- تىزىملاتقان
- 2012-8-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3511
- نادىر
- 1
- يازما
- 246
ئۆسۈش
57.46%
|
تورداشلارنىڭ ياخشى ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى. مېنىڭچە بولغاندىمۇ قىسمەن ساندىكى ئەخلاقسىز ئىنكاسچىلارنى يېتىم قالدۇرۇش، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇشى مۈمكىن. مۇنبەرنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە بولۇپ، بىر ياخشى مۇنبەر بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيىتىگە مەلۇم جەھەتتىن ۋەكىللىك قىلىدۇ. مۇنبەردە بىر-بىرىنى تىللىشىپ ئىنكاس يازىدىغانلار بىزنىڭ تىل-يېزىقىمىزنى بىلىدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ بىزنى نېمە دەپ قېلىشى بىلەن نېمىشقا ھېساپلاشمايدۇ؟! تور دېگەن ئاممىۋىي ئالاقە ۋاستىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توردىكى ئۇچۇرلار پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ‹‹ئيناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە›› دېگەن ھېكمىتىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويمايلى. |
|