قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kaysaryorak

دۇنيادىكى تىللارنىڭ ئىشلىتىش رەت تەرتىۋى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

462

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13550
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 17:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم _جان تىلىم .                    

0

تېما

0

دوست

65

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18440
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 19:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپوسى تۇركى مىللەتلەر ئېچىدە 4-ئوروندا تۇرىدۇ. بىرىنچىسى تۈرك 60 مىليوندىن ئاشىدۇ،ئىككىنچىسى ئەزەربەيجان 30 مىليوندىن ئاشىدۇ،ئۈچىنچىسى ئۈزبىك 23 مىليون ئەتراپىدا،ئۇيغۇرلار20 مىليوندىن ئارتۇق.لىكىن تىلىمىز ئەڭ گۈزەل بىرىنچى ئوروندا تۇرىدۇ.

باھا سۆز

sumruh  راس دەيسز  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 21:15
قۇتلان تېلفۇنلىرى

6

تېما

0

دوست

1743

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 255
تۆھپە : 378
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 08:44:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئۇيغۇر  تارىخىدىكى خانلىقلار

ئۇيغۇرلار تارىختا شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ئاجايىپ ئۇلۇغ بىرمىللەت. شۇڭا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تارىخىدا نۇرغۇن خانلىقلار ئۆتكەن. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخى بەكمۇ ئۇزارغانلىق ھەققىدىكى  تۆۋەندىكى خوش- خەۋەرنى ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن ئاندىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى خانلىقلار بىلەن تونۇشايلى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئېنگىلىس تارىخشۇناسى ۋە ئارخىلوگى   جەيمز چېچۋود  50  يىللىق  تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە كىتاۋى « مۇ قۇرۇغلۇقى » دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىنسانىيەت ناھايىتى بۇرۇنلا تىنچ ئوكياندا غايىپ بولغان « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغان .
ئاپتور كىتاۋىدا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى دەلىللىگەن ......!!!
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ ، كىتاپنىڭ ھەر ــ بىر بابىدىن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارنى ئۇچرىتالايمىز.
ئاپتور ، « مۇ  قۇرۇغلۇقى » مەۋجۇت دەۋردە ، بۇ كونا قۇرۇغلۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى ، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار «بۇيۇك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى )نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئىلىم –پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ، زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ ـ خىل گۈل –نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى . بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى »دەپ كۆرسىتىدۇ .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردىن مەلۇمكى ، ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق قۇدرەتلىك ئېمپىرىيە ھالىتىدە دۇنيانى باشقۇرغان ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، پۈتكۈل دۇنياغا مائارىپ ، ئىلىم –پەن ، مەدەنىيەت –سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئەتىۋا ئۇستاز بولۇپ تۇنۇلغان .
ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مەنبىئى بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ شۇ كىتاۋىدا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : ( ھېچ قانداق شۈبھىلەنمەي ئېيتىش كېرەككى ، شەرقىي ياۋرۇپا مىللەتلىرى تاغلارنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر .) دىمەك ئۇ. تىچ ئوكياندا غايىپ بولغان (مۇ قۇرۇقلىقى)دا  20مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ئىمپىرىيە قۇرغانلىقىنى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن مەدە نىيەتلەرنىڭ بەرپاچىسى ئىكەنلىكىنى. شۇنداقلا ھىندىى. پارىس ۋە بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئانا مىللەت ئىكەنلىكىنى. بايان قىلغان. مىسالەن؛ بۇلاق ژورنىلىدا ( چىڭگىزخان مۇڭغۇلمۇ تۈركمۇ؟) دىگەن بىر ماقالە بېسىلىپ چىڭگىزخاننىڭ يىلتىزى تۈرك ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە. يەنە بىر پاكىت چىڭگىزخان يىلتىزى تۈرك بولغاچقا ( ھەرقانداق شەيئى ئۆز ئەكسىگە قايتىدۇ.) دىگەن ھىكمەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى باشقۇرغان چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرى تىزلام ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن.  
