەت ئوتىدا كويۈۋاتقان كىشىلىرىمىز بىلەن بىرگە ئانا تىل - يېزىقنى قوغداش سەپىرىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا چىن قەلبىمدىن ئاپرىن ئېيتىمەن ھەم بۇ قېتىمقى پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ داغدۇغىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، كېيىنكى قەدەملىرىگە تېخىمۇ ئاسايىشلىق تىلەيمەن.
تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ خۇشخەۋەردىن خەۋەردار بولۇپ، ھەممە ئىشلىرىمىزنىڭ ۋارىسلىرى بولغان بالىلىرىمىزنىمۇ بىللە ئاپىرىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ گۈزەللىكىدىن بىرلىكتە بەھرىمان بولۇشىنى، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزدىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|