- تىزىملاتقان
- 2013-4-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 228
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
14%
|
(يالقۇن روزى)
ئىسلاھات – ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يورۇق تىما.ئىسلاھات –ئۆزگەرتىش دىمەكتۇر.يەنى ۋاقتى ئۆتكەن كونا تۈزۈم،كونا مەدەنىيەت ۋە كونا ئىدىيەلەرنى ئۆزگەرتىپ ھاياتى كۈچكەباي يېڭى تۈزۈم،يېڭى مەدەنىيەت ۋە يېڭى ئىدىيەنى يارىتىش ياكى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.ئىسلاھاتنىڭ شەكلى كۆپ خىل،ئۈنۈمى پەرقلىق بولسىمۇ،بىراق ئورتاقلىقى شۇكى بارلىق ئىسلاھات ئىنتايىن مۈشكۈللۈك ئىچىدە يۈرگۈزۈلىدۇ.شۇڭا ئىسلاھاتچىلار ئالدى بىلەن قورقماس جاسارەتكە ،يىراقنى كۆرەر پاراسەتكە ئىگە بولۇشى كىرەك.بۇنداق تۈپ ساپانى ھازىرلىمىغان ئادەمنىڭ ئىسلاھاتچى بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بارلىق داڭلىق ئىسلاھاتچىلار دەل مۇشۇنداق ساپاغا ئىگە مۇنەۋۋەر ئەزىمەتلەردۇر.20-ئەسىرئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى ،مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر داموللام دەل مۇشۇنداق ساپاغا ئىگە زات ئىدى.
ئابدۇقادىر داموللام 1870-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدە ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغاكەلگەن . مەشھەد –قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ ئۇلۇغ خاقانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جاي. تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەت ئىگىلىرى بىلەن ساخاۋەتچى بايلار سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن ئەبۇ نەسىرسامانىينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قەبرىگاھ يېنىغا مەسجىد،مەدرىسە،خانىقالارنى بىنا قىلغان. ئابدۇقادىر داموللام دەسلەپكى مەلۇماتىنى مانا مۇشۇ يەردىكى "ھەز سۇلتان مەدرىسەسى"دە ئالغان. يېشى 20 لەرگە ئۇلاشقاندا قوقانغا چىقىپ ئىككى يىل ئوقۇغان.
ئەينى يىللاردا بۇخارادا ئوقۇش ئەللامە بولۇشنىڭ يولى ئىدى.چۈنكى 15-ئەسىردىن كىيىنكى بۇخارا –ئىسلام دىنى ئىلمى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىملار ۋە مەشھۇر مەدرىسەلەر توپلانغان جاي ئىدى.شۇڭا كىشىلەر "سەمەرقەند–سەيقىلى ئالەم،بۇخارا–قۇۋۋىتى ئىسلام " دەپ تەرىپلىشەتتى..
