قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2902|ئىنكاس: 23

‹‹خەلق چاكىرى››مۇ ياكى خەلق زومىگىرىمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1194

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4572
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 245
تۆھپە : 197
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-26 23:32  

‹‹خەلق چاكىرى››مۇ ياكى خەلق زومىگىرىمۇ
       كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش خەلققە پايدىلق ساۋابلىق ئىش. بولۇپمۇ يىشىللىقنى سۆيۈش، يىشىللىقنى قوغداش ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق مۇھىتتا ياشاۋاتقان بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى. بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىمۇ گۈل، ئارقىسىمۇ گۈل، ئىچىمۇ گۈل.  شۇنداقلا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىمۇ گۈل. ئۇيغۇرلار ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا كىچىك بولسىمۇ چوقۇم بىغى بار. ھويلىسىنىڭ ئەپلىك ئورۇنلىرىدا ئۈزۈم تال، ھەر خىل گۈل-گىياھلارنى، مىۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىپ پەرۋىش قىلىدۇ. ھەتتا ئۆيىنىڭ دەرىزە تەكچىللىرىگىمۇ تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلگەن ھەر خىل گۈل-گىياھلارنى تىزىپ قويىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلار تىپىك گۈلخۇمار مىللەت، يىشىللىقنى سۆيىدىغان مىللەت.
      ئەشۇ مىللەت پۇشتى بولغان ئاتۇش شەھەر ئۈستۈنئاتۇش بازىرىدىكى مائارپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغۇچىلار بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلغان چاقىرىقىغا قوشۇلالمىدۇق. - ‹‹مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئەمگەك ھەققى ئۈچۈن ئىئانە››، دېۋىدى –قوشۇلمايمىز، دىدۇق. بۇ بازارلىق ھۆكۈمەت سەپەرۋەر قىلغان› ئاتالمىش ‹‹ئەمگەك ھەققى›› دېگەن نام بىلەن بازار تەۋەسىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن  100.00 يۈئەندىن مەجبۇرىي ئالىدىغان ‹‹ئىئانە›› ئىكەن. بىز بۇ ‹‹ئىئانە››نى بۇ كەمگىچە بەرمىگەن ئىدۇق. بەك ئەپسۇس، بۇ ‹‹سېلىق›› ئۈلۈشكۇن تارقىتىلغان، ئالدىنقى يىللىق، كۈز پەسىللىك  ‹‹قاتناش تولۇقلىما ياردەم پۇلى››مىزدىن ھىچ ماقۇللىقىمىزسىز ۋە خەۋىرىمىزسىزلا مەجبۇرىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بولۇنۇپتۇ. بىزنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىمىز شۇكى؛
     1. ‹‹ئىئانە›› دېگەن ئىختىيارىي بېرىلىشى كېرەك، لېكىن بىز مەجبۇرلاندۇق. بازارلىق ھۆكۈمەت بىزنىڭ غۇرۇرىمىز ۋە كىشىلىك ھوقۇقىمىز جۈملىدىن مەنپەئەتىمىز بىلەن ئويناشتى.
2. ‹‹ئىئانە›› دېگەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا، نامراتلارغا رازىمەنلىق بىلەن ئۆزلىكىدىن ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەپ بىرىلىدىغان ماددىي ياردەم ياكى ئىقتىساد بولىدۇ. لېكىن بىز ج ك پ نىڭ غەمغۇرلىقىدا بازارلىق ھۆكۈمەتنى نامرات دەپ قارىمايمىز.
       3. تەخمىنەن 1 كىلومىتىر ئەتراپىدىكى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا ئورمان ئەھيا قىلىشنى(گەرچە ئەقىلگە سىغمىغان تىكىپ سۆكەر ھاجەرخاندەك قىلسىمۇ) بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ تامامەن قىلىپ كىتەلەيدىغان ئىشى دەپ قارايتتۇق.
4. جان قۇتقۇزىدىغان، ئېغىر مۇھتاجلىقتىن قۇتقۇزىدىغان، ھەقەقەتەن ئىئانىگە مۇھتاج بولىدىغان ئىش بولسا بۇنداق ئىشلارغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىئانە بىرەتتۇق. ھەتتا بۇنداق 100.00 يۈئەننى ھەسسىلەپ بىرەتتۇق. ئەمەلىيەت چۆلنى بوستان قىلىدىغان چوڭ ئىشمۇ ئەمەس پەقەت تەخمىنەن 1 كىلىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولنىڭ 2 گىرۋىكىدىكى بىر قانچە يىل بۇرۇن ئەسلىدىكى ھەر يوغان تىرەكلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ ئورنىغا تىككەن، ئەمدىلەتىن باراقسانلىشىشقا باشلىغان مەجنۇنتال دەرەخلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يىڭىدىن ‹‹مودا چىنار›› دەرىخى قويۇپ، قايتىدىن كۆكەرتىش يەنى تىكىپ سۆكەر ھاخەرخاننىڭ ئىشى ئىكەن(بۇ بىمەنە قايتىدىن كۆكەرتىش باش ئەتىيازدىلا ئەمەلىيلىشىپ بولدى).
