- تىزىملاتقان
- 2011-11-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1206
- نادىر
- 0
- يازما
- 62
ئۆسۈش
58%
|
‹‹خەلق چاكىرى››مۇ ياكى خەلق زومىگىرىمۇ
كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش خەلققە پايدىلق ساۋابلىق ئىش. بولۇپمۇ يىشىللىقنى سۆيۈش، يىشىللىقنى قوغداش ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق مۇھىتتا ياشاۋاتقان بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى. بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىمۇ گۈل، ئارقىسىمۇ گۈل، ئىچىمۇ گۈل. شۇنداقلا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىمۇ گۈل. ئۇيغۇرلار ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا كىچىك بولسىمۇ چوقۇم بىغى بار. ھويلىسىنىڭ ئەپلىك ئورۇنلىرىدا ئۈزۈم تال، ھەر خىل گۈل-گىياھلارنى، مىۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىپ پەرۋىش قىلىدۇ. ھەتتا ئۆيىنىڭ دەرىزە تەكچىللىرىگىمۇ تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلگەن ھەر خىل گۈل-گىياھلارنى تىزىپ قويىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلار تىپىك گۈلخۇمار مىللەت، يىشىللىقنى سۆيىدىغان مىللەت.
ئەشۇ مىللەت پۇشتى بولغان ئاتۇش شەھەر ئۈستۈنئاتۇش بازىرىدىكى مائارپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغۇچىلار بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلغان چاقىرىقىغا قوشۇلالمىدۇق. - ‹‹مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئەمگەك ھەققى ئۈچۈن ئىئانە››، دېۋىدى –قوشۇلمايمىز، دىدۇق. بۇ بازارلىق ھۆكۈمەت سەپەرۋەر قىلغان› ئاتالمىش ‹‹ئەمگەك ھەققى›› دېگەن نام بىلەن بازار تەۋەسىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن 100.00 يۈئەندىن مەجبۇرىي ئالىدىغان ‹‹ئىئانە›› ئىكەن. بىز بۇ ‹‹ئىئانە››نى بۇ كەمگىچە بەرمىگەن ئىدۇق. بەك ئەپسۇس، بۇ ‹‹سېلىق›› ئۈلۈشكۇن تارقىتىلغان، ئالدىنقى يىللىق، كۈز پەسىللىك ‹‹قاتناش تولۇقلىما ياردەم پۇلى››مىزدىن ھىچ ماقۇللىقىمىزسىز ۋە خەۋىرىمىزسىزلا مەجبۇرىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بولۇنۇپتۇ. بىزنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىمىز شۇكى؛
1. ‹‹ئىئانە›› دېگەن ئىختىيارىي بېرىلىشى كېرەك، لېكىن بىز مەجبۇرلاندۇق. بازارلىق ھۆكۈمەت بىزنىڭ غۇرۇرىمىز ۋە كىشىلىك ھوقۇقىمىز جۈملىدىن مەنپەئەتىمىز بىلەن ئويناشتى.
2. ‹‹ئىئانە›› دېگەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا، نامراتلارغا رازىمەنلىق بىلەن ئۆزلىكىدىن ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەپ بىرىلىدىغان ماددىي ياردەم ياكى ئىقتىساد بولىدۇ. لېكىن بىز ج ك پ نىڭ غەمغۇرلىقىدا بازارلىق ھۆكۈمەتنى نامرات دەپ قارىمايمىز.
3. تەخمىنەن 1 كىلومىتىر ئەتراپىدىكى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا ئورمان ئەھيا قىلىشنى(گەرچە ئەقىلگە سىغمىغان تىكىپ سۆكەر ھاجەرخاندەك قىلسىمۇ) بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ تامامەن قىلىپ كىتەلەيدىغان ئىشى دەپ قارايتتۇق.
4. جان قۇتقۇزىدىغان، ئېغىر مۇھتاجلىقتىن قۇتقۇزىدىغان، ھەقەقەتەن ئىئانىگە مۇھتاج بولىدىغان ئىش بولسا بۇنداق ئىشلارغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىئانە بىرەتتۇق. ھەتتا بۇنداق 100.00 يۈئەننى ھەسسىلەپ بىرەتتۇق. ئەمەلىيەت چۆلنى بوستان قىلىدىغان چوڭ ئىشمۇ ئەمەس پەقەت تەخمىنەن 1 كىلىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولنىڭ 2 گىرۋىكىدىكى بىر قانچە يىل بۇرۇن ئەسلىدىكى ھەر يوغان تىرەكلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ ئورنىغا تىككەن، ئەمدىلەتىن باراقسانلىشىشقا باشلىغان مەجنۇنتال دەرەخلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يىڭىدىن ‹‹مودا چىنار›› دەرىخى قويۇپ، قايتىدىن كۆكەرتىش يەنى تىكىپ سۆكەر ھاخەرخاننىڭ ئىشى ئىكەن(بۇ بىمەنە قايتىدىن كۆكەرتىش باش ئەتىيازدىلا ئەمەلىيلىشىپ بولدى).
