- تىزىملاتقان
- 2013-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 202
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
1%
|
مەن ئىنتېرنېت تورىنىڭ، جۈملىدىن توردىكى پىكىر ئەركىنلىكى، ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە تەشكىللىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ ھاياتىمىزنى ۋە ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەنچە ئىنساننىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغىنى ئۇنىڭ قولىدىكى قورال ئەمەس مىڭىسىدىكى تەپەككۇر. بىزنى قۇل قىلىۋاتقىنى كۆكسىمىزگە بەتلەنگەن سۈرلۈك ئاپتۇمات ئەمەس خىيالىمىزنى قاپلىغان ۋەھىمىلىك ئاقىۋەت. چۈنكى بىزنىڭ قورقۇۋاتقىنىمىز ئاللاھ ئەمەس ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. بىزنىڭ مەدەت تىلەۋاتقىنىمىز قەلبىمىزدىكى ئاللاھ ئەمەس ئەتراپىمىزدىكى ئىنسانلاردۇر. بىزنىڭ مەسلەھەت سوراۋاتقىنىمىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشنى ئەمەس ئىھتىياتقا مۇراجەت قىلىشنى تەكىتلەيدىغان پاسىبانلىرىمىزدۇر. مەنچە بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغىنى كۈچىمىزنىڭ قانچىلىك زورلۇقى ئەمەس بەلكى ھەق يولىدا قانچىلىك مۇستەھكەملىكىمىز، نىيىتىمىزدە قانچىلىك قەتئىي، قانچىلىك سەمىمىيلىكىمىزدۇر.
يۇقىرىقى گەپلەر قانچىكى كۆپ ئادەمنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالسا، قەلبىدىن ئورۇن ئالالمىسىمۇ ۋاقىتلىق بولسىمۇ يۈرىكىنى تىترىتىپ، كاللىسىنى سىلكىپ ئۆتسە بۇ كىشى چوقۇم مەنىۋى ئويغىنىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئالغان بولىدۇ. ئەگەر بۇ گۈلەننىڭ پاساھەتلىك گېپى دەپلا ھاياجانلىنىپ ئۆتۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى مۇشۇ باغداشتىلا قالىدۇ. مىڭ يىلدىن بۇيان ئاتا-بوۋىلار دەپ كېلىۋاتىدۇ، تارىخىي ساۋاقلىرىمىزمۇ روشەن پاكىتلىرى بىلەن بۇلارنى تەكىتلەۋاتىدۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ «ئويغان ئۇيغۇر» دەپ نىدا قىلغان، شىڭ شىسەينىڭ مەشئۇم كۆزلىرىگە مىقتەك تىكىلىپ، ياۋ ئالدىدا مەزمۇت تۇرۇپ« ئاچىل گۈلۈم» دەپ شەھىد بولغان، مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىمۇ «مەرىپەت ئىزدە ئۇيغۇرۇم» دەپ شېئىرلارنى يېزىپ، مىللىتى ئۈچۈن شەھىد بولغان، لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ گومىنداڭ چوشقىلىرىنىڭ ئالدىدا تىز پۈكمەي، ئاسمانغا قاراپ « ئەي قۇياش، سەن جىمى ئالەمنى يورۇتىسەن، ئەجەب بۈگۈن مېنىڭ قەلبىمنى يورۇتالمىدىڭ، مەن بۈگۈن بىر مۇتەللىپ ئۆلگەن بىلەن، ئىزىمدىن سانسىز مۇتەللىپلەر چىقىدۇ؟» دەپ شەھىد بولغان. بۇ شەھىدلەر پەقەت شېئىرلىرى بىلەنلا خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئەمەس، بەلكى شېئىردەك گۈزەل ياشىغانلىقى، ئۆز ھاياتىدىن قەھرىمانلىق داستانى پۈتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلۇغ سىماغا ئايلىنالىغان. بۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىمان ۋە ۋىجدانى بىلەن ياشايدىغان، ئوت يۈرەك، شىجائەتلىك ئىنسانلار ئىكەندۇق، بىز تولا كۆرگەن «قەيسەر يۈرەك» فىلىمىدىكى ۋىليام بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك ئەزىمەتلەر ئىكەندۇق. بۇلارنى بۈگۈنكى كۈندە ياد ئېتىپلا قويۇشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمىدى، ھېچ بولمىسا شۇلارنىڭ روھىدىن بىر زەررە ئىلھام ئېلىشنى ئېغىر كۆردۇق. ئەمما گۈلەن، قەشقەرلىك گۈلەن، بەزىلەر ياسايمىز دەپ چىش بىلەۋاتقان گۈلەن شۇ قەھرىمان ئاكىلىرىنىڭ روھىدىن ئازراق بولسىمۇ ئۆگەندى. گۈلەن شائىر ئەمەس، يازغۇچى ئەمەس، يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالالىدىندەك ناتىق ئەمەس، ئەمما گۈلەندە ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سوقۇپ تۇرىدىغان بىر يۈرەك بار. مۇشۇ يۈرەك گۈپۈلدەپ سوقۇپلا تۇرسا، باغداشتىكىلەرنىڭ قەلبىمۇ تەڭ ئەگىشىدۇ. گۈلەننى بەك ماختاپ كەتمەڭلار، ئالدىراپ داھىي قىلىۋالماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ياسايدىغانلارنىڭ كۆزىگە پىلدەك چوڭ كۆرسىتىۋېتىسىلەر، گۈلەننى ئۆز دائىرىسىدە ئەمەلىي ئىش قىلغىلى قويۇڭلار، ئۇ يازسۇن، سۆزلىسۇن، دەرس ئۆتسۇن، شۇنچىلىكلا ياشىسۇن. ئۇنىڭغا ئېغىر شۆھرەت، كۆپۈك نام-ئاتاق تەقدىم قىلماڭلار، بولمىسا ئۇنىڭغا بېسىم بولۇپ قالىدۇ. ئۇ رەھمەتلىك ئاتىسىدەك ئاددىي ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بالىلارغا، ئۇنىڭدىن ئېشىنسا باشقىلارغا تەلىم بېرەي دەپ ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلدى، ئۇ ئەلدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى خەلققە يېزىپ تەقدىم قىلدى، ھازىر ئەمدى شۇ ئەركىن روھى بىلەن خەلققە تۇز ھەققىمنى بېرەي، ئانا تىل ئۈچۈن بولسىمۇ بىر ئىش قىلاي دەپ تىرىشىۋاتىدۇ، بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئوقۇغان كەسپىگە ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇ ۋاققىچە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق، ئەمەلىي ۋە كۆرۈنەرلىك. ئۇنىڭ توردا مەشھۇر بولۇش تامەيى يوق، مىللەت ئۈچۈن چوڭ گەپ قىلىشنى ئەمەس، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ پۇختا ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن زىيالىي. ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى پۈچەك، ئۇنىڭغا ئۇچى بۇچى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ زورىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆپۈك نام-شەرەپنىڭ، تور تەشۋىقاتىنىڭ يامانلىقىدىن دەپ بىلگەنلەر ئۆز خەلقىنىڭ ھازىرقى ھالى ۋە كەيپىياتىنى چۈشەنمىگەنلەردۇر. قىسقىسى، گۈلەنگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز. |
|