- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4298
- نادىر
- 0
- يازما
- 342
ئۆسۈش
79.94%
|
ناھىيمىزدە خەندىن بولغان تاڭ فامىلىلىك بىر مۇئاۋىن ھاكىم بۇلۇپ يەر، قۇرۇلۇش ، ئۆي چېقىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى مۇشۇنىڭ قۇلىدا بۇلۇپ، ناھىيمىزدىكى باش ھاكىمدىنمۇ يامان (ھەممە يەردە ئوخشاشقۇ).
بىر كۈنى مەلۇم بىر دېھقاننىڭ ئۆيى ئۆلچەنگەندىن كىيىن، دېھقان قايىل بولماي بىر قىسىم نەرسىلەر كام ئۆلچىنىپ قاپتۇ دەپ تۇرىۋاپتۇ. ئۆي چېقىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىنىڭ (ئۇيغۇر) يېنىغا بىر ئىش بىلەن كىرىپ قالغان ئىدىم، مۇدىر باھالاش شىركىتىنىڭ باشلىقىنى چاقىرىپ ئاچچىقلاۋېتىپتۇ: «نىمىشقا تۇلۇق ئۆلچىمەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ شىركەتتىكى ئۆلچەپ باھالىغۇچى خادىمنىڭ ئىشقا چىقىش گۇۋاھنامىسى بارمۇ؟» دىۋىدى، ھېلىقى شىركەتنىڭ باشلىقى: « ناھىيلىك پارتكومدىكى كې مۇئاۋىن سىكرىتارنىڭ شىركىتىدىكىلەرنىڭمۇ يوق، تاڭ مۇئاۋىن ھاكىمنىڭ شىركىتىدىكىلەرنىڭ يوق بولسا نىمە بوپتۇ؟» دىۋىدى، مۇدىر ئاچچىقىدا يانچۇقىدىن تاماكىسىنى ئېلىپ غەزەپ بىلەن بىر شورىۋاتقاندىن كىيىن « قايتا ئۆلچەڭلار، ئەمىدى چىقىپ كەت» دىدى.
ئايالىم بىر كۈنى كەپتۇ، «باش بانكىدىن بۇيرۇق كەلدى، بانكىمىزدىكى دېھقانلار قولىدىكى پاينىڭ ھەممىسىنى بىر ئادەمنىڭ ھىسابىغا يۆتكەيدىكەنمىز، ئىسمى تاڭ ئىكەن، ئۇ كىشى پاي ئىگىللىرىگە نەق پۇل بىرىدىكەن، جەمئى پاي سوممىسى 500مىڭ يۈەندىن كام بولماسلىقى كېرەك ئىكەن» تۇلۇق ئىسمىنى سورىسام يەنە شۇ مۇئاۋىن ھاكىم تاڭ دەل شۇ.
ئاڭلىسام تاڭ ۋە كې فامىلىلىك ئەمەلدارلار ئۆي چېقىش ئىشخانىسىدىكىلەرگە مەخسۇس يىغىن ئېچىپتۇ، ئۆي چېقىش ئىشخانىسىدىكى خادىملارنى قاتتىق تىللاپ ئۆي چېقىش خىزمىتىدىكى چىرىكلىكنى تۈزەش، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش تەلىپىنى قويۇپتۇ. يەنە تېخى باھالاش شىركەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئەگەر ياخشى ماسلاشمىسا دەرھال باشقا شىركەتلەرنى تەكلىپ قىلىپ كىلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم. دۆلىتىمىزنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىدە «رەھبىرى كادىرلار خىزمەت ۋەزىپىسىدە تۇرغاندا ھەرقانداق كارخانىلارغا پاي قوشۇشقا بولمايدۇ، رەھبىرى كادىرلار خىزمەت ۋەزىپىسىدە تۇرغاندا شىركەت ئېچىشقا، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە چېتىلىدىغان ھىچقانداق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەلۋەتتە بۇلار شىركەتنى ھەرگىز ئۆز نامى بىلەن ئەنگە ئالدۇرمايدۇ. لىكىن ھېلىقى شىركەت مەسئۇلى ھەممە ئىشلارنى ئاشكارىلىۋەتتى (ئەپسۇس ئۇ چاغدا ئاۋازىنى تېلىفۇنغا ئېلىۋالماپتىمەن).يەنە تېخى ئۆي چېقىش ئىشخانىسىنى قاتتىق باشقۇرۇش توغرىسىدا باشقىلارغا خىزمەت ئۇرۇنلاشتۇرىۋاتقىنى قىزىقتە.
يەنە تېخى يىغىنلاردا چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاش، ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا باشقىلارغا نەسىھەت قىلىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىدىكەن. بىچارە يېزا بازار ۋە ئىدارىلەرنىڭ باشلىقلىرى « تاڭ ھاكىم، كې سېكرىتارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە بارلىق كادىرلارنى ھەتتا كەنتلەردىكى دېھقان پارتىيە ئەزالىرىدىن تارتىپ چىرىكلىكنى جازالاش ماتىرياللىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ خاتىرە قالدۇرۇپ تەسىرات يىزىپ چىقىدىكەن» .
باشلىق كېسەل تۇرۇپ پۇقرا يەمدۇ دورىنى |
|