- تىزىملاتقان
- 2015-7-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2060
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
2%
|
نىكاھتىن ئاجرىشىش ، شۇ ئەر-ئايالغا روھى جەھەتتىن زەربە بۇلۇپلا قالماستىن جەمىيئەت ۋە بالىلارغا ئېغىر زەربىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ .
بۇلۇپمۇ بۇ ئىشتا بالىلار ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچرايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجراشقان ئاياللار ئۆزىنى پاك تۇتقان تەقدىردىمۇ گەپ - سۆزگە قالغىلى تەييار تۇرىدۇ ، بەزى ئاجراشقان ئاياللارغا ئەرلەر قالايمىقان گەپ قىلىپ تۇمۇرىنى تۇتقىلى ئاران تۇرىدۇ ، ئاجراشقان ئايالنىڭ جەمىيئەتتە كىشىلەر ئارىسىدا تۈزۈك ھۆرمىتى بولمايدۇ .
قىسقىسى ، بالىلار ۋە ئاياللارغا ئەرلەر بولمىسا بولمايدۇ .ئەردىن چىقتىڭ يولدىن چىقتىڭ دېگەن گەپ بىكار ئېيىتىلمىغان . لېكىن ئادەمنىڭ رىزقى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە ئاجراشمايمەن دەپمۇ ئاجرىشىپ كېتىدىغان ، ئاجرىشىپ كېتىمەن دەپ ياقا سىقىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتسىمۇ يەنىلا رىزقى كۆتۈرۈلمىسە بىر ئۆيدە ياشاپ قالىدىغان گەپ ............... لېكىن مېنىڭچە ئاجرىشىش ياخشى ئىش ئەمەس . ئەردىن چىقتىڭ ، يولدىن چىقتىڭ دەپ چوڭلار بىكار ئېيىتمىغان . شۇڭا ھەرقانداق بىر ئەر- ئايال ئاجرىشىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئوبدان دەڭسەپ باققىنى ياخشى .............. ئەر - ئايال تۇرمۇشتا مەسئۇلىيەتچان بولسا ، ئاجرىشىش ئىشلىرىمۇ ئۇنچە كۆپ بولمايدۇ .
ئەخلاق ، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇلۇق ئادا قىلىنسا ، ئاجرىشىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ .............. |
|