- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5029
- نادىر
- 0
- يازما
- 220
ئۆسۈش
0.58%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-25 00:25
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش تور مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىزلەر مەن ئەلنەزەردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالاملار بولسۇن .ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق ،خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى تىلەيمەن . سالامنى مۇشۇنچىلىك قىلاي ،باغداشتىكى ئەزىزلىرىمگە قانچە سالاملار قىلساممۇ تۈگىمەيدۇ . گەپنىڭ پوس كاللىسىغا كېلەي :
باغداش مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا مۇشۇ كۇنگە كەلگۈچە بېشىدىن نۇرغۇنلىغان ئىسسىق سوغاقلارنى كەچۈرۈپ بۈگۈنكى مۇشۇ ھالىتىگە كېلىشى ئاسان توختىمىدى ئەلۋەتتە . بۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىز ھەم باشقۇرغۇچىلىرىمىز كۈچ چىقاردى .بىلىدىغانلار سۆزلىدى بىلمەيدىغانلار بىلىۋالدى .ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇلۇش ئۇلىنى مۇشۇ باغداش مۇنبىرىمىزدىن باشلىدۇق دېسەكمۇ بولىدۇ . مۇشۇنداق بىز پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىلەر ئاستىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىۋاتقان مۇنبىرىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك! كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ مۇنبەردە يوقتىن يوق ئىشلارنى دەپ جېدەل تېرىيدىغانلار كۆپىيىپ قاپتۇ . بىلىمىز سىزنى، نەدىن كەلگەنلىكىڭىزنىمۇ بىلىمىز .قايسى مۇنبەر ئەمدى باش كۆتۈرۈپ چىقسا شۇ مۇنبەرگە كىرىپ ئالجوقا ئىسىمدىن بىرنى قويۇپلا ئىلەشتۈرىسىز شۇنداق تېتىملىق تېمىدىن بىرىگە كىرىپلا نىجاسەت قىلىپ قويىسىز . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان< ئاقكۆڭۈل، مىللەتپەرۋەر> كىشىلىرىمىز تېما نەلەردە قالسۇن سىز بىلەن ھەپىلىشىپ نەچچە بەت ئالدىغا سۈرۈلۈپ ماڭىدۇ . كېيىن كىرگەن تورداشلار نېمىنىڭ ئاق نېمىنىڭ قارا ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ بىر بىرى بىلەن تىللىشىپ جەڭ مەيدانى قىلىۋېتىدۇ . ئۇنداق قىلىشمايلى تورداشلار !~بىزنىڭ مۇنبەر دەيدىغانغا يول قويۇپ قويايلى .
يەنە بىر ئىش ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلساق . مۇشۇ ئىملانىڭ گېپى چىقسىلا ھەممە تورداشنىڭ بېشى ئاغرىيدىغۇ دەيمەن ؟ <ۋايجان ما ئالجوقا يەنە باشلىدىغۇ >دەپ . مۇشۇ ئارقىلىق يەنە بىر جېدەل باشلىنىدىكەن . <ئۆزەڭ يازغىنىڭغا قاراپ باقە لالما ،مېنى دەمسەن تېخى؟> دەپ بىر باشلاپ كەتسەك شۇ جېدەلنى ئايرىماقنىڭ تەسلىكى . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىساق ئىملا خاتالىقى ئېغىر تورداشلارغا ئۆزىگە ئايرىم خەت يېزىپ< جېنىم قېرىندىشىم ئىملاغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز، ئەسلى ئۇ خەتنى كونۇپكا تاختىسىدىكى ماۋۇ ئورۇندىن تاپىمىز >دەپ بىلدۈرۈپ قويساق . سىزمۇ بىراۋغا ئۆگۈتۈپ قويغىنىڭىزغا ، بىراۋمۇ بىر بىلىمگە ئېرىشىۋالغىنىغا خوشال .
گەپنى خاتا قىپ قويغان بولساق< جېنىم قېرىندىشىم ئەپۇ قىلىڭ ،مەن خاتا قىپتىمەن >. باشقىلار سىزدىن كەچۈرۈم سورىغاندا< ھېچقىسى يوق قېرىندىشىم ،ئازماس ئاللاھ دەيدۇ. بۇنچىلىك ئىشلارنى زىغىرلاش كەتمەيدىغۇ> ۋەياكى< خاپىلىقتىن كېيىنكى باللا بىز> دەپ جاقجاقنى چاقچاققا ئايلاندۇرۋەتسەكمۇ بولىدىغۇ . ئەسلى بۇ گەپلەرنى دېيىشنىڭ ئورنى يوق . كىچىگىمىزدىن باشلاپ ئاتا ئانىلىرىمىز ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمىز ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىدا ئۆگۈتۈپ بولغان شۇنداققۇ ؟!
ئەڭ مۇھىم مەسىلە . سىز ئېكران ئالدىدا ئولتۇرىۋېلىپ قالايمىقان جۆيلىمەڭ . بىز ئۇنداق جۆيلىشلىرىڭىزگە خۇشتار ئەمەس . سىياسى گەپلەرنى قوقمايلا يېزىپ قويىدىكەنسىز ، بۇنداق دېسەم مېنى ۋۇي قوقۇنچاق توخو يۈرەك دەپ ئەيىپلىشىڭىز مۇمكىن . ئەيىپلەۋېرىڭ مەيلى سىز نېمە دېسىڭىز بولىۋېرىدۇ . شۇنداق مەن قورقۇنچاق توخو يۈرەك . يۈرەكلىرىم ئېزىلىپ كەتكەن . بىر ئېغىز گەپنى خاتا قىپ قويۇپ ئېرەنباغقا كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ، ئاقىبەت سىز كېتىسىز زىيان تاتىدىغىنى بىز ئەمەس . يامىنى كەلسە مۇنبەرنى تاقىۋېتىدۇ . بىز يەنە باشقا مۇنبەر قۇرۇپ نامىمىزنى ئەسلىگە ئەكىلىيالايمىز ئەمما بۇنىڭغا بەك ئۇزۇن مۇساپە ۋە جەريان كېتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئېنىق . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەر ئامانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىنكاس يازساق دېگەن ئۈمۈدتتە مەن.
سىز قىلالامسىز ؟ ئەلۋەتتە قىلالايسىز نېمىشقا قىلالمىغۇدەكسىز ھەممىمىز قېرىنداش تۇرساق. نېمش قىلىمىز ئۇنداق چۈجە خورازلاردەك ئۇرۇشۇپ . بۇگۈندىن باشلاپ باقايلى قېرىداشلار . (ئاناڭنى) نىڭ ئورنىغا( جېنىم قېرىندىشىم )چىقالامدۇ يوق ؟ دېيەلمىسىڭىز بىز بىرلىكتە ئۆگۈنەيلى . ھەممىمىز بىرلىكتە گۈزەل بولغان باغداش سورۇنى ھازىلاپ باقايلى !!!!!!!!!!!!!!! |
|