ئابدۇقادىر داموللام ئاتۇش ۋە قوقاندا ئىگىلىگەن بىلىملىرىگە قانائەت قىلماي ئىلىمدە كامالەتكە يىتىش ئۈچۈن بۇخاراغا بېرىپ ئۇيەردىكى "ئابدۇلئەزىزخان مەدرىسەسى"گە ئوقۇشقا كىرىپ دىنى ئىلىمنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە چوڭقۇر مەلۇمات ئېلىپلا قالماستىن،ئەدەبىيات،تارىخ،مەنتىق،ھىساپ ۋە ئەرەپ،پارىس تىللىرىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن.ئۇ بۇخارادا مەۋلانا ئابدۇراززاق،بۇخارا مۇپتىسى ئەۋەز خوجەندى،قوقەندنىڭ شەيخۇلئىسلامى داموللا ئۇلۇغخان تۆرەملەردىن دەرس ئالغان.ئابدۇقادىر داموللام 1907-1909-يىللىرى بۇ ئۇستازلىرىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەلىرىدە ئۇلارنى يۈكسەك ھۆرمەت ۋەقايىللىق ھىسسىياتى بىلەن مەدھىيەلىگەن. بۇخارا شەھىرى ئەسىرلەردىن بېرى ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىم –تەربىيە ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەنىدى.مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى باھاۋۇددىن نەقشىبەندى (1388-يىلى قازا قىلغان) بەرپاقىلغان نەقشىبەندىيە ئېقىمىنىڭمۇ مەركىزى ئىدى.شۇڭا ئىسلام دۇنياسىدا"بۇخارائى شەرىف" دەپ ئۇلۇغلىناتتى..بۇ تارىخى ۋە ئىجتىمائى جەريان بۇخارادا مەدرىسە مۇدەررىسلىرى بىلەن دىنى ئۆلىمالار يىتەكچىلىكىدىكى كۈچلۈك بىرقەدىمىيچىلىك ئەقىدىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.بولۇپمۇ بۇخارا ئەمىرى ئابدۇللاخان زامانىدا شەيخۇلئىسلاملىققا تەكلىپ قىلىنغان مىرزاجان شىرازى دۇنياۋى پەنلەرنى ئوقۇتۇشنى چەكلەش جەھەتتە ئۈلگە تىكلىگەن.بۇ ئۈلگە ئۈچ ئەسىر جەريانىدا كەڭ ئومۇملاشقان.شۇڭا بۇ يەردە جەدىتچىلىك پىكىر ئېقىمى كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىغان.بۇ مۇتەئەسسىپ قەدىمىيچىلەر جەدىتچىلىكنى ئىسلامغا قارشى بىرھەركەت شەكلىدە كۆرەتتى..ئەمىلىيەتتە بۇخارادىكى ئىسلام مائارىپى كىيىنكى چاغلاردا كۆپىنچە مىڭىنى چىرىتىدىغان بىلىملەرنى ئۈگىتىدىغان قالاق مائارىپ بوپقالغان.بۇخارا مەدرىسەلىرى ئىلغارلىق ۋە تەرەققىياتنى جان جەھلى بىلەن چەتكە قاقىدىغان ئىدىيەلەرنى تارقىتىش بىلەن تونۇلغان . ئابدۇقادىر داموللام بۇنداق قالاق مائارىپنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى 1916-يىلى "شۇرا"ژورنىلىغا يازغان "ئەدەبى بىر مۇساھىبە" دىگەن ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلغان . "ساپ ۋىجدانىمنىڭ ۋە بەزى ھەقىقەتچى زاتلارنىڭ سۆز–سۆھبىتى ھەم يول كۆرسىتىشلىرى بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا ھاسىل بولغان خۇراپاتلىق ۋە گۇمانخورلۇق زۇلۇماتىدىن ،شۇنداقلامەنتىق،كالام،پەلسەپە كىتاپلىرىنىڭ شەرھ–ھاشىيەلىرىدىن ،قاتمۇ–قات،ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپسەتەلىرىدىن ھاسىل بولغان خۇراپات زەنجىر كىشەنلىرىدىن ئەقىل–پىكرىمنى ئازات قىلدى"
ئابدۇقادىرداموللام ئۆزىنىڭ ئىسلاھات ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن زاتلار ھەققىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان" بۇخارادا ھاشىيەخانلىقتىن زەھەرلەنگەن ئەقىل ۋەپىكرىمنىڭ شىپا تاپماقلىقىغا يەنە بىر سەۋەپ : بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبن تەيمىييە،ئىبنى قەييىم جەۋزى،جامالىددىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇتالىئە ۋە مۇلاھىزە قىلماق ۋە ھازىرقى زاماندىكى"تەرجىمان"،"ۋاقىت"، "شۇرا"كەبى پايدىلىق گېزىت ۋە ژورنال مەسلەكلىرىگە ئەگەشمەك بولدى".بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىسلاھات ئېڭى ۋە جەدىتچىلىك ئىدىيىسى بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن شەكىللىنىشكە باشلىغان....
(ئابدۇقادىرداموللام ۋە ئۇنىڭ 100 نەسىھىتى ناملىق كىتاپتىن ئازراق قىسقارتىپ ئېلىندى)
|
|