قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 463|ئىنكاس: 8

دادا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قولۇڭدىن كەلسە ئ

2

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14073
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 101
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
    بۈگۈن 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى.تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەمگەكچان ،تىرىشچان ،ئاقكۆڭۈل خەلىقنىڭ ،ئەمگەكچان دادامنىڭ بايرىمى.
    دادام بۇ يىل 75ياشقا كىرىدى. ئاشۇ مۇشاققەتلىك،ئەمما ئۆزى بىرەر قېتىممۇ زارلاپ باقمىغان  75يىللىق ھاياتىنىڭ 65يىلىدىن ئارتۇق ۋاقتىنى ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزدى.تېخى ھىلىھەم قولىدىن كەتمەن چۈشكىنى يوق.قانچىلىغان تۈمۈردىن ياسالغان كەتمەن ،گۈرجەك ،ئارا،پالتا  كەكىلەر ئۇنىڭ ئالقىنىغا قاداقلارنى يالداما قىلىپ،ئۆزى  ئۇپراپ تۈگىدى. لىكىن ئاشۇ ئەمگەكتە تاۋلانغان دادام يەنە شۇنداق چەبدەس ،يەنە شۇنداق ئىشچان ،تىرىشچان . ئۇ قويغان قانچىلىغان كۆچەتلەر ئەي بولۇپ ئەلگە  مىۋە بەردى.قانچىلىغان دۆڭلەر تۈزلىنىپ ،بىنەملەر ئىكىنزارلىققا ئايلاندى.ئۇ قويغان تىرەكلەر نەچچە كىسىلىپ ،ئۇنىڭ يىلتىزىدىن چىققانلىرىدا مانا ھازىر ئىنىمنىڭ ئۆيىنى يېپىۋاتىمىز.ئۇ ئاشۇنداق بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى ،يۈرىكى يىلىكى ،يىلتىزى ..
  ئۇنىڭ كۆڭلى ئاشۇ ئۇچتەك ئاقارغان چاچ ساقاللىرىغا ئۇخشاش ئاق ۋە ساپ.سەل ئىگىلگەن ئەمما مەزمۇت ئىگىز قامىتى،بىزنىڭ ئۆينىڭ ئامىتى، بەخىت سائادىتى.ئاجايىپ ئۈمۈتۋارلىققا تولغان ،ياشاش ئىستىكى يېلىنجاپ تۇرغان كۆزلىرى بىزنى ھاياتلىقنى سۆيشكە ،ھاياتىمىزنى ھەقىقىي مانا بىلەن بىزەشكە ئۈندەيدۇ.
  مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە دادام ماڭا كۆپ بەدەل تۆلىدى.ئايىماي مەبلەغ سالدى.مانا ئەمدى مەن خىزمەتكە چىقىپ،خېلى يامان ئەمەس كۈن ئۆتكۈزىۋاتىمەن .ھۆكۈمەتنىڭ ئاق ياقىلىقلار تەبىقىسىگە تەۋە بولدۇم .دادامنىڭ ماڭا سالغان مەبلىغىنىڭ دىرىنىمۇ قايتۇرۇپ بىرەلمىدىم.قايتۇردۇم دىگەندىمۇ،ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن سالغان قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىقىنى ،ياشلىقىنى ،نەۋقىرانلىقىنى ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ بىرەلمەيمەن .ئەمما كۆردىمكى،ئۇنىڭ قېرىلىق يەتكەن سۇلغۇنلىقى چىقىپ تۇرغان چىھرىدە زىيان تارتقانلىقنى ،ئاچچىق ھەسىرەتنى ئەمەس،خۇشال كۈلكىنى ،پەخىرلىنىش جىلۋىسىنى كۆرىمەن .
  مەھەللىدە ئۇ:«بالام ئوقۇتقۇچى بولدى،بۇ ئۇنىڭ ياخشى ئوقۇغانلىقىدىن ،بالىلار ياخشى ئوقۇسا ،بىزنىمۇ خاتىرجەم قىلىدىكەن»دەيدىكەن.
  ئۇ مىنى بىلىم ئىگىسى ،كۆپ كىتاب ئوقۇغان دەپ ھۆرمەتلەيدۇ. ئۆيگە چىقسام قوش قوللاپ كۆرىشىدۇ،تۆرنى ماڭا كۆرسىتىدۇ ،مەندىن يول كۆرسەتكىن دەپ مەسلىھەت سورايدۇ.ئەمما ،دادام مەن ئۈچۈن ئەڭ ،ئەڭ مىھرىبان ئۇلۇغ ئۇستاز.دەپ ئۆگەتمىسىمۇ ،ئۇنىڭ ھەربىر ھەركىتى مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس دەرىسلىك بۇزۇلماس مىزان.مەن مەڭگۈ ئۆگەنگۈچى...
   مانا بۈگۈن ئەقلىمگە كەلدىممۇ ،ئويلاپ باقسام ھازىرغىچە دادامنىڭ ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى بىرەر قېتىممۇ مۇبارەكلەپ باقماپتىمەن .بەلكىم زور كۆپ ساندىكىللىرىمىز مۇ شۇنداق قىلغان بولىشىمىز مۇمكىن .
  مەرھۇم شائىرىمىز رۇزى سايىت ئاكىنىڭ «دىھقان بولماق تەس» دىگەن شىېرىنىڭ مىسىرالىرى كۆڭلىمدىن كەچتى...دىھقان ھەرقانداق كۈنلەردە دەم ئالماي قولىدىن كەتمىنى چۈشمەيدۇ.دىھقاننىڭ نە بىزنىڭكىدەك تەتىلى يوق ،لىكىن دىھقان دادام ھەر تەتىلنى ساقلايدۇ ،چۈنكى بىز شۇ چاغدا ئارام ئېلىپ يۇرتقا باللىرىمىزنى ئېلىپ چىقىمىز.ئۇباللىرىنى نەۋرىللىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەتىلىنى ساقلايدۇ.ئۇ1- مايدىكى ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىمۇ بىلىپ كەتمەيدۇ. پەقەت مەندەك خىزمەتتىكىلەرنىڭ دەم ئېلىشقا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ،شۇ چاغدىكى جەم بولۇشنى بىلىدۇ.
  ئۇ قايسى كۈنى تىلفۇن بىرىپ مەندىن قاچان بايراملىق قويىۋېتىدىغانلىقىنى ،نەچچە كۈن قويىۋېتىدىغانلىقىنى ،قاچان چىقىدىغانلىقىنى سورىدى ...بىز چىققاندا ئۇ يىغقان ھەممە ئەتىۋارلىق نەرسىللىرىنى بىزگە تۈكىدۇ.نەۋرىللىرىگە تۇتقۇزۇدۇ.باققان قويلىرىنى سويۇپ چوڭ داستىخان سالىدۇ .نەۋرە چەۋرىلەرنىڭ قىقاس چۇقانلىرى ئۆيدە بىر بازارنىڭ غەلۋېسىنى بېسىپ چۈشسىمۇ ،قىلچە خاپا بولمايدۇ ،باللىرىمىزنى ئاستاراق دەپ پەش قىلساق .جىم تۇرۇڭلار ئوينىسۇن مەيلى،مەنمۇ سىللىنى پەش قىلماي چوڭ قىلغان دەيدۇ.مانا شۇنداق چوڭ داستخان سالغاندا ئېغىزىمدا بولسىمۇ ،«دادا،ئەمگەكچىلەر بايرىمىڭغا مۇباەك بولسۇن »دىمەپتىمەن ...
  ھەي...ھەي ...مەن نىمانداق دۆت...نىمانداق ئەقىلسىز...بۇ بايرامدا ئەڭ ئاۋال ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغىنى ئاشۇ دېھقانلار ...دېھقان دادامغۇ؟!...بىر ئازابلىق ھېسىيات مىنى بىئارام قىلدى ...خىجىللىقتىن ئۆزەمنى قويىدىغان يەر تاپالمىدىم.
  ياق ...ياق ھىلىھەممۇ كىچىكمەيمەن ...مەن ھازىر ئەقلىمگە كەپتىمەن. دەررۇ تۇتۇش قىلاي ...مىنىڭ باللىرىم تېخى كىچىكقۇ...ئۇلار ئاشۇ سورۇندا ،داستىخان تۈپىسىدە مىنىڭ دادامنىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلىگىنىمنى كۆرسە مەندىن  پەخىرلىنىشى ،نىمىنى قىلىش،نىمىنى ھۆرمەتلەش  كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىشى چۇقۇم.
  ئاۋال بازارغا باراي.. ئىشچان ،تىرىشچان ،قولى گۈللىرىمىز تىككەن بادام دوپپىنىڭ ئىسىلىدىن بىرنى ئالاي...(دادامغا ھەر قېتىم دوپپا ئالغاچ چىقساممۇ ،بۇ قېتىمقىسى ئوخشىمايدۇ.بۇ قېتىمقىسى بايراملىق بولىدۇ) ...ئاندىن داستىخان تۆپىسىدە دادامنىڭ بېشىغا ئۆز قولۇم بىلەن كەيدۈرەي...جىگدە يېرىندىسىدەك يىرىك،ئالقانلىرى قاپارتۇقلار بىلەن تولغان قولىنى يۈزۈمگە ياقاي ...ھاياتلىققا ئوتتەك مۇھەبىتى بار ئۈمۈدلىك كۆزلىرىگە بالىلق مىھرى بىلەن باقاي...«دادا بۈگۈن سىزنىڭ بايرىمىڭز ...بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ...ھاياتلىق بوستانىڭىز گۈل چىچەكلەرگە تولسۇن...»دەي...
  
مەنبە :ئىجادىيەت

0

تېما

0

دوست

610

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9014
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىڭىزنىڭ بايرىمىنى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تەبرىكلىمەي، باشقا ۋاقىتلاردا، مەسىلەن جۈمە كۈنى، ئىككى ھېيت كۈنلىرىدە تەبرىكلىسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟.......
توۋا.................................

باھا سۆز

xarik  بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆرمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان دادىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك ...5-1  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:37
xarik  بەك ئېشىپ كەتتىڭىزمۇ قانداق خان... ئاتا ئانىنىڭ ھەر بىر كۈنىنى بايرام قىلسىمۇ ئەرزىيدۇ .  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:35
umidyar  ئۇ كۈنلەر دىگەن مۇسۇلمانلارغا بايرام تۇرسا.... ئارلاشتۇرۋەتمەڭ!  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:13
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

3

دوست

6488

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1828
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز دادىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىچە قىلغان ۋاختىمىز ، دەل ئۇلارنىڭ بايرىمى ھىساپلىندۇ ، بىزنىڭ بىشىمىز كۆككە يەتكەن چاغدىمۇ ئۇلارنىڭ بايرىمى ، ئۇلارقىلمىغاننى ئۇلاپلا بىزقىلساقمۇ ، ئۇلارئۈچۈن ئەڭ چوڭ بايرام ھىسابلىندۇ ، دادىمىز ئۈچۈن كۈندە بايرام قىلىشقاتىرېشايلى!
رەھمەت ياخشى تېيما يوللاپ سىز .
پەرۋاز

0

تېما

1

دوست

1656

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5950
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 249
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىڭىزنى يات ئەتكەنلىگىڭىزگە ئاللا رەھمەت قىلسۇن! شۇ مىھنەتكەش دادىڭىزغا 75 يىل ئۈمۈر ئاتا قىلغان يەنە سىزگە ئوخشاش ياراملىق فەرزەنتنى بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلدۇرغان ئۇلۇغ ياراتقۇچىغا مىڭلىغان شۈكىرلەرنى ئېيتىڭ! ئۆز ئەمگىگى بىلەن سىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان دادىڭىزغا ئاللادىن سالامەتلىك تىلەڭ! مانا بۇ  بايرام

باھا سۆز

surayya  ھەقىقەتەن سالماقكەنسىز گىپىڭىزنىڭ ئاساسى بار  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:37
xarik  بىر چىرايلىق يېقىملىق تىلىمىز تۇرۇپ باشقىلانى دوراپ پ ئورنىغا ف نى زورلاپ تاڭىمىزمۇ ئەمدى  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:40
xarik  سىزمۇ ھېلىقى ‹‹ئوغۇزتىگىن ›› دىگەننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتتىڭىزمۇ نىمە.؟ .. نىمە ئۇ فەرزەنىت دىگەن  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:39

0

تېما

0

دوست

468

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى  ئوقۇغۇچە، مەنمۇ  يىراق شەھەردىكى جاپاكەش،مىھرىبان دادامنى ئەسلەپ قالدىم، كۆزلىرىمگە ياش ئولاشتى .
ئاھ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! جاپاكەش ئاتىلار..................

ياخشى يېزىپسىز.

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18493
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىككەن

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18493
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتىڭدا يەنە مۇنداق بىر ئادەملەر باركى،چىن كۆڭلىدىن قەدىرلىمەيدۇ،
باشقىلاردىن پايدىلنىش ئۈچۈن سەمىمى مۇئامىلە قىلغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.
باشقىلارغا مەلۇم مەقسەتتە كۆيۈنىدۇ، نەپ چىقمىسا تىللايدۇ. دۆتلىكىدىن ئۆزىنى ئاقكۆڭۈل چاغلايدۇ، ئەڭ يامىنى، شەخسىيەتچىلىك، ئاچكۆزلۈك، بىلەرمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، چىدىماسلىق.....لارنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ كۆزى يوقتەك  ساختا ئىمان،
يالغان ئەخلاق بىلەن ئۆزىنى نىقابلاپ، ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ يۈرىدۇ.
سەنمۇ شۇنى بىلىۋال ئەي مەخلۇق، سىنىڭ قانچىلىغان كىشىلەرگە قەرىز ئىكەنلىكىڭنى
ھەممە ئادەم بىلىدۇ، سەندەك چىدىماس، پەس مەخلۇقنىڭ رەزىل كۆڭلىگە بىر كىم
تەشنا ئەمەس ھەم قوبۇل قىلغىنىمۇ يوق، شۇڭا دەرھال چېكەڭگە قىسىۋال!!! ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىلارنىڭ ئارقىدىن پەسكەشلىكلەرنى قىلىپ يۈرمەي، ئۆزۈڭ توغۇرلۇق
ئويلىنىپ باق.تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە ئۇنداق بىچارىلەرچە ياشىماي،
دەرھال ئۆزۈڭنى ئوڭشىۋال، ھېلىمۇ كىچىكمەيسەن!!!

4

تېما

0

دوست

1553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14959
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 182
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ جاپاكەش دىھقاننىڭ دىمىسىمۇ بايرىمى يوق،

0

تېما

0

دوست

277

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17695
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-1 16:38 , Processed in 0.054993 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش