بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qekin-1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-25 21:17
يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرسىدا مۇھەممەدجان قۇربان (ئىزىقۇت) كەلتۈرگىنىڭ بىر قەدەھ شاراپمۇ ، يۈرەكنى مەسىتخۇش ئەيلەيدىغان؟! كېرەك ئەمەس شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرنىڭ چاڭقاق دىلىغا شۇرۇلداپ ئېقىپ تۇرغان قاندىن باشقىسى. قان ئىچىدىكەن دېمىگىن، يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئەمەسمەن ئېھتىمال تەقدىرنىڭ ھۆكىمى شۇ، قان ئىچمىسە، تەشنالىققا قانمايدۇ بۇ تەن. قان- تارىخ قان- مومامنىڭ بىر ھېكايىسىدە ئەركەكلىك قىسىسى. مومامنىڭ يەنە بىر ھېكايىسىدە قان رەڭگىدە ئاقىدۇ دەريا. مومامنىڭ ئەڭ تاتلىق ھېكايىسىدە قان رەڭگىدە چىچەكلەر ۋەتەن. «قان قاننى تۇغىدۇ» دەيدۇ ئاقىللار، بىلىمەن، قان ئىچمەيمۇ ماڭا ھامان ئۆلۈم بار. ئۆلۈم- تويدىنمۇ بەك قىزىيدۇ بەلكىم. چۈنكى- بىر ئۆلىدۇ، نەچچە توي قىلسا بولىدۇ ھەركىم. شۇڭا- قان ئىچىدە ئۆلمەك بەك قىيىن. (دىيارى بەشكېرەم بايلا) |