ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئۆتىگۈچى دوستلار:
دېھقانلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسىلىق نۇپۇسىنى تەشكىل قىلىدىغان گىراژدانلاردۇر، شۇنىڭدەك دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلىشى، ئازادلىق ئىشلىرىدا، پارتىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىنى تەمىنلەشتە زور تۆھپە قوشقان كۈچ. ھۆكۈمەت ئىقتىسادى كۈچى ئاجىز، تەرەققىي قىلمىغان دەۋرلەردە ئاساسلىق ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسى ئۇل مۇئەسسەسە ھەمدە مەبلەغنى شەھەرلەرگە قاراتتى. دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ئېشىپ، تەرەققىي تاپقاندا بولسا، دېھقانلار، يېزىلار مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، دېھقانلارنىڭ تۈرلۈك باج- سېلىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلدى ياكى يېنىكلەتتى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە خەلق قۇرلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دېھقلار ھەمدە يېزىلار خىزمىتى دەپ بېكىتىلدى. دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىيەت ( ھاشار ) ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ھەمدە دېھقانلارنىڭ تۈرلۈك باج_ سېلىقىنى يېنىكلىتىشنى ياكى ئالماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى.
گوۋۇيۈەن ، يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 2004- يىلى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ دېھقانلارنىڭ بارلىق مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە پىلان سىرتىدىكى باج- سېىلىقىنى قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 2007- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەۋەسىدە پۈتۈن رايون بويىنچە مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ھەمدە سېلىق پۇللىرىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
ھالا بۈگۈنكى 10 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بۇ سىياسەت تېخى ئەمىنلەشمىگەندەك تۇرىدۇ. يېقىندا ئاپتونۇم رايون ۋە ۋىلايەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ‹ ئىستىلدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ئاساسى قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش › ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە رەھبىرى كادىر بىلەن بىرگە ياردەمچى كادىر بولۇپ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ، ۋىلايەتتىكى خىزمەت ئورنۇمدىن ناھىيدىكى مەلۇم بىر يېزا- كەنت كومىتىتىغا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا بىر يىللىق چۈشتۇم. ئىككى ئايدەك ۋاقىت بولۇپ قالدى. كەنتنىڭ ئاساسى ئەھۋالى بىلەن تولۇق دېگۈدەك تونۇشۇپ چىقتىم. بۇ كەنت ئاھالىسى 100% ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلغان، دېھقان- چارۋىچىلار ئىكەن. كەنتتە ھەپتىدە بىرەر- ئىككى قېتىم دېگۈدەك كەنت كادىرىلىرى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا ماجرا يۈز بېرىدۇ ( ئەلۋەتتە، بىز خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ياردەملىشىپ ھەل قىلىۋاتىمىز ھەم تىرىشىمىز ). بۇ زىددىيەت- ماجرالارنىڭ يۈز بېرىش ئاساسلىق سەۋەبىنى مۇنۇ 3 نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە بولىدىكەن:
1. قوغدىنىش پۇلى يىغىش.
كەنت قوروسىدىكى ئامانلىق قوغداش ئۆيىدە 6 نەپەر خەلق ئەسكىرى(مىنبىڭ، بىكارچى، مۇقىم ئىشى يوق كىشىلەرنى ئاساس قىلغان ) بار بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپى بويىنچە ھەربىر دادۈيدە ( كەنتىدە ) 6 دىن خەلق ئەسكىرى تەشكىللىشى ھەمدە خەلق ئەسكەرلىرىگە ئېيىغا 1500 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىنچە مائاش بېرىلىشى، بۇ پۇلنى دېھقانلارغا نوپۇس بېشىغا چېچىلىپ ھەل قىلىنىشى، قوغدىنىش پۇلىنى يىغىش نىسبىتى 100% كە يېتىشى كېرەككەن. شۇڭلاشقا دېھقانلار بىر نوپۇس يىلىغا 150 يۈەن ‹ قوغدىنىش پۇلى › تاپشۇرىدىكەن. بىر ئائىلىدە 5 نۇپۇس بولسا يىلىغا كەنتكە 750يۈەن قوغدىنىش پۇلى تاپشۇرىدىكەن. دېھقانلار بۇ پۇلنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ، سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلغاندا: كەنت ئەسكەرلىرى مۇشۇ كەنتنىڭ مۇقۇملىقى، ئامانلىقى، ھەرقايسىڭلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاساسى قاتلامنىڭ مۇقۇم، تىنىچ بولغان مۇھىتىنى يارىتىشقا زۆرۈربولغان قوشۇن ، دەپ جاۋاپقا ئېرىشىدىكەن.