5. ئىش ھەققىمىز، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت چۈشۈرۈپ بەرگەن ‹‹تولۇقلىما پۇل››ىمىزغا باشقىلارنىڭ جۈملىدىن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلاپ تۈرلىك بىمەنە ناملار بىلەن چاڭ سىلىشىغا بىز كۈچلىك نارازىلىق بىلدۈرىمىز. مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىللىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە شەخسكە ئالاقىدار مەيلى ھەر خىل يوللۇق ھەق بولسۇن ياكى تۈرلىك ناملاردىكى ھەق، جەرىمانە ياكى باشقا ھەقلەر بولسۇن چوقۇم شەخسنىڭ قولىدىن ئىلىش، ئالغان پۇلغا بىر تۇتاش تالۇن بىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تالۇن بەرمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ھەم شۇنداق بولىشى كېرەك. لېكىن بازىرىمىز تەۋەسىدە خىلىدىن بىرى سىملىق تىلىۋىزىيە ھەققىدىن تارتىپ، گېزىت، ژورنال، ‹‹ئىئانە›› ۋە باشقا پۇللار بىۋاستە مۇئاشىمىز، ئىش ئۈنۈم مۇئاشىمىز، يۇقىرىدىن چۈشۈرۈپ بىرىلگەن ‹‹تولۇقلىما ياردەم پۇلى››مىزدىن تۇتۇلۇپ كىلىندىيۇ بىرە قېتىممۇ تالۇن بىرىلگىنى يوق.
ئىئانە بەرسەك بولىدۇ. 100.00 يۈئەندىن 1 – 2 نى، 3 – 4 نى ھەتتا 5 – 10 نى بەرسەكمۇ بولىدۇ. ئەمما ئىئانە ئۆز لۇغەت مەنىسى بويىچە چوقۇم ياردەمگە ئېھتىياجلىقلارغا بېرىلىشى كېرەكتە! بىر بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەخمىنەن 1 كىلومىتىرغا يەتمەيدىغان يولنىڭ 2 يىقىغا قايتىدىن كۆكەرتىش ئىلىپ بىرىشتا ئىقتىسادتىن قىسىلىشغا ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيگەن بالا ئىشىنىشى مۇمكىن ئەمما بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز!
6. ئېلىمىز قانۇن ۋە ئەخلاق بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت جۈملىدىن ئۈستۈنئاتۇش بازارلىق ھۆكۈمەت ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلىك قانۇن، پەرمانلىرىنى يۈرگىزىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، نازارەت قىلىدىغان يەرلىك فۇنكىسىيىلىك تارماق. بازارلىق ھۆكۈمەت بۇ نوقتىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس! بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشى دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق! كەڭ مائارپ خىزمەتچىللىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى دەپسەندە قىلغانلىق!
بەكمۇ بىلگۈمىز بار. بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ‹‹خەلق چاكىرى››مۇ ياكى خەلق زومىگىرى، بۇلاڭچىسىمۇ؟ ياكى ئىلمىي، مەدەنىي دىۋانىلىرىمۇ؟!!! شۇ نوقتا ئىنىق بولسۇنكى؛ ئۇشبۇ يازمىدىكى مەركىزىي نوقتا ھەرگىزمۇ بۇ قىتىمقى 100.00 يۈئەن مەجبۇرىي ئىئانە ئەمەس بەلكى بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن ‹‹ئىئانە››، تۈرلىك ناملاردىكى ھەق، شۇنداقلا قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنىڭ ئۆزلۈكسىز دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىشى!
مەركەزدىن يەرلىككىچە ‹‹ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش›› ئىزچىل تەشۋېق قىلىنىۋاتقان
ئۆگىنىلىۋاتقان، ئەمەلىيلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر چىرايلىق باراقسان مەجنۇنتال دەرەخلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئورنىغا ‹‹مودا چىنار›› دەرىخى(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھەر بىر تۈپ پاچاق توملۇقتىكى بۇ چىنار كۆچەتلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىكىلىش باھاسى 3000.00‹3 مىڭ› يۈئەن ئەتراپىدا ئىمىش) تىكىشىنى بىز قەتئىي چۈشەنمەيمىز. ‹‹يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن›› بولمىغان بۇنداق ‹‹تىكىپ سۆكەر ھاجەرخان››لارچە ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ھەر قانداق چۈشەندۈرىشىگە قايىل بولمايمىز!!!
دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت ئابرويىنى، ئىناۋەت- نوپۇزىنى قوغداش ھەر بىر پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ھەم بۇرچى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، ساداسىمىزغا قۇلاق سىلىپ، ۋاقتىدا ئەمەلىي جاۋاب قايتۇرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈمىز. توخۇ فېرمىسى خوجايىللىرىدىن باققاللارغىچە، دېھقانچىلىك دورا، سايمانلىرى خوجايىنلىرىدىن باسقاق، چاشقان دورىسى سىتىش يايمىچىللىرىغىچە، كىتابپۇرۇشلاردىن چارۋا مال بورداقلىرىغىچە ھەمدە بۇلارغا ھەمدەمدە بولۇپ بىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىمىزگە چاڭ سىلىۋاتقان بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە مەركىزىي مەكتەپ مەسئۇللىرىغىچە بىزنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىمىزگە دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى مەڭگۈلىك توختىتىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمىز! ناۋادا بۇ تەلەپ ساداسىمىزنى ئاڭلايدىغان ئورۇن، رەھبەر چىقمىسا ئاڭلايدىغان ئورۇن، رەھبەرلىكنى تاپقانغا قەدەر ئىنكاس سۇنۇپ، ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
|
|