بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ilim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 11:01
پەيغەمبەرگە قارشى ھەجۋى فىلىم ئىشلىگەن ئادەم مۇسۇلمان بولدى
گوللاندىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى « ئاندوروفان» ئىسىملىك بىر شەخس مۇندىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلەپ ھەجۋى فىلىم ئىشلىگەن. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەزكۇر فىلىمغا قارشى كۆرسەتكەن ئىنكاسلىرىغا تېخىمۇ قاتتىق رەت قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەنە شۇنداق بىر ھەجۋى فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن دىنىي ماتېرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا 3 ئاي بۇرۇن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان گېزىتلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوللاندىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى « ئاندوروفان» ئىسىملىك شەخس ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلەپ ھەجۋى فىلىم ئىشلىگەن ئادەم بولۇپ، يەنە شۇنداق بىر ھەجۋى فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ماتېرىيال ئىزدەش جەريانىدا ئىسلام دىنى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىگە قايىل بولغان ۋە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئېلان قىلغان. شۇنداقلا دىنغا قارشى ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، مۇندىن كېيىنكى ئۆمرىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
گېزىتلەردە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاندوروفان مۇندىن 3 ئاي ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان ۋ2013- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھىرىگە كەلگەن. مەدىنىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇغاندا كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان. ئاندىن مەككىگە بېرىپ ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلغان.
ئاندوروفان سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى كاتتا ئۆلىمالار بىلەن ئۇچراشقان. سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇفتىسىنىڭ ئالاھىدە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ۋە مۇفتى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئىسلام ھەققىدە تەلىماتلارنى ئالغان.
ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇسۇلمانلار ئەگەر ئۆزىنىڭ دىنىغا سادىق بولۇپ، بۇ دىننىڭ ئەۋزەللىك تەرەپلىرىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتەلەيدىغان بولسا، دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئسىلامغا توغرا باھا بېرىدىغان ھالغا كېلىشىدە ۋە نۇرغۇنلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدا شەك يوق ئىكەن. دېمەك، بۇ مەسىلىدىكى يېتەرسىزلىك مۇسۇلمانلاردا ئىكەن. چۈنكى بۇ دىننىڭ ئەھلى بولغان مۇسۇلمانلار ئۇنى باشقىلارغا ياخشى تونۇشتۇرالىغاندىلا، ئاندىن باشقىلار ئۇنى تونۇيدىكەن ۋە ئەۋزەللىكىنى بىلىدىكەن. ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلغان ۋە ساھەلىرى كۆپەيگەنسېرى ئىلاھىي ھەقىقەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى سەۋەبلىك ئىمان ئېيتقان بىلىم ئادەملىرىمۇ دۇنيادا كۆپۈيىۋاتىدۇ.
ئاندوروفاننىڭ مۇسۇلمان بولۇش سەۋەبى
ئاندوروفان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« مەن ئىسلامغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى يەنە بىر ھەجۋى فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ماتېرىيال كۆرۈش جەريانىدا نۆۋەتتىكى تەشۋىقات قوراللىرىنىڭ مېنىڭ ئىدىيەمنى قانچىلىك بورمىلىغانلىقىنى بىلدىم، مەن 48 يىل ئىسلامنى بىلمەي ئۆتكەن ھاياتىمغا بەك ئۈكۈنىمەن، مەن نۆۋەتتە خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەردىم، قالغان ھاياتىمنى ئىسلامنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاتىدىم. چۈنكى مەن ئىزدەۋاتقان ئاسايىشلىق بىلەن خاتىرجەملىكنى ئىسلامدىن تاپتىم. كاشكى مۇندىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان بولسام نېمە دېگەن ياخشى بولار ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن قالغان ئۆمرۈمنى ئىسلامغا ئاتىدىم.»
ئاندوروفان يەنە مۇنداق دېگەن:« ناۋادا بىز مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنى پۈتۈن ئىش – ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىمىزدا ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلىسەك، ئالدى بىلەن دۇنيادىكى بەزى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىسلامغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا ئەڭ كۈچلۈك رەددىيە بەرگەن بولىمىز. ئاندىن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئىسلامغا تارتالىساق، شۇ سەۋەپلىك غەپلەتتىكى ئىنسانلار ئىسلام ھەققىدە ئاز-تۇلا ئىزدىنىپ قالسا، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا باشقىچە بىر دۇنياغا ئايلىنىشىغا ئىشەنچىم كامىل. قېنى قېرىنداشلىرىم بىز ھەممىمىز ئۆز نۆۋىتىدە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن قۇرئانچە مۇسۇلمان بولايلى، بىز ھازىرغىچە ئىسلامدىن پەخىرلىنىپ كەلدۇق، ئەمدى ئىسلامنىڭ بىز بىلەن پەخىرلىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، بىز ئەمدى ئۆزىمىزنى ئىسپاتلايلى!»
|