بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahsat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-29 14:32
شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ۋە ئۇيغۇرچە قىيىنچىلىق
بۈگۈن ئەتىگەن شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيىسى پىرۇگىراممىسدىن مۇنداق خەۋەر ئاڭلىدىم. ئونسۇ ناھىيىسىدىن شوپۇرلىققا بەرگۈچىلەر ئىمتىھان سۇئالىنى ئوقۇيالماي بەك قىينىلىپتۇ. رادىيۇ ئىستانسى مۇخبىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇن مەسئۇللىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، ئۇيغۇرچە تىل-يېزىقتىكى ئىمتىھان سۇئاللىرى ئوڭ تەرەپتىن يېزىلىپ ئوقۇلىدىغان ئۇيغۇر تىلى يېزىق قانۇنىيىتىگە خىلاپ ھالدا سول تەرەپتىن باشلانغان ھالەتتە بولۇپ، ئىمتىھان باشلىنىشتىن ئىلگىرى بىرمۇ ئۇيغۇر خىزمەتچى بۇ سۇئاللارنى كۆرۈپ باقمىغاندەك رىئاللىق ئاشكارىلىنىپ تۇراتتى. تۆنۈگۈن كەچتە يۇرتتىكى-يېزىدىكى تۇققانلار تىلىفۇن قىلىپ، شوپۇرلۇق نەزىرىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشلەتكەن بىر قول كومپىيۇتېر سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما باھاسىنى 2000 يۈەن دېگەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدىن ئەرزانراق ئالغىلى بولامدىغانلىقىنى، شۇ يەردىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىدە نەزىرىيە ئۆگىنىش دېسكىسىنى 100يۈەنگە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى، ئۇ دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى 40 كۈنلا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، بارماق دېسكىغىمۇ كۆچۈرىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىر يىلنىڭ ئالدىدا بىر كومپىيۇتېر سېتىۋېلىپ ئۆگىنىش قىلىپ شوپۇرلۇق نەزىرىيە ئىمتىھانىنى بىرىپ بولغاندىن كىيىن ئىشلىتەلمىگەن بولغاچقا سېتىۋەتكەنلىكىنى، ھازىر يەنە نەزىرىيە ئىمتىھانى بىرىش ئۈچۈن يەنە كومپىيۇتېر لازىم بولىۋاتقانلىقىنى، شوپۇرلۇق مەكتىۋىگە كىرسە ئۆگىنىش قىلىدىغان كومپىيۇتېرغا ئۆچرەت ساقلايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىدىن ناھىيە بازىرىغا كىرىپ چىقىپ، ۋاقىت بىلەن ئىقتىساتتىن ئاۋارىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى دەپ بىرمۇنچە دەرت ئېيتقان ئىدى. تۆنۈگۈن ئۆزەممۇ ئۈرۈمچىدىكى شوپۇرلىققا تىزىملىتىپ قويغىلى يېرىم بولغان مەكتەپكە بېرىپ، (ئۇلار تىلىفۇن قىلغان بىر ئاينىڭ بېرىسىدىن قايتا تەييارلانغان ئۇيغۇرچە دېسكىنى ئالغىلى بېرىشقا ۋاقتىم چىقمىغان ئىدى، چۈنكى 1-ئاينىڭ بېشىدا ئىمتىھان بىرىشكە تەييارلىنىپ تۇرسام، سۇئال ئۆزگىرىش سەۋەبلىك كەينىگە سۈرۈلگەن ئىدى) 20 يۈەنلىك يېڭى دېسكا ئېلىش جەريانىدا مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكىمىزنىڭ مۇشۇ توغرىلىق پاراڭلىرىغا داخىل بولۇپ قالغان ئىدىم. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئىلگىرىكى شوپۇرلۇق ئۆگىنىش كىتاپ، دېسكىلىرىنىڭ ئىچىدە تەرجىمە ۋە سۇئال-جاۋاب خاتالىقى ساقلانغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ ئۆزگەرتىلگەن شوپۇرلۇق ئىمتىھانى نەزىرىيىۋى بىلىملىرىنىڭ خەنزۇچىسى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئشلىتىلىشكە باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېسكىسىنى شوپۇرلۇق ئۆگەنگۈچىلەرگە يەتكۈزۈپ بىرىش ئايلاپ كېچىكىپ كېتىپتۇ. ئالدىرىغانلارنى خەنزۇچە بىرڭلار ئەمىسە دىمەي ئامال بولماپتۇ. بۇ ئىشنى خەنزۇلارنىڭ بىر كومپىيۇتېر شىركىتى مەسئۇل بولۇپ قىلىۋېتىپتۇ.ئەمما، بۇ ماتىرىيالنى ئۇيغۇرچە قولايلىق ھەم تېز تەمىنلەشكە بىرەرمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر شىركەتلىرى چىقماپتۇ، ياكى خەنزۇچىدەك ئۇيغۇرچىنىمۇ تورغا چىقىرىۋېتىشنى بىرەرسى پىلانلاپ مەسئۇل بولماپتۇ. ئىرپان، مۇئەللىم، ئۇيغۇرسوفت دېگەندەك ئۇيغۇر كومپىيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ مۇشۇنداق پايدىلىق بازاردىن چەتتە قالغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىكەن. نۆۋەتتە، كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئىنتېرنىت تورىدىن ھەرقانداق لازىملىق نەرسىنى تاپقىلى بولىدىغان ئەھۋالدا، جۇڭگودا شوپۇرلۇق ئۆگىنىش سۇئال-جاۋابلىرىنى توردىن خەنزۇچە ھالەتتە تاپقىلى بولغان بىلەن، ئەمما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ ئۆگىنىش سۇئال-جاۋابلىرىنى ئىنتېرنىت تورىدىن ئۇيغۇرچە ھەلەتتە تاپقىلى بولماي ھەم بىرلا كومپىيۇتېرغا ۋاقىتلىق قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان شوپۇرلۇق ئۆگىنىش دېسكىسىنى يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولماسلىقى (مەسىلەن: يېزىلاردىكى ھەم ئۆيىدە كومپىيۇتېر يوقلار، شوپۇرلۇق مەكتىۋىگە ئىش ۋاقتىدا بىېرىشقا ۋاقتى بولمىغانلار، تورخانىلارغا ئەكىرىپ ئۆگىنىش قىلاي دىسە ساقلاش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلار، شۇنداقلا تورخانىدا بىرلا قېتىمدا ئۆگىنىپ بولالىشى ناتايىن ھەم دائىم بىرلا كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىمەن دىيىش مۇمكىن بولمايدۇ.) دەۋرىمىزدىكى كومپىيۇتېر ھەم ئىنتېرنىت تورى تەرەققىياتىنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرچە قىيىنچىلىق بولماي نېمە! بۇنىڭدىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مۇلازىمەت فونكىتسىيەسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.قالدى گەپلەرنى ئەمدى تورداش دوستلار ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقسۇن. |