- تىزىملاتقان
- 2011-11-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5439
- نادىر
- 0
- يازما
- 221
ئۆسۈش
8.78%
|
مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا ساقچىلار بىلەن بىر تۈركۈم ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن
شىياڭگاڭ خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا ساقچىلار بىلەن بىر تۈركۈم ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، توقۇنۇشتا تەرەپتىن 15 كىشى ئۆلگەن، قارشىلاشقۇچىلاردىن 6 كىشى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەنىڭ ساقچىلارنىڭ مەلۇم بىر ئۆيدە گۇمانلىق كىشىلەرنى بايقاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۈگۈن مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، يەرلىك ئاھالە ۋە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدى. ۋەقە يۈز بەرگەن بازاردىكى تىجارەتچىلەردىن بىرەيلەن جەمئىيەتتە تارقالغان گەپلەردىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، توقۇنۇشنىڭ ساقچىلار ئۆي ئاختۇرۇش داۋامىدا بىر ئائىلىدىكى ئايالنىڭ يۈزىدىكى پەرەنجىنى ئېچىۋەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
بۈگۈن خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا ۋەزپە ئۆتەۋاتقان 3 نەپەر ئاھالە كومىتېت خىزمەتچىسى، مەلۇم بىر توپ گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ۋە كادىرلار گۇمانلىق كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن چېغىدا، گۇماندارلار گۇمانلىق ئۈينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن ھۇجۇم قىلىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى ۋە كادىرلاردىن 15 كىشىنى ئۆلتۈرگەن. ساقچىلارمۇ گۇماندارلاردىن 6 كشىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە 8 نەپىرىنى قولغا ئالغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگۈچىلەردىن 10 نەپىرى ئۇيغۇر، 3 نەپىرى خەنزۇ ۋە ئىككى نەپىرى موڭغۇل بولۇپ، نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن گۇماندارلارنىڭ مىللىتى تىلغا ئېلىنمىغان. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خو خەنمىن گۇماندالارنىڭ شۇ سېرىق بازىرىنىڭ ئاھالىلىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. خەۋەردە ۋەقە تېررورلۇق ۋەقەسى، ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار بولسا تېررورچىلار دەپ تونۇشتۇرۇلغان؛ ئەمما تېررورچىلارنىڭ كىملىكى، مەقسەت – پىلانلىرى ۋە قورال – ياراقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. خەۋرىدە يەنە تېررورچىلارنىڭ بىر ئۆيگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئوت قويۇلغان ئۆينىڭ قەيەردە ۋە كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. سېرىقبۇيىدىكى ئاھالىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە ئۇلارمۇ كوچىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، گۇماندارلارنىڭ ھۆكۈمەت ساقچى ۋە خادىملىرىغا پىچاق ۋە بېنزىن بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئاھالىلەردىن بىرى، ۋەقەنىڭ بىر ئائىلىدە ئەمەس، بەلكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئوت قويۇۋەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگۈچىلەردىن بىرقىسىمى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بىر قىسىمنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.
سېرىقبۇيا بازىرىدا دۇكان ئېچىۋاتقان تىجارەتچىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈنۈگۈن يەنى 23 – ئاپرىل كۈنى چۈشتە، سېرىقبۇيا بازىرىدا ئۇشتۇمتۇت جىددىيچىلىك يۈز بېرىپ، بازار ئەتراپى ساقچى ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن. بازاردىكى دۇكاندارالار ساقچىلار تەرىپىدىن دۇكانلىرىدىن چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغان. بىر دۇكاندارنىڭ بايان قىلىنىشىچە، ئۇ بازارنىڭ خەلق مەيدانى تەرەپتىكى ئاياق بازىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق ئىس – تۈتەكنى كۆرگەن ۋە كىشىلەرنىڭ پاتپاراق بولۇپ قېچىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ۋەزىيەت تىنجىغاندىن كېيىن، ئۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن، ساقچىلارنىڭ ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا بىر ئايالنىڭ يۈزىدىكى چۈمپەردىنى ئېچىۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا دەسلەپ تارتىشىش، ئارقىدىن توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى ئاڭلىغان. ئۇ يەنە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقانلارنىڭ بارات ناۋاي دېگەن كىشىنىڭ ئوغۇللىرى دەپ ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى. يەنە بىر دۇكاندارنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە ئۇنىڭ دۇكىنىدىن بىر كىلومېتىر نېرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ ۋەقەنى يىراقتىن كۆرگەن ۋە ۋەقەدە ئىس – تۈتەك كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ 3 – ئاھالىلەر كومىتېتى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مەكىت ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى، ئالاھىدە قىسىم )110( بۆلۈمىنىڭ بىر نەپەر ساقچىسى : ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆز سەپداشلىرىنىڭ بىرقىسمىنىڭ مارالبېشىغا ۋەقەنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ياردەمگە كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بولسا مەكىتتە مەزكۇر ۋەقە سەۋەبلىك باشلانغان بىخەتەرلىك سەپەرۋەرلىك خىزمىتىدە نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ساقچى باشلىقلىرىنىڭ ۋەقەنى تېخى ئۆزلىرىگە تەپسىلىي ئاشكارىلىمىغانلىقىنى، باشلىقلارنىڭ نۆۋەتتە مەزكۇر ۋەقە سەۋەبىدىن جىددىي ۋە ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەنبە: خەۋەر تورى
http://news.bilimkuqi.com/?p=469#more-469 |
|