قوشۇمچە: ( مەنچە ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى قاتلامنىڭ مۇقۇملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دېھقانلار ئىچىدىدىن ئامانلىق خادىملارنى تولۇقلاپ ئېلىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇ خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مائاشى، تاماق تۇلۇقلىما پۇلى ھەمدە قاتناش ياردەم پۇلىنى دېھقانلاردىن ‹ قوغدىنىش پۇلى › دەپ يىغىش توغرا بولمايدۇ. بۇ پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنىڭ روھىغىمۇ خىلاپ ھەمدە دېھقان ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى ھۆكۈمەت ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ، رازى بۇلۇش نىسىبىتى تۆۋەنلەپ، قارشىلىق ئېڭى كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2 ئايدىن بېرى مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ئۇلار مۇشۇ كەنتتىكى 600 تۈتۈن، 2000 دەك ئاممىنى قوغداش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلماي، كەنت تەشكىلىنىڭ قوروسىنى ئوغرى ئېلىپ قاچماسلىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ دېسە تۈزۈك بولىدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئەتتىگەندىن كەچكىچە كەنت تەۋەلىكىدىكى ھاراقكەش، قىمارۋاز، بىكارتەلەتلەر بىلەن قوغداش ئۈيىدە قارتا ئويناش، قىمار ئويناش، ئۇخلاش ياكى قۇرۇق گەپ سېتىش بىلەن ئاۋارىكەن. كەنت تەۋەسىنى ئارىلاش پەقەت ئايدا بىرەر قېتىملىق تەكشۈرۈش بولغاندا، شەكىل خاراكتىرلىق ئىش ئىكەن. ئۇلار قولىدىن ئىش كەلمەس بىكار تەلەتلەر، تەييارنى يەپ، يېتىشنى بىلىدۇ. تەپسە تەۋرىمەس، بىغەم شەھەرنىڭ بىغەم بىكا تەلەتلىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنتتە يەنە 4 ياردەمچى ساقچى ۋە كەنت رەسمىي ئىشتاتلىق ساقچىسى بار، جەمئىي 10 قوغدىغۇچى كۈن بويى كەنتنىڭ ئىچىدىن تالاغا چىقماي ئولتۇرۇپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. كىچىك بىر كەنتتىك بۇ 10 قوغدىغۇچى ‹ قوشۇن › ئارقىلىق قوغدىلىشى كۈچلۈك مەسخىرە ).
ھۆكۈمەتنىڭ پۇخرالاردىن قوغدىنىش پۇلى يىغماي تۇرۇپمۇ، دېھقانلارنى قوغداش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيتى ھەم يۈكسەك مەسئۇلىيتى بار. دەپ ئويلايمەن.
2. مەجبۇرىي ھاشار ئەمگىكىگە سېلىش ھەمدە باج ـ سېلىق يىغىش.
دۆلەت 10 يىل ئىلگىرىلا دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىي ھاشار ئەمگىكىنى كەچۈرۈم قىلغان بولسىمۇ بۇ ناھىيدىكى دېھقانلار يىلىغا 30 كۈندىن ئارتۇق مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە سېلىنىدىكەن. مەسىلەن، بىز خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگەن ئىككى ئاي ئىچىدە تىيەنجىن شەھىرى ئېچىش رايونىغا كۆچەت تىكىش ئۈچۈن بىزنىڭ كەنت پۇخرالىرى 12 كۈن ھاشارغا باردى، بارمىسا جەرىمانە ھەمدە تۈرلۈك ئىشلىرى يۈرۈشمەيدۇ. يەنە 9 كۈن كەنتنىڭ ئاچقان يېرىگە چىلان، ياڭاق، جىرىم تىكتى. بۇ ئەمگەكلەر پۈتۈن كۈن بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ ، تاماقنى دېھقانلار ئۆزى تېپىپ يەيدۇ، يىلىغا 30 كۈندىن ئارتۇق ئەمگەككە بارسىمۇ بىر پۇڭ ھەققە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇنداقتا، ھۆكۈمەت ئاللىقاچان كەچۈرۈم قىلغان ھاشار ئەمگىكى رايونىمىزدا قاچان ئەمىنلىشىدۇ. قاچان دېھقانلارنىڭ چىرايىدا ھەقىقى كۈلكە چاقنايدۇ. ھەپتىگە بىرەر قېتىمدەك پالانچى ھاكىم، پۇكۇنچى ۋالىي، نازىر دېگەندەكلار كىلىدكەن دەپ يوللارغا سۇ سېپىپ، تازلىق قىلىپ، قىغ، پاسار دۆۋىسىنى يۆتكەپ، يول تاملىرىنى سۈپەتلەش قاتارلىق كۈلكىلىك ئىشلار بۇ يەردە ئادەتتىكى ھەرىكەتكە ئايلىنىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.( بىر 72 ياشلىق موماي يىغلاپ بىزگە ھال ئېييىپ كەلدى، ئۇ دەيدۇ، بىرمو ئەمگەكچى يېرىم بار، مەن تۇغماس، يولدىشىم تۈگەپ كەتكەن، يالغۇز جان. ئەمگەك ئىقتىدرىم قالمىدى. يىلىغا 30 كۈندەك مەجبۇرىي ھاشارغا بارىمەن. ياشلارغۇ بارسۇن، بىز قېرىلارنى بولسىمۇ ئەمگەكتىن خالاس قىلساڭلار، ئۆتۈنۈپ قالاي، خۇدايىم جەننەتنى بەرسۇن خىزمەت گۇرۇپپىسى باللىرىم ، كومپارتىيە كەگەندىن باشلاپ 60 يىلدەك دۆلەتكە ئىشلىدىم ئەمدى بولسىمۇ دەم ئالاي، تىنىچ ئىبادىتىمنى قىلىپ، جان باقاي دېدى. بىز ۋىلايەت تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك بولغان بۇنداق ئىشقا قانداقمۇ كۈچىمىزيەتسۇن. سىياسەتنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، پەقەت ھېسداشلىق قىلىپ، ئازراق شەخسى پۇلىمىزبىلەن كۆڭۈل بىلدۈردۇق)
يەنە بىر مو يەرگە 30 دىن مەجبۇرىي چۈجە تارقىتىپ بېرىپ، بىر چۈجىگە 6 يۈەندىن چۈجە پۇلى يىغىلىدۇ. بۇ چۈجىنى مۇشۇ ناھىينى قوللاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان تىيەنجىن شەھىرى سانائەت رايونىدىكى يولداش چۈجىچىلەر ئىشلەپ چىقىرىپ ساتىدۇ، ھۆكۈمەت سوتلۇق توخۇ دېھقانلار بېيىيدۇ دەپ سىياسەت جەھەتتە مەجبۇرىي خاراكتىرلىق سېتىپ ، دېھقانلارنى ‹بېيىشقا › يېتەكلەيدۇ.( لېكىن ئىسسىق رايۇندا ئۇ ئاكاشلار ساتقان چۈجىلەر مۇھىتقا ماسلاشماي ئۆلىۋاتسا، ياكى تېخنىكلار ئىچكىردىن ئەۋەتىلىپ، ئاساسى قاتلامغا ئاخبارات مۇخبىرلىرى كەلگەندە بىر كۆرۈنۈپ قويۇپ، يۇقاپ كەتسە ) بۇ يىل ئىچكىردىن كەلتۈرۈلگەن 40 مىڭ تۈپ شاپتۇل، كېلەر يىلى ئالما، يەنە بىر يىلى يەنە بىر نېمە سېتىلىپ ، بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىغا ماس كەلمەيلا قالماستىن، ئاتالمىش ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن پەن تېخنىكا يېتەكچىسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ،دېھقانلار يېتىشتۈرۈش تېخىنىسىكىنى بىلمەي ، نامراتلىق داۋاملىشىۋېرىدۇ، كەنت، يېزا ، ناھىيە دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقىرغا يىلىغا مانچە كوي، مانچە پىرسەن كىرىم ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلەپلا ، يىل بويى ئۆرلىتىپ يۇقىرغا يوللاۋېرىدۇ. مەنچە بۇ يەردىكى دېھقانلار بارغانچە ھالسىزلىنىۋاتىدۇ.