      5. ئىش ھەققىمىز، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت چۈشۈرۈپ بەرگەن ‹‹تولۇقلىما پۇل››ىمىزغا باشقىلارنىڭ جۈملىدىن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلاپ تۈرلىك بىمەنە ناملار بىلەن چاڭ سىلىشىغا بىز كۈچلىك نارازىلىق بىلدۈرىمىز. مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىللىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە شەخسكە ئالاقىدار مەيلى ھەر خىل يوللۇق ھەق بولسۇن ياكى تۈرلىك ناملاردىكى ھەق، جەرىمانە ياكى باشقا ھەقلەر بولسۇن چوقۇم شەخسنىڭ قولىدىن ئىلىش، ئالغان پۇلغا بىر تۇتاش تالۇن بىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تالۇن بەرمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ھەم شۇنداق بولىشى كېرەك. لېكىن بازىرىمىز تەۋەسىدە خىلىدىن بىرى سىملىق تىلىۋىزىيە ھەققىدىن تارتىپ، گېزىت، ژورنال، ‹‹ئىئانە›› ۋە باشقا پۇللار بىۋاستە مۇئاشىمىز، ئىش ئۈنۈم مۇئاشىمىز، يۇقىرىدىن چۈشۈرۈپ بىرىلگەن ‹‹تولۇقلىما ياردەم پۇلى››مىزدىن تۇتۇلۇپ كىلىندىيۇ بىرە قېتىممۇ تالۇن بىرىلگىنى يوق.
      ئىئانە بەرسەك بولىدۇ. 100.00 يۈئەندىن 1 – 2 نى، 3 – 4 نى ھەتتا 5 – 10 نى بەرسەكمۇ بولىدۇ. ئەمما ئىئانە ئۆز لۇغەت مەنىسى بويىچە چوقۇم ياردەمگە ئېھتىياجلىقلارغا بېرىلىشى كېرەكتە! بىر بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەخمىنەن 1 كىلومىتىرغا يەتمەيدىغان يولنىڭ 2 يىقىغا قايتىدىن كۆكەرتىش ئىلىپ بىرىشتا ئىقتىسادتىن قىسىلىشغا ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيگەن بالا ئىشىنىشى مۇمكىن ئەمما بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز!
      6. ئېلىمىز قانۇن ۋە ئەخلاق بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت.  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت جۈملىدىن ئۈستۈنئاتۇش بازارلىق ھۆكۈمەت ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلىك قانۇن، پەرمانلىرىنى يۈرگىزىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، نازارەت قىلىدىغان يەرلىك فۇنكىسىيىلىك تارماق. بازارلىق ھۆكۈمەت بۇ نوقتىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس!  بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشى دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق! كەڭ مائارپ خىزمەتچىللىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى دەپسەندە قىلغانلىق!
      بەكمۇ بىلگۈمىز بار. بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ‹‹خەلق چاكىرى››مۇ ياكى خەلق زومىگىرى، بۇلاڭچىسىمۇ؟ ياكى ئىلمىي، مەدەنىي دىۋانىلىرىمۇ؟!!!  شۇ نوقتا ئىنىق بولسۇنكى؛ ئۇشبۇ يازمىدىكى مەركىزىي نوقتا ھەرگىزمۇ بۇ قىتىمقى 100.00 يۈئەن مەجبۇرىي ئىئانە ئەمەس بەلكى بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن ‹‹ئىئانە››، تۈرلىك ناملاردىكى ھەق، شۇنداقلا قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنىڭ ئۆزلۈكسىز دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىشى!
      مەركەزدىن يەرلىككىچە ‹‹ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش›› ئىزچىل تەشۋېق قىلىنىۋاتقان
ئۆگىنىلىۋاتقان، ئەمەلىيلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر چىرايلىق باراقسان مەجنۇنتال دەرەخلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئورنىغا ‹‹مودا چىنار›› دەرىخى(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھەر بىر تۈپ پاچاق توملۇقتىكى بۇ چىنار كۆچەتلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىكىلىش باھاسى 3000.00‹3 مىڭ› يۈئەن ئەتراپىدا ئىمىش) تىكىشىنى بىز قەتئىي چۈشەنمەيمىز. ‹‹يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن›› بولمىغان بۇنداق ‹‹تىكىپ سۆكەر ھاجەرخان››لارچە ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ھەر قانداق چۈشەندۈرىشىگە قايىل بولمايمىز!!!
      دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت ئابرويىنى، ئىناۋەت- نوپۇزىنى قوغداش ھەر بىر پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ھەم بۇرچى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، ساداسىمىزغا قۇلاق سىلىپ، ۋاقتىدا ئەمەلىي جاۋاب قايتۇرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈمىز. توخۇ فېرمىسى خوجايىللىرىدىن باققاللارغىچە، دېھقانچىلىك دورا، سايمانلىرى خوجايىنلىرىدىن باسقاق، چاشقان دورىسى سىتىش يايمىچىللىرىغىچە، كىتابپۇرۇشلاردىن چارۋا مال بورداقلىرىغىچە ھەمدە بۇلارغا ھەمدەمدە بولۇپ بىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىمىزگە چاڭ سىلىۋاتقان بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە مەركىزىي مەكتەپ مەسئۇللىرىغىچە بىزنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىمىزگە دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى مەڭگۈلىك توختىتىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمىز! ناۋادا بۇ تەلەپ ساداسىمىزنى ئاڭلايدىغان ئورۇن، رەھبەر چىقمىسا ئاڭلايدىغان ئورۇن، رەھبەرلىكنى تاپقانغا قەدەر ئىنكاس سۇنۇپ، ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

