- تىزىملاتقان
- 2011-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19162
- نادىر
- 1
- يازما
- 842
ئۆسۈش
22.91%
|
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم باغداش مۇنبىردىكى ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ،كونا -يېڭى سۆھبەتداشلار ، توردېشىڭلار ئابلىكىمدىن بارلىق مۇنبەر ئەھلىگە ئوتلۇق سالام . يېقىندىن بىرى سەپەر ئۈستىدە بوپ قېلىپ ھەرقايسىڭلار بىلەن ھەم سۆسبەت بولالمىدىم ، مانا بۈگۈن ھەرقايسىڭلاردىن ئەپۇ سوراش بىلەن بىرگە ، تۆۋەندە بىر قىسىم مەسلىلەر ئۈستىدە پىكىرلەشمەكچىمەن . ئاساسى مەخسەت يەنە شۇ موقۇملۇق . موقۇملۇق تىلغا ئېلىنسا بىز ھەممىمىز ئالدى بىلەن تىنىشلىقنى ئەسكە ئالىمىز ، تىنىشلىق دىمەك موقۇملۇق دىمەك ، موقۇملۇق دىمەك تىنىشلىق دىمەك ، يىغىپ ئېيتقاندا باراۋەرلىك ئەڭ موھىم ئامىل ! ھەر- بىر ئىنسان تىنىشلىقنى سۆيىدۇ ، شۇنداقلا ھەر -بىر مەۋجۈدات تىنىشلىققا مۇھتاج . پۈتكۈل دۇنيا تىنىشلىقنى تەكىتلەيدۇ دۇنيا نىمە ئۈچۈن يەنىلا تىنىچ بولمايدۇ ؟ مىنىڭ ھىس قىلشىمچە ، مەيلى ئەمەلدار ،مەيلى قەلەمدار مەيلى پۇخرا بولسۇن تىنىشلىققا تۇتقان پوزىسسىيىمىز توغرا بولشى كىرەككەن . ئۆزىمىزگە تەئەللۇق نەرسىنى چوقۇم قوغدىشىمىز ھەم ئاسرىشىمىز ، ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىگە كۆز قىزارتماسلىقىمىز كېرەككەن . مىسالەن ئېيتساق ھەرقايسى قۇدرەت تاپقان دۆلەتلەر موقۇم تەرەققىيات ھەم ئىچكى تىنىشلىقى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلەيدۇ ، ئەمسا ئويلاپ باقايلى ، ئامركا تىنىچمۇ ؟ تۈركىيە تىنىچمۇ ؟ رۇسيە تىنىچمۇ ؟ جۇڭگۇ چۇ ؟ تىنىشلىق ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل بىلەن تۇتقان يول توغرا بولمايۋاتقان ئەھۋاللارئاساسلىق سەۋەپقۇ دەيمەن . خەلقئارادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنىشلىققا تۇنقان يولى ،يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ، دۆلەت پەرقى ،رايۇن پەرقى ، شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان خەلىقنىڭ ئېرقى پەرقى ۋە مىللىەت پەرقىگى دىگەندەك كۆپ نوختىلاردىن ئوخشاش بولماي كەلمەكتە . ھەتتا ئاتالمىش تىنىشلىقنى دەستەك قىلۋېلىپ مەلۇم قارنىيەت ۋە رەزىل مەخسەتلەر بىلەن ئۆز ئاۋام پۇخرالىرنىڭ تىنىشلىقىنى بۇزۇپ ئىچكى توقۇنۇش پەيدا قىلىپ ئۆزىگە -ئۆزى باش ئاغرىقى تېپىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ يوق ئەمەس . ئەمسە دىيارىمىز قەشقەردىكى موقۇملۇق خىزمەتلىرى قانداق ئىشلەنمەكتە ؟ ھىكايامنى باشلىۋىتەي ئەمدى . ئانا يۇرتۇم بىلەن يەنە خوشلۇشۇپ چىقتىم . ئابتۇبۇس دېرىزىدىن كىرۋاتقان مەيىن شامال يۈرگۈمنى ھاياجانغا سالماقتا ئىدى ، قانداقتۇر ئابۇبۇستىن چۈشۈپ قالغۇملا كىلىپ تۇراتتى . يەنە بىر ياقتىن قەشقەر شەھرى بىلەن ئارلىقى 20 كىلومىتىر كىلدىغان يىزىمىزنىڭ چوڭ يول بويلىرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە كۈز يۈگرىتىپ باقتىم . قارسام ھەممە ئادەم ئىشىك ئالدىغا تاغدەك -تاغدەك پىششىق كىسەك دۆۋلىۋېلىپ قۇرلۇش قىلغىلى تۇرۇپتۇ . ئىچىمدە بىرنەرسىلەرنى ئويلاۋاتتاتتىم يېنىمدا مىنى ئۇزاتقىلى بىرگە ماڭغان دوستۇم ؛ قادىر ، قارا ئاۋۇ پىششىق كىسەك تامغا ! دوستۇمنىڭ گىپى بىلەن ئىسىمنى يىغۋېلىپ قارغىدەك بولسام ، يول بويدىلا بىرنەچچە قېرىنداش دىھقانلىرىمىز ، ئەسلىدىكى سوقما تامنىڭ يول تەرەپكە قارايدىغان يۈزىگە پىششىق كىسەك بىلەن بىر كىسەك كەڭلىكىدە يەنە تام سالغىلى تۇرۇپتۇ ، خېلى بىر يەرگىچە ئاپتۇبۇس ئەينىكىدىن بېشىمنى سىرىتقا چىقىرىپ بۇ قۇرلۇشقا ھەيران قالدىم . ئاداش بۇ قانداق قۇرلۇش ئەمدى ؟ ھەيرانلىق بىلەن دوستۇمدىن سوردۇم . ھا...ھا...ھا... سەن ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتىنى كۆرمىگەنمۇ ئاداش ؟ مانا بۇ بىزنىڭ يەرتەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلىرىمىز ، بۇ قۇرلۇشلار پۈتسە يىزا كادىرلىرى بىر ئاپراتچىنى كەينىگە ئەگەشتۈرۈپ كىلىپ بۇ قۇرلۇشلارنى سۈرەتكە ئېلىپ ماتىريال يېزىپ يۇقۇرغا يوللايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ساختا كۈرنۈشلەر ئەتە -ئۆگۈن يىزىمىزدىكى دىھقانلارنىڭ ھاللىق سەۋىيگە يىتىپ ، ھۆكىمىتىمىزنىڭ ياردەم مەبلىغىنى ھەقىقى ئەمەلىلەشتۈرگەن ئاساستا ، ھەممە يېرى پىششىق كىسەك قۇرۇلمۇلۇق يېڭى ھەم ئازادە بىر يۈرۈش قورۇ جايغا كۈچۈپ كىرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر ئاڭلايمىز . بۇلتۇر قوشنا يىزىدا مۇشۇنداق قۇرلۇشلار بىلەن يىزىلىق ھۆكىمەت خېلى كۆپ مۇكاپات ئېلىپ ، يىزىلىق ھۆكىمەت باشلىغىنىڭ ئەملى ئۆستۈرلۈپ شەھەرگە يۆتكۈلۈپ كەتكەن گەپ بولۋاتاتتى ، بۇيىل بىزنىڭ يىزىمىۇ دوراپ باقتۇق . ئاۋۇ كىسەك تامنىڭ ئارقىسىدىكى توپىدىن قوپرۇلغان تامنى كۈردىغان ئادەم بولمىغاندىكىن دىمەسمۇ ! دوستۇمنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدۇمدە گەپ سۆز قىلمىدىم ،بۇچاغدا ئاپتۇبۇس توختاپ قولىدا بىردىن كالتەك كۈتۈرۋالغان ئالا -يىشىل فۇرمۇلۇق ئىكەيلىن چىقىپ كەلدى . سىرىتقا قارسام قايسى كۈنى كىملىك تەكشۈرتۈپ ئۆتۈپ كەتكەن شەھرىمىزنىڭ چىقىش ئېغزىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەپتىمىز ، ئالدىدا چىققىنى ، قولۇڭلاردىكى سومكىنى ئالدىڭلارغا ئېلىپ ئاغزىنى ئېچىڭلار تەكشۈرەيمىز ! دەپ توۋلاۋاتاتتى ، كەينىدىن چىققىنى ئالدى ئورۇندىن باشلاپ كىملىك سۈرۈشتە قىلغىلى تۇردى .يۈك -تاقاڭلار بارمۇ ؟ ...... يوق . بۇ بىرسى ئۈتۈپ كەتتى ، يەنە بىرسى كىلىپ ؛ قولاق گاسما ؟ ياق نىم بولدى ؟ مەن بايام ھەممىڭلار شىنپىڭجىنى قولۇڭلارغا ئالغاچ تۇرۇڭلار تەكشۈرىمىز دىمىدىممۇ ؟ شىنپىڭجى ! بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىرۋام سەت ئۆرلىدىدە ؟ ھىلقى بالىدىن سوردۇم . شىنپىڭجى ؟ ..... ھەئە شىنپىڭجى ، مەندە شىنپىڭجى دەپ نەرسە يوق ! ئەمسە چۈشە ماشىنىدىن ، بولىدۇ دىدىم مەن . ئورنۇمدىن تۇرشۇمغا دوستۇم ؛ ئاداش كىملىگىڭ بولغاندىكىن كۆرسىتىپ قويغىنا بولدى . سەن ئارلاشما ، سەن ئۈچ باش دوقمۇشىدا مىنى ساقلاپ تۇر، مەن تىزلا بارىمەن دەپ قويۇپ ئابتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدىم . قارسام يول ياقسىدىكى بىر چىدىرغا ئەكرىپ قويدى . بۇ چىدىرنىڭ ئىچىدە يەنە ئىكەيلەن بار بولۇپ ، بۇلارنىڭمۇ كىملىكى يوق سەۋەپلىك توسۇپ قېلنىپتۇ . يېريىم سائەت شۇ چىدىردا ئولتۇرغاندىن كىيىن ، بىر ساخچى ماشىنىسى كىلىپ ،بىز ئۈچىمىزنى شەھەر مەركىزدىكى بىر ساخچىخانىغا ئېلىپ كەلدى . ساخچىخانىغا كەلگەندىن كىيىن مەن بىلەن بىرگە كىرگەن ئۈچىمىزنى بىر خەنزۇ ساخچى سوراق قىلىشقا باشلىدى . باشتا مەن بىلەن كىرگەن بىرەيلەندىن ئەھۋال سوراشقا باشلىدى ، كىيىن ئۆيدىكىلەرگە تىلفۇن قىلىپ كىملىكنى مۇشۇ ساخچىخانىغا ئەۋەتىپ بەرسە ئاندىن كەتسە بولدىغانلىقىنى ، شۇ چاققىچە ياندىكى ئىشخانىدا توختۇتۇپ قويلىدىغانلىقىنى ئېتىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى . ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى . خەنزۇ ساخچى سوراقنى باشلىۋەتتى . يۇرتۇڭ قەيەر ؟ قەشقەر شەھرى كوناشەھەر ناھىيە ....... يىزا ..... كەنىت ...... گۇرۇپ . ئىسمىڭ ؟...... ئۆيۈڭدە نەچچە ئادەم بار ؟ ..... كىملىكىڭنى نىمىشقا يېنىڭدا ئېلىپ يۈرمۈدۈڭ ؟ كملىكىم بار ، ئەمسە چىقرە كۈرۈپ باقاي؟ مانا كىملىكىم ، ئۇلار سىنى نىمىشقا تۇتۇپ قالدى ؟ مەن بىلمەيمەن . ساخچى تىلفۇننى قولىغا ئالدىدە قەيەرگىدۇر تىلفۇن كونۇپكۇسىنى باستى . ۋەي ...... سەمەن يولى تەكشۈرۈش پۇنكىتىدىن ئېلىپ كىلىنگەن بىر سىمىزرەك ئادەمنى كىم تۇتۇپ قالغان ؟ ........ ..... ، نىمە سەۋەپتىن تۇتۇپ قاپتىكەن .............. كىملىكى باركەنغۇ ؟ ..................... ، ھە.... ئەمسە بۇ ئادەمنى كىم تۇتۇپ قالغان بولسا قېشىمغا كىلىپ ئەھۋالنى ماڭا مەلۇم قىلسۇن ، شۇنداق بولسۇن . تىلفۇننى قويۋىتىپ يەنە 5 مىنۇت ساقلاپ تۇرشۇمنى ئېتىپ يەنە بىرەيلەننى سوراق قىلىشنى باشلىۋەتتى . ھايال ئۆتمەيلا مىنى تۇتۇپ قالغان يەرلىك ساخچى يىتىپ كەلدى . بۇنىڭ ھېلقى ساخچى يولداشقا بەرگەن جاۋابى قىززىق ، بۇنى نىمە سەۋەپتىن تۇتۇپ قالدىڭ ؟ دەپ سوردى خەنزۇ ساخچى ، بۇ ياللانما خادىم ھىجيىپ تۇرۇپ مۇنداق چۈشەندۈردى ؛ ۋو ما ،،، شىڭپىنجى يوۋ مەيوۋ ، تاما ،،، مەيوۋ ، شەنزەيما يوۋ ، ۋوما بۇجىداۋ ، خەنزۇ ساخچىغا جاۋاپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن ، بايامقى ھىجيىپ تۇرغان چىرايىنى بىردىنلا بۇزۇپ ، ھەي !!! بايا شىنپىڭجى بارمۇ دىسەم يوق دەيسەن ، با بولغاندىكىن بەرسەڭ مەن سىنىڭ شىڭپىنجىڭىڭنى يەمتىم ؟مەندە شىڭپىنجى دەپ نەرسە بولمىسا ؟ دىدىم مەن . ھېلىقى خەنزۇ ساخچىنىڭ ئالدىدىكى كىملىكىمنى قولغا ئېلىپ تۇرۇپ ، ئەمسە ماۋۇ شىڭپىنجى بولماي نىمە ؟ بۇنى شىڭپىنجى دەمدۇ ؟ دىدىم مەن . بۇياللانما ساخچى تېخىمۇ ئاچچىقلاپ ، شىنپىڭجى دىسەم قانداق قىلاتتىڭ ؟ مەن سىنى بىرقانداق قىلاي دىدىمدىم ، مەيلى نىمە دىگىڭ كەلسە دەۋە ،لىكىن ئادەم چۈشەنگىدەك سۆزلە بولامدۇ ؟ بۇ چاغدا ساخچى يولداش ئۈستەلنى مۇشلاپ تۇرۇپ ، بۇ سىنىڭ جىدەل قىلدىغان يېرىڭ ئەمەس ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزمە ! دەپ توۋلىغىلى تۇردى . مەنمۇ بولغان ئەھۋاللارنى بىرقۇر چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كىيىن . بۇ ساخچى يولداش ئىككىمىزگە قاراپ مەسخىرلىك بىلەن بىرنى كۈلۋەتكەندىن كىيىن ؛ ھەر ئىككىلىڭلار بىر مىللەت بولغاندىكىن ئۆز تىلىڭلاردا سۆزلەشسەڭلار بولمىدىمۇ ؟ .... مەن بۇ ساخچىنىڭ گىپىگە نىمە دەي . ئامال يوق ھەقىقى ھەۋالنى دىدم . سۇئالنى بۇ سوردى ، دىگەن گىپىنى مەنمۇ چۈشەنمىگەچ بۇنداق نەرسە مەندە يوق دىدىم ، مەنمۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا ماسلىشىپ مۇشۇ يەرگىچە كەلدىم ، دەپ باقە مەن خاتا قىپتىمەنمۇ ؟ ساخچى يولداش بىرتال تاماكا تۇتاشتۇرۋالغاندىن كىيىن ھېىلقى ياللانمىغا ، خەنزۇچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈگۈنۈش ، خەلىق ئاممىسىغا قوپاللىق قىلماسلىق ، خەنزۇ تىلىنى توغرا تەلەپپۇزدا سۆزلەش توغرىسىدا ھاۋالە قىلىپ تەربىيە ئىشلەپ يولغا سالدى .ماڭىمۇ ھەرقايسى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا كەلگەندە ئاكتىپلىق بىلەن ساخچىلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلىششىم كىرەكلىكىنى ئېيتىپ كىملىكىمنى بىرىپ يولغا سالدى . مانا ئىش ئورنۇمغا قايتىپ كەلگىنىمۇ بىر ھەپتە بوپ قاپتۇ ؟ كاللامدا بىر خىل يىشىلمەس سۇئال ، قەشقەر شەھرىدە ،ئاتا -ئانسىنىڭ ئارزۇسى بىلەن خەنزۇ تىلىدا تەربىيلىنىپ ئالى مەكتەپ ھەتتا ئۇنىڭدىمۇ يۇقرى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كىلىپ ، خىزمەت تاپالماي يۈرۋاتقان زىيالىيلىرىمىز ئاز ئەمەس ، ئەجىبا شۇنچىۋلا ئالى مەلۇماتلىق ياشلىرىمىز مۇشۇ ياللانما قىلالىغان خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسمۇ ؟ بۇلار تىنىچلىق ساقلىغۇچىلارمۇ ياكى تىنىشلىقنى بۇزغۇچىلارمۇ ؟ ئېيتىپ بېقىڭلار قېرىنداشلار ، مۇشۇنداق ساپاسىز خادىملار بىلەن قەشقەرنىڭ موقۇملۇقىنى ياخشىلاش مۆمكۈنمۇ ؟ قەشقەر خەلىقى موقۇملۇق ھەم تىنىچلىق ئۈچۈن نىمىلەرگە مۇھتاج ؟ |
|