- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 60044
- نادىر
- 6
- يازما
- 2631
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-23 21:12
1.ھۆكۆمەت سەل قاراۋاتقان تارىخى ھەقلىرىمىز دىگەن تىمىغا پار بولۇپ كەتسۇن دەپ ھۆكۆمەت سەل قاراۋاتقان ھازىرقى ھەقلىرىمىز ھەقىدىمۇ ئازىراق كونۇپكا تاختىسىنى مىدىرلىتىشنى ئويلاپ قالدىمغۇ 。
2.مېنىڭچە ھۆكۆمەت سەل قاراۋاتقان ھازىرقى نۆۋەتتىكى ھەقلىرىمىز بەلكىم قۇمدەك تولا بولىمىسىمۇ ساماندەك كۆپ دىسەك يارىشۇر دەيمەنغۇ .
3.بۇنۇڭ ئىچىدە ئىسمدە قالغانلىرىنى ساناپ باقسام ، ھە بىرنەنچىدىن ئۇيغۇرنىڭ يۇرشمەيۋاتقان ھوقۇقلىردىن پاسپورت ھوقۇقى ،ئەللەر 2يۇز نەچچە كوي خەجلەپ بىر نەچچە كۇندە بىجىرىدىغان ئىشلار ئۇيغۇرغا كەلگەندە نەچچە يىللاپ نەچچەمىڭ سوم ھەتتا تۇمەنلەپ خەجلەپ يەنىلا نام يەرگە دەسسەپ يۇرگەنلەر ئاز ئەمەس ،
4. سەل قاراۋاتقان ھەقلىرىمىزدىن بىرسى بارۋاەرلىكنىڭ ھەقىقى ئىشقا ئاشماسلىقى ، جەميەتتە ، دۆلەت كارخانىسىدا ۋە باشقا ئىجتىمائى قاتلاملاردا ئانا تىلىمىز نىڭ ئىستىمالدىن قېلىشى ۋە ئانا تىلىمىز بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ روھى چۇشۇپ باشقىلار تەرپىدىن كەمسىتىلىشى ، ھەتتا قىلىنى قىرىق يارىدىغان قانۇن تارازىىسى ئالدىدىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار باشقا گىراجدانلار بىلەن داۋالىشىپ قالسا ئۆزىنىڭ يولى داۋلىسى بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇتۇدىغىنىغا ئىشەنمەيدىكەن ، ئوخشاشلا ئاشۇ ئۇيغۇر ئاخۇن بىلەن داۋاغا چۇشكەن يولسىز گىراجدانمۇ كۆڭلىدە بۇ دۆلەت بىزنىڭ داۋلىيىم بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىنەزەر بۇ داۋادا بەل قويىۋەتمەيمەن ، ئازتولا نەرسە سۇڭگۇتسەم ئۇتۇشۇممۇ مۇمكىن . دەپ يۇرگەنلەرنى كۆپ كۆردۇم ،
5. ئانا تىلىمىزنىڭ جەميەتتىكى ، ھۆكۆمەتتكى ئورنى مسىلى كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە چۇشۇپ كەتتى ، تەرجىمانلار قوشۇنى ئاللقاچان يوقۇلۇپ تازنىڭ بېشىدىكى تۇكتەك ئۇيەردە ئىككى تال بۇيەردە تۆت تال تەرجىمان ھۆكۆمەتتە ئىشلەيدۇ ،
6. باللارنى قوش تىلغا بىرىش ياكى ئانا تىلغا بىرىش ھەقىدىكى تاللىشىمىز كەلمەسكە كەتتى ، ھەممە يەر مەجبورى قوشتىللاشتۇرۇلدى ، قوش تىلدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق ئاياقنىڭ پۇتۇمىزغا دەل كەلمىگەنلىكى ياكى غاجاپ جاننى ئاغىرىتۋاتقانلىقىنى سورايدىغان ئادەم يوق ، تېخى مائارىپ نازىرىنىڭ زەيپانە سالاسى بار ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ ،
7. نۇرغۇن جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دەردىنى دىيەلمەيۋاتقانلىقىنى ، دەردىنى سۆزلەيدىغان يەرگە بارسىمۇ بىر خىل ۋەھىمە ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئۆز دەردىنى بىمالال سۆزلەشكە قادىر بولالمايۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز ،
8. كەڭ دىنغا ئىتىقات قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى بىلىم ئېلىپ ئۆز ئەخلاقىنى جەميەت ئەخلاقىنى ياخشىلاش مىللى ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسى ، سىياسى يۇكسەكلىككە كۆتۇرۇلۇپ ئاغزىدىن چىققان ھامان جىنايەتكە ئايلىنىپ كەتتى ،
9. بىرىنىچى قول ئۇيغۇر رەھبەرنىڭ يوقلىقى بولۇپمۇ دۆلەت كارخانىلىرىدا بۇنداق مىسال تېپىش سەيپىدىننىڭ بىرىنىچ قول بولغانلىقىنى مىسال كەلتۇرۇشتەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس .مۇئاۋىن ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن پارتىيە ئوتتۇرسىدىكى كۆرۇكلۇك رولىنىڭ رودىموتلىشىىپ كىتىشى ، راستىنى ئېيتقاندا ئۇيغۇر رەھبەرلەنىڭمۇ كۆڭلىدە چوڭقۇر ۋەھىمە بار ، ئۇيغۇرنىڭ يۇرەك سۆزىنى يەتكۇزسە قالپاقنىڭ چوڭىنى كىيىپ قىلېىشتىن قورۇقسا كېرەك ،
|
|