تۆۋەندە ئۇيغۇر تارىخدىكى خانلىقلارنى تونۇشتۇرىمىز.؛
1-تۇران ئىمپىرىيەسى '
بۇ خانلىق مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ ،قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزىسىدىكى (خانئۆي شەھرى خارابىسى) نى پايتەخىت قىلغان. مەشھۇر خاقانى ئالىپ ئەرتۇڭا. ئالىپ ئەرتۇڭا مۇسا پەيغەمبەر بىلەن زامانداش ياشىغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تۇغۇلغان. ئىسكەندەر 24ياشى ئەتراپىدا دۇنيانى ئىشغال قىلىپ ئوتىرا ئاسىيا رايونىغا كەلگەن. مەھمۇد قەشقەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا تۈرك پادىشاھى ئىسكەندەرگە قارشى قوشۇن ئەۋەتكەن. بۇقوشۇن ئىسكەندەر قوشۇنىدىن ئاجىز بولسىمۇ لىكىن ئوقيا ئوقىنى ئاتتا چېپىپ كىتىۋىتىپ ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئېتىپ ئىسكەندەر يولىنى توسۇپ قويغان. ئىسكەندەر بۇنى كۆرۈپ (خۇزخۇر)يەنى بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. دەپتۇ ۋە ئارقىغا قايتىپ كىتىپتۇ. خۇزخۇر دىگەن سۆز بارا-بارا ئۇيغۇر دىگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
2-ھون ئىمپىرىيەسى.؛
بۇ ئىمپىرىيەمىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن تاكى مىلادى 487-يىللاغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. تارىخچىلار؛ (ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى. ھون دىمەك، ئۇيغۇر دىمەكتۇر) دەيدۇ. ئۇلار ئورخۇن يەنى ( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان. مەشھۇر خاقانى باتۇرتەڭرىقۇت.
3-قاڭقىل خانلىقى ؛
ئۇيغۇرلانىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولغان قاڭقىل خانلىقى487-يىلىدىن 546-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
4-تۈرك خانلىقى؛
بۇخانلىق 546-يىلىدىن 745-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.،ئۇلار ئورخۇن يەنى ( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان..
5-ئۇيغۇرئورخۇن خانلىقى؛
بۇخانلىق 605-يىلىدىن 847-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇلار مۇ ئورخۇن يەنى( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان.
6-ئۇيغۇرگەنسۇ خانلىقى؛
بۇخانلىق 850-يىللاردىن 1036-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.ئۇلار گەنسۇنى پايتەخىت قىلغان.
7-ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى؛
بۇ خانلىق 866-يىلىدىن 1393-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.  پايتەختى تۇرپان.
8-ئۇيغۇرقاراخانىلار خانلىقى؛
مىلادى 870-يىلىدىن 1212-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى سۇتۇق بۇغراخان. پايتەختى قەشقەر.
9-چاغاتاي خانلىقى؛ 1270يىلىدىن 1570-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى تۇغلۇقتۆمۈرخان.
10-يەكەن سەئىدىيە خانلىقى؛ 1514-يىلىدىن 1680-يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى ئابدۇرەشتخان. پايتەختى يەكەن.
11-قورچاق ئاپاقخوجا خانلىقى؛ 1680يىللاردىن 1697-يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
12-مىلادى 1697-يىلىدىن 1900-يىلىغىچە مانجۇلار ھۆكۈم سۈرگەن . ئارىلىقتا مانجۇلارغا قارشى قوزغىلاڭلار بولغان.، (قوزغىلاڭ ۋەكىللىرىدىن؛ سادىرپالۋان، سىيىت نوچى، نۇزۇكۇم....ئىپارخان...يەتتەقىزلىرىم......قاتارلىقلار بار.) 1864-يىلىدىن 1878-يىلىغىچە 14 يىل بەدۆلەت خانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن. 1880-يىلى چىڭ سۇلالىسىدىدىن زوزۇڭتاڭ خانغە تەكلىپ بىرىپ شىنجاڭغا قوشۇن تارتىپ  كىلىپ ،ھىلە بىلەن ياقۇپبەگنى زەھەرلەپ ، قوشۇنلىرىنى ئاسانلام يوقاتقان. ھەمدە (شىنجاڭ ئۆلكىسى) دەپ ئاتاپ باشقۇرۇپ كەلگەن.
مىلادى 1900-يىلىدىن 1930-يىللارغىچە ياڭزىڭشىن باشقۇرۇپ تۆمۈرخەلپە قاتارلىق قوزغىلاڭچىللىرىمىزنى ئالدامچىلىق بىلەن قىرغان. 1930-يىللاردىن1945-يىلىغىچە جاللات شىڭشىسەي ھۆكۈم سۈرۈپ غوجانىيازھاجىم قاتارلىق قوزغىلاڭچىلارنى يەنە جەللات سىتالىن بىلەن بىرلىشىپ   ئالداپ يوقاتقان. .. دىمەك بۇيىللاردا بېشىنى كۆتۈرگەن (ئۇيغۇرتەقدىرى)؛ جەللات سىتالىن تەرىپىدىن قولىدىكى غەربى تۈركىستاننى ساقلاپ قېلىش غەرىزى بىلەن ئىككى- ئۈچ قېتىم ۋەھشىلەرچە  تۇنجۇقتۇرۋىتىلگەن! ؟...
.

