- تىزىملاتقان
- 2012-6-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1086
- نادىر
- 0
- يازما
- 66
ئۆسۈش
40.86%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلۈم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-2 13:02
بىلىشىمچە ھازىر مۇنداق نەچچە خىل ساقچىلار بار. 2006-يىلىدىن بۇرۇن خىزمەتكە چۈشكەنلەر .بۇلار ئاساسەن قانۇن كەسپىنى ياكى ساقچى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قانۇندىن ساۋادى بار پىشقان ساقچىلار.،ئولىىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئالدى - كەينىدە يەنە بىر تۈركۈم ساقچى قۇبۇل قىلدى ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ساقچى مەكتەپنىڭ بۇسۇغىسىدىن چىقپلا ئىشقا ئۇرۇنلاشقانلار كۆپ.ئەلۋەتتە باشقا كەسىپتە ئۇقۇغانلارمۇ ھەم بار. بۇلار، ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجى بىلەن قۇبۇل قىلىنغان بۇلۇشى مۇمكىن.بۇلارمۇ تەربيلىنشكە بېرىپ ،ەئەمەلى خىزمەت جەريانىدا دىگەندەك ھەر ھالدا ساۋاتلىق بولغاندۇ ،يەنە بىر تۈركۈمى 2007 يىلدىن كېيىن زور تۈركۈمدە قۇبۇل قىلىنغانلار.....، يەنە بىر تۈركۈمى بولسا 2011-يلى كەنىت ساقىچىلىقى ئىمتىھانىدا قۇبۇل قىلىنغانلار ،بۇلارنىڭ ئىچىدە زور كۆپچىلىكىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئالىي تېخنىكوم ،ھەر خىل كەسىپتە ئۇقۇغان،بىر مەزگىل جەمىيەتتە ھەممە كىچىكلەرنى كىچىپ لاياغلاپ يۈرگەنلرىمۇ بار ئەلۋەتتە ،ھەم قانۇندىن ساۋادى يوقلىرىمۇ خېلى كۆپ.ئەمدى ياردەمچى ساقچىغا كەلسەك بۇلار نىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرىلىرىنىڭ ئالي تېخنىكوم (ئەلۋەتتە ئىمتىھاندىن ئۈتەلمەي شاللىنىپ قالغانلار مۇ بار) مەن بىلىدىغانلىرنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئەھۋالى يۇقارقىدەك ،باشقا ۋىلايەتلەردە قانداق ئۇنى بىلمەيمەن.تۆۋەنلىرىنىڭ بولسا تۇلۇقسىز .ئىشنى بۇزۇۋاتقانلار بولسا دەل مۇشۇ تۆۋەن قاتلامدىكى بەزى(ئەلۋەتتە بىر پىلەكتە مىڭ خەمەك بولغنىدەك ھەممىسىلا ناچار بۇلۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن) كەنىت ساقچىلىرى ۋە ياردەمچىلرى .
،دۆلەت بىر تۇتاش ياردەمچىلەر بىلەن رەسمى ساقچىلارنىڭ فورمىسىنى ئوخشاش قىلىپ تارقاتتى،ئەلۋەتتە .پاگونلىرى ۋە ساقچى نۇمۇرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.بۇلارنىڭ پەرقلەرندۈرەلەيدىغانلارمۇ بار،ھەممىسنى ساقچى دەپ قارايدىغانلارمۇ بار،ياردەمچىلەرنىڭ قانۇن ئىجراقىلىش ھۇقۇقى يوق.ئۇلار پەقەت ياردەملىشىدۇ خالاس،لىكىن ھازىىر بەزىلىرى ئۈسىتىدكى ساقچى فورمىسىدىن بەك پەخىرلىنەمدۇ قانداق شۇنچىلىك ئاكتىپ ئىكەنكى باشلىقنىڭ ئاغزىدىن بۇيرۇق چىقىپ بولغىچە ئۇرۇنداپ بۇلۇشقا تەييار.ساپاسى بولمىغان ياردەمچى ساقچىلارنىڭ غۇرۇى قانچىلىك بولماقچى.ئۇلارنىڭ كۈچىمۇ پەقەت شۇ يۇۋاش يۇمشاقلارغىلا يىتىدۇ.
جەمىيىتىمىزدە ساقچى بولمىسا بولمايدۇ .نۇرغۇن ياخشى ساقچىلىرمىز بار ،كىچە-كۈندۈز ئائىلىسىگە قايتالمايدۇ ،بىر بۇيرۇق بىلەنلا ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈشى كېرەك ،كۆڭلىدە قايىل بولمىسۇ بۇيرۇققا بوي سۇنۇشى كېرەك.بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك سەزگۈر ۋاقىتلاردا ، ئەسلى مۇشۇ كىين قۇبۇل قىلىنغانلارنىڭ تەربىيلىنىشگە ۋە ساپاسىغا كاپالەتلىك قىلىنغان بولسا ئاممىمۇ بۇلارغا بۇنچىۋالا ناچار قاراشتا بولمىغان بۇلاتتى. |
|