خەلق خىزمىتىنى جان دىل بىلەن ئىشلەيدىغان كىشىلەر زادى قانچىلىكتۇ؟
3. چېتىپ جازالاش ئۇسۇلى.
بىر دېھقان ئائىلىسىدە 7 نۇپۇس بارئىكەن. ئاكىسى ئايرىم ئائىلىكەن، ئۆيىمۇ باشقا باشقا يەردىكەن، لېكىن بىر جەمەت. بۇ دېھقاننىڭ ئاكىىسى بالىسىنى ئۆيىدە ياكى قوشنىسنىڭ ئۆيىدە قۇرئەن ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن دىندا ئوقۇتۇپ ‹ يەر ئاستى دىنى ئۇقۇتقان › بولسا، پۈتۈن جەمەت سىياسى قالپاق ئىچىدە كەنتتىن ھەرقانداق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالمايدىكەن. مەسىلەن، ئېغىل، قۇشخانا، يەرتەۋرەشكە چىداملىق ئۆي، تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى، گاز قاتارلىق خەلق قۇرۇلۇشى تۈرلىرى بۇنداق ئائىلىلەرگە بېرىلمەيدىكەن.
يەنە جەمەت ئىچىدە بىرەرسى پىلانلىق تۇغۇتقا ياكى سىياسىغا چېتىلغان بولسا، پۈتۈن جەمەتتىكى نەچچە ئائىلە، نەچچە ئون نۇپۇسنىڭ كەنتتە ئىش بىجىرىشى بىر ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنىپ توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن. بۇ ئارقىلىق ھېچقانداق سەۋەنلىك سادىر قىلمىغان ئائىلىلەر تۇغقانلىرى سادىر قىلغان قىسمەن سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى ئالاقە ئىشلىرى تۇسالغۇغا ئۇچراپ، كەنت -يېزا كادىرلىرى بىلەن سوقۇشۇپ، ماجرا پەيدابولىدىكەن.
مەنچە، ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىشى كېرەك، بۈگۈنكى زامانىۋىي دەۋردە بولسىمۇ ئۇنداق ھاماقەت چېتىپ جازالاشتەك قەدىمكى زامان پادىشاھلقىدىكى جازا ئۆتەش ئۇسۇلى پېچەتلىنىشى، ھەتتاكى يوقىتىلىشى كېرەك.
يۇقارقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى دېھقانلار دائىم ھالسىراپ، ھۆكۈمەتكە تۈزۈكرەك ئېشەنمەس بولۇپ قاپتۇ. بىز 2000 دەك نوپۇس بىلەن ئىككى ئاي ئىچىدە ئائىلە زىيارىتى قىلىپ ، ئەھۋال ئېگەللىسەك رازى بولۇش نىسبىتى 20 % چىقتى، بۇ تولىمۇ تولىمۇ تۆۋەن نىسبەت.
مەن ناھىيىگە بۇ ئىشنى ئىنكاس قىلسام، بۇ ۋىلايەت خاراكتىرلىك ئىش دەپ يۇقىرىغا ئارتىپ قويدى. مەندەك ئاددىي بىر يېڭى خىزمەتچى ۋىلايەتلىك پارتىكومغا بېرىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىش يولۇم ۋە ھوقۇقۇممۇ يوق.
مۇناسۋەتلىك تارماق ۋە كادىلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئىشلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارغا كۆيۈنۈپ ، ئۇلارنىڭ تىزراق ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە يۈكىنىڭ يېنىكلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى، ساۋابلىق ئەل- رايى ئىشلىرىنى جان دىل بىلەن قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن! پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازى ھەمدە ئېشەنچىسىنى ساقلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ( تورداشلار ئىچىدىكى خەۋەردار دوستلارنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس ، پاش قىلغىلى بولىدىغان ئادرىس ياكى ئۇسۇللارنى ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويىشىنى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ).
2013-يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنى يەكشەنبە. خوتەن