پايدىلانغان مەنبە؛ (1)نۇرۇللا مۆئمىن يۇلغۇننىڭ (غەربى يۇرت—تارىخىمىزدىكى خاقانلار) ناملىق كىتابى،
(2)ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمىز چېچۋورىدنىڭ 50يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان (مۇ قۇرۇقلىقى) ھەققىدىكى ماتىرياللار.
(3)ئۆزۈم نەچچە يىللاردىن بىرى توپلىغان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتىرياللار.
(4)تارىخچى نەبىجان تۇرسۇن ئەسەرلىرى.  

باھا سۆز

alip  بەك ياخشى ماتىريال يوللاپسىز.تارىخمىزنىڭ ئىزچىللىقىنى بىلىۋالدىم  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 22:54
samawar  ياخشى بىلىملەرگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم....  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 12:30
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

339

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   69.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 12:12:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1دىن   چاغاتاي   خانلىقى  ئۇيغۇر    خانلىقى   ئەمەس   موڭغۇل  خانلىقى .
2دىن  تۇرۇك   خانلىقى  ئۇيغۇر    خانلىقى   ئەمەس     تۇرۇك   خانلىقى
3دىن  ھون خانلىقىنى  بىۋاستە   ئۇيغۇر  خانلىقى   دىيىش  خاتا

باھا سۆز

alip  چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە موڭغۇللار ئۇيغۇرلاشقان،شۇڭا ئۇيغۇر خانلىقى دىسەك خاتا بولماس.  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 22:57

0

تېما

0

دوست

339

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   69.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 12:13:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yattasu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 20:06  


مەن   بىلىدىغان تارىختىكى   ئۇيغۇر   دۆلەتلىرى
1،تارىم  ۋادىسىدىكى   شەھەر  مەملىكەتلىرى (ھونلارغا  تەۋە  بولۇپ  كەتكەن)
2.قاڭقىل  قاغانلىقى (جۇرجانلارۋە تۇرۇكلەرنىڭ  ھۇجۇمىدا  ۋەيران  بولغان)
3،كۇسەن  دۆلىتى   (تۇرۇك خانلىقىغا   بېقىنغان)
3،سىر-تاردۇشلار  خانلىقى(  كىيىنكى  تۇرۇك خانلىقى  ئورنىنى  ئالغان)
3،ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى  (تەبى ئاپەت ،ئىچكى مالىمانچىلىق،ۋە تاشقى  ھۇجۇمدا  ھاكىمىيەت  ئورۇلگەن)
4،قارلۇق خانلىقى  (قارا خانىيلار سۇلالىسىگە  تەۋە  بولۇپ  كەتكەن)
5،ئىدىقۇت ئۇيغۇر  خانلىقى ( ........)
6،ئۇدۇن  دولىتى  (قارا خانىيلار دۆلىتىگە  تەۋە  بولۇپ  كەتكەن)
7،كەڭسۇ ئۇيغۇر  دۆلىتى (تاڭغۇتلارنىڭ  ھۇجىمىدا  يوقىلىپ  كەتكەن)
8،غەزنەۋىيلەر  سۇلالىسى(قارلۇقلار  قۇرغان  .........)
9،قارا خانىيلار   سۇلالىسى ( ئىكىگە پارچىلانغان  غەربى  قىسمى   خارازىمگە تەۋە بولغان، شەرقى  قىسمىنى  مۇڭغۇللار  بېسۋالغان)
10،ئالمۇتا  ئۇيغۇر  خانلىقى  (مۇڭغۇللار  قرتىۋالغان)
11،ئەرەتنا  ئۇيغۇر  بەگلىكى   (ئوسمان  تۇرۇكلىرى  قېتىۋالغان)
12،سەئىدىيە  ئۇيغۇر   دۆلىتى     (جۇڭغارلار  بېسىۋالغان)
13،خوجىلار  دۆلىتى   (مانجۇلار   بېسۋالغان)
14،كۇچا  خانلىقى  (يەتتە شەھەر  دۆلىتى  قېتىۋالغان)
15،خوتەن  پاشا خانلىقى (يەتتە شەھەر  دۆلىتى  قېتىۋالغان)
16،ئىلى  سۇلتانلىقى (روسلار بسۋالغان)
17،قەشقەر  خانلىقى  ((يەتتە شەھەر  دۆلىتى  ئورنىنى  ئالغان)
18،يەتتە شەھەر  دۆلىتى    (مانجۇلار   بېسۋالغان)
19،....
20،.....
خاتالىقلار   بولسا   تۇزۇتۇپ   بىرىشىڭلارنى   قارشى   ئالىمەن

2

تېما

3

دوست

1556

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 432
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 12:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەنجىمەي قايسىڭلاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىگە ئائىت ماتىرياللار بولسا يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن..جىددىي لازىمتى....رەھمەت!!!