0

تېما

0

دوست

1194

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4572
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 245
تۆھپە : 197
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gadankax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-26 14:31  

قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

119

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10965
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   faeza تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-27 00:28  

   ھازىر تېخى يەر تەۋرىگەن يەرگىمۇ مەجبورى ئىئانە قىلدۇرىۋاتىدۇ . ئىئانىنىغۇ بېرىمىز . لېكىن مۇنچە پۇلدىن تۈۋەن بولماسلىقى كېرەك . ھىچكىمنىڭ بەرمەسلىككە ھەددى يوق دىيىشلىرىچۇ تېخى ! شۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى بېرىشقا تىگىشلىك يېرىگە بارامدۇ يوق ، بۇنىسى نامەلۇم .
  سىلەر بۇ ئىشنى تورغا يوللاپ ياخشى قىپسىلەر . سىلەر بۇ ئىشنى خەنزو تور بەتلىرىگە ، ھەتتا مەركەزدىكى شىجىنپىڭنىڭ خەت ساندۇقلىرىغىچە يوللاڭلار . شۇندىلا ، بۇ نائەھلىلەر ئەدىپىنى يەيدۇ . ئۆتكەندە بىزنىڭ ناھىيىمىزدىكى ئىشلارمۇ توردا خېلى ئۇزاق تۇردى . رەھبەرلەر قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالدى . ئىشقىلىپ ئازراق بولسىمۇ ئۇلارنى چۈچۈتكىلى بۇلىدىكەن .

باھا سۆز

arslan428  100 دىن بىرسى ئەدىبىنى يەيدۇ، قالغانلىرى ياشاۋىرىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ خەت ساندۇقىنىڭ ئادىرىسىنى دەڭە؟  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

551

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   37.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قاملاشمىغان .ئىشلار قاچان تۇزىلەر ھە
قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان ياۋۇز بورىلەر. خەلىقنى شۇلساملا دەپ تۇرىدۇ،
مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئىشلارنى چوڭ چوڭ تور بەتلەرگە يوللايلى تورداشلار.
ھازىر پارىخورلوققا قارشى تۇرىمىز دەپ شۇئارقاتتىق توۋىلىىنۋاتىدۇ.

باھا سۆز

jehad  تۈگىمەيدۇ ...(يەڭ ئېچىدە بىرتەرەپ قىلىمىز) دىگەن شۇ......  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

1

تېما

1

دوست

821

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10212
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەجبۇرى ئېلىنغان ئىئانە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ ئالغۇچىلارغا. . .

0

تېما

0

دوست

164

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2783
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 33
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قانچە كۈن ئىگىرى  مىسرانىم مۇنبىرىدىمۇ مۇشۇنداق گەپلەر بولۇنغان ئىدى .

سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش رايۇنىغا قويۇلغان ئىئانە پۇل يىغىش ئۆلچىمى كادىر ، خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسى بويىچە بىكىتىلگەن بولۇپ ئۇ ئىئانە يىغىش خىزمىتى نەخ پۇلنى ئاساس قىلماپتۇ .

بىر توردىشىم كۆڭلى يېرىم ھالدا ، نەخ پۇل يىغغان بولسا پۇلنىڭ بىر بۈرجىكىگە خەت يېزىپ قويغۇم بار ئىدى دەيدۇ .

0

تېما

0

دوست

514

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15484
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئەھۋال ھەممە يەردە بار ،تېخى  مەلۇم مەكتەپنىڭ خوجۇلۇققا ھەم يۈگۈر يىتىم ئىشلىردا مەسئۇل  خادىمنىڭ دېيىشچە موھىت -كۆكەرتىش دېگەن نام بىلەن ئەمگەك دەپ ئۇختۇرۇش قىلىدۇ ،ئاندىن بىر بېرىپ كۆرۈپ كىلەيلى دەپ بىر نەچچىسى ماڭىدۇ ،كېلىپ ئۇ يەر بەك تاشلىق ئىكەن  پۇل تۆلەپلا بولدى قىلايلى ،جاپا تارتىپ كېتىسلەر .............شۇنىڭ بىلەن پۇل تۇتۇلىدۇ ،كېيىن ئۇقساق بۇ بىر ئۈنۈمسىز يەرنى ھەر يىلى بىر بېرىگە ئۇچراشتۇرماي تۇرۇپ ھەممىسىدىن نەق پۇل تۇتىدىكەن  بەزىلەر دەيدۇكى توۋا  ئون يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇ يەرگە كۆچەت تىكىمىز ، ئۆزىمىز مەخسۇس ئادەم سالمىساق سىزلەر قىلىپ بولالمايسىلەر دېگەن يەر ھەر يىلى نۇرنۇن پۇلنى يەپ كەپتۇ .................گەپ تولا  ھەممىسى ئامال تېپىپ يېيىشنىڭ كويىدا ھەم ئېپىدا ، ئالمىشىپ تۇرغاندىكىن خەلقمۇ ۋاي ھەممىسى ئوخشاش قايسى باشلىق بولسا  .......دەيدىغان گەپنى كۆتۈرۈپ يۈردىغان بولدى ........

0

تېما

0

دوست

2806

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8327
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 608
تۆھپە : 447
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تۈپ كۆچەتنى 3000يۈەندىن ئېلىپ قۇيۇشنى كىم قويدى ئۇلارغا؟ ئاشۇ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت نوقتىسى بارمىدى؟ ياكى دۆلەت دەرىجلىك قوغداش رايۇنى بارمىدى؟ نىمدىگەن ئىسراپچلىق بۇ .  

1

تېما

0

دوست

2033

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15629
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 576
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر چىرىكلىك  چىكىگە يەتتىغۇ  مۇشۇنداقلا مىڭىۋەرسە  قەنى كۆرەرمىز

0

تېما

0

دوست

530

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   32.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10196
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەن تەرەپتە مائارىپ سېستىمىسىدىن قالايمىقان پۇل تۇتالمايدۇ....شۇنداقلا پۇل تۇتسا،ئوقۇتقۇچىلار  دەرھال ئىنتىزام تەكشۈرۈش كوممىتىتلىرىغا ئىنكاس قىلىدۇ...مەكتەپلەردىكى كاتىۋاشلار بەك قورقىدىكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كوممىتىتلىرىدىن...

باھا سۆز

mamatmarxal  مەن خوتەندە مەكتەپ ساقچىسىغا مائاشىنىڭ ئاتالمىش يەتمىگەن قىسمىنى بىرىپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن!  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
orkex  خوتەندىمۇ يا كى خۇنەندىمۇ؟ ؟؟  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
arslan428  ما گەپكە مەن تازا ئىشەنمىدىم. خوتەندە تېخى؟  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-1 08:28 , Processed in 0.055305 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش