- تىزىملاتقان
- 2013-3-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 348
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
74%
|
تېرورلۇقنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، دۆلەت بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ئانچە مۇنچە خەلقنىڭ تەلەپ ۋە ئىلتىماسلىرىنى قوبۇل قىلىپ دەردىنى ئاڭلىغان بولسا، خەلقنىڭ ئۆرۈپ - ئادەت، دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنسا، ساقال قويغان، باش ياغلىق ئارتقانلار توسقۇنلۇققا، ھاقارەتكە ئۇچىرىمىسا، بىر ئاز ئەركىنلىك بېرىلسا بۇنداق ۋەقەلەر بەلكىم يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن.
تېررورلۇقنىڭ ئۇقۇمى نەچچە خىل بولىدۇ، بەزى كىشىلەر ۋە دۆلەتلەر تېرورچى دېگەن كىشىلەر بەزى خەلق ۋە دۆلەتلەر تەرىپىدىن قەھرىمان دەپ ئاتىلىدۇ، بەزى دۆلەتلەردە تېرورلۇقتا ئۆلگەنلەرنى قەھرىمانلار دەپ ماختىسا بەزى دۆلەتلەردە ئۇنداقلار ۋەتەن خائىنى دەپ ئاتايدۇ، مىسال قىلىدىغان بولساق، ئەينى زاماندا، يولداش ماۋزېدۇڭ، ھاكىمىيەت مىلتىقنىڭ ئۇچىدا دېگەن ۋە پارتىزانلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ يېڭى ھاكىمىيەت تىكلىگەن، يەنى خەلقنى ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغاپ قۇراللىق ھەرىكەت قىلغان، ماۋزېدۇڭنى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى تېرورچىلار، زوراۋانچىلار دەپ ئاتىغان بولسىمۇ ماۋزېدۇڭ پەرۋا قىلماي ھەرىكەتنى داۋام قىلغان. دېمەك قەھرىمان بىلەن تېرورچىنى ئايرىشتا ئۇلارنىڭ قىلغان توغرا ياكى خاتا ئىش ئىزلىرىنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، قېرىنداشلارغا تەۋسىيەم، ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمايلى... بىر جان بىر دۇنيادىن ئەلا ئەمما ئۇ قانداق جان ئۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى. |
|