0

تېما

0

دوست

69

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15145
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 12:49:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1949-يىلى دۆلىتىمزنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 3 مىليۇن 500 مىڭ بولۇپ، بۇ سان پۈتۈن شىنجاڭ ئومومىي نوپۇسىنىڭ %75 ىنى ئىگەللەيدىكەن، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ئومومىي نوپۇسنىڭ %45 تىگە چۈشۈپ قالدى!

0

تېما

0

دوست

69

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15145
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 13:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sekkiztash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 13:08  

ب د ت نىڭ نوپۇسنىڭ تەبىئى كۆپىيىشىنى ھىساپلاش قائىدىسىدە نۇرمال شارائىتتا ( ئۇرۇش، ۋابا كىسىلى ۋە باشقا توسقۇنلۇقلار بولمىغاندا )نوپۇس 25 يىلدا بىر قاتلىنىدۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 60-، 70-يىللاردا مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى بولدى، 90-يىلىدىن باشلاپ پىلانلىق تۇغۇت رەسمىي چىڭ تۇتۇلۇپ يولغا قويۇلدى، شۇڭا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تەبىئى كۆپىيىشىنى ب د ت نىڭ 25 يىل دىگەن ئۆلچىمىدىن سەل ئۇزۇنراق قىلىپ، ھەر 30 يىلدا بىر قاتلاندى دەپ ھىساپلىساق، 1980-يىلى ئۇيغۇر نوپۇسى 7 مىليۇن بولىدۇ، 2010-يىلى 14 مىليۇن بولغان بولىدۇ، مانا بۇ دۆلىتىمىزنىڭ 1949-يىلدىكى ئۆزى ئىلان قىلغان ئۇيغۇر نوپۇس سانىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ 60 يىلدىن كىيىنكى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ھىساپلاشتىكى بىر قەدەر توغرا ئۇسۇل. بۇ پەقەت مىنىڭ ھىساپلاش ئۇسۇلۇم ۋە قارىشىم بولسىمۇ، لىكىن مەلۇم ئىلمىيلىككە ئىگە دەپ قارايمەن، چۈنكى ھازىر سان-سېپىر ئارقىلىق گەپ قىلىش « ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى ھۆكۈمەت سىتاستىكىسىدا ئىلان قىلىنغاندىن جىق» دەپلا قويۇپ مەۋھۇم جاۋاپ بەرگەندىن كۆپ ئەۋزەل.

باھا سۆز

alip  دۇرۇس گەپ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 22:59
aqturk  پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بەك چىڭ ، 40 يىلدا قاتلىنارمىزمىكىن ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 17:33

0

تېما

0

دوست

397

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   98.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7610
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 17:26:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqin يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 13:39
مەن بۇ 61 - لىق ئورۇننى ۋە خەنزۇ تىلىنىڭ 2 - ئورۇندا تۇرۇش ...

لېكىن دىيارىمىزدا  خەنزۇ تىلى 1-ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ...ھۆكۈمەت تىلى ،مائارىپ تىلى دىگەندەك!

0

تېما

0

دوست

397

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   98.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7610
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 17:29:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 12:47  
altun00 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 13:41
جوڭخۇاجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىل ...

بۇ《 چۆچەك》 ياخشى يېزىلىپتۇ جۇمۇ!

باھا سۆز

quxanmaysan  ئادەمنى ناھايىتى قايىل قىلىدۇ .لىكىن ئۇ پەقەت بىر خىيالىي دۇنيا ،ئەمىلىيەتتە يوق ،قوش تىرنانىڭ رولى شۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 00:29
quxanmaysan  چۆچەك دېگىنى ئەمىلىيەتتە يوق دېگىنى ،چۆچەكلەرنى ئاڭلايمىز ،ناھايىتى گۈزەل ،ئادەمنى جەلىپ قىلدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 00:28
altun00  چۆچەك تۇيلىۋاتقان بولسا خوتۇن-باللىرىڭىزغا بىر سۆزلەپ بەرمەمسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 19:23
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-17 16:47 , Processed in 0.061703 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش