- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-25
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 6375
- نادىر
- 4
- يازما
- 183
ئۆسۈش
100%
|
خەتتات مەردان ئايۇپ 1976-يىلى 10-ئايدا قومۇل شەھىرى شەھەرئىچى يېزىسى توققۇز ئەجدىھا تال مەھەلىسىدە تۇغۇلغان ،1997-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ ئەدىلىيە مەكتىپى ئىقتىسادى قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ،1998-يىلى 1-ئايدا قومۇل شەھىرى شەھەرئىچى يېزىسىغا تەقسىملەنگەن .2000-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە قومۇل شەھىرى شەھەرئىچى يېزا مەدەنىيەت پونكىتىدا ئىشلەۋاتىدۇ . ئۇ كىچىكىدىنلا ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ئىشتىياق باغلاپ ئىجدىھات بىلەن ئۆگەنگەن ، 1994-يىلى مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر خەتتاتلىق -رەسساملىق كۆرىكىگە قاتنىشىپ بىر پارچە ئەسىرى مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالانغان ، 1999-يىلى ئەكبەر غوجا ئەھمەد ھاجى ئاشقان <تەڭرىتاغ تەربىيلەش مەركىزى>دە ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئاساسلىرى بويىچە تەربىيلىنىپ ،خەتتاتلىق سەۋىيسىنى يەنە بىر بالداق يوقىرى كۆتۈرگەن ، شۇندىن بۇيان ئىزچىل ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ ،ھازىرغىچە 20دىن ئارتۇق ئەسىرى ئاپتونوم رايون ،ۋىلايەت ،شەھەر ددەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە تاللاپ قاتناشتۇرۇلغان ۋە مۇكاپاتلانغان ، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئاپتونوم رايون ،ۋىلايەت ،شەھەر دەرىجىلىك گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان .
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەل ئىچى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ، قومۇل ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى .
كۆرگەزمە ۋاقتى : 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى جۈمە ئەتتگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00 دە . كۆرگەزمە 3 كۈن داۋاملىشىدۇ .
ئورنى : قومۇل مۇزىينىڭ 1-قەۋەت كۆزگەزمە زالىدۇ .
|
|