- تىزىملاتقان
- 2013-4-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 118
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
59%
|
پەرزەنت ئاتا-ئانىنىڭ كۆز قارچۇقى ھەمدە يۈرەك پارىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاتا- ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ساغلام، تىمەن چوڭ بولۇشىنى تىلەيدۇ. پەرزەنت ئاتا- ئانىنىڭ ئوڭ-سول قانىتى بولۇپلا قالماستىن ئاتا-ئانىنى بەخىتكە چۆمدۈرىدۇ. كونىلىرىمىز ئىيتىدۇكى « بالىلىق ئۆز بازار بالىسىز ئۆز مازار » دەر ھەقىقەت پەرزەنت ئۆينىڭ چىرىغى. لىكىن ھازىر بۇ چىراغلار ھەممە يەردە ئۆچۈشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئەتىراپىمىزنى زەھەرلىك ۋىروسلار قاپلىغاندەك قاپلىغان بەزى يىمەكلىكلەر بىزنى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى چىرمىۋىلىپ ئۇلارغا ئۆز نەشتىرىنى سانجىماقتا. بىز بۇنى بىلىشىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ، ئائىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك! ئۇنداقتا بىز زادى نىمىش قىلىشىمىز كېرەك!؟
ئەخلەت يىمەكلىكلەر نۆۋەتتە بىزنىڭ تۇمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرمەكتە بولۇپمۇ ئەۋلادلىرىمىز ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يىتىلىشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىماقتا.
ئىسلاھات ئىشىكنى سىرىتقا ئىچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلىمىزنىڭ سانائەت تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ تەييار يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىنىڭ تەقەززاسى سۈپتىدە ئۇچقاندەك راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىرىپ، ھەر خىل ھەر تۈرلۈك تەييار يىمەكلىكلەر بارلىققا كەلدى ۋە كىشىلەرنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئىرىشتى. ھارىز ھەر شەھەر ھەر مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قورساق تويغۇزىدىغان يىمەكلىكىگە ئايلاندى. ئوقۇغۇچىلار بەس- بەستە سىتىۋىلىپ ئىچىۋاتقان قوسقىنى جۆندىمەكتە. تەييار چۆپ ، ئاچچىق يىمەكلىكلەر،لازىنان قاتارلىق ئوقۇغۇچى بالىلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىكىگە ئايلاندى. بۇ تۈردىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت يىمەكلىك تۈرىگە كىرىدۇ. ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبى تەبىي ماتىرياللاردىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. بۇ خىل يىمەكلىكلەردە ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، شۇنداقتىمۇ ئۇنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بەدەننىڭ قوبۇل قىلىشى ئاستا بولىدۇ، تەستە ھەزىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ھەزىم ناچارلىق كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ.
بولۇپمۇ ياش ئۆسمۇرلەر ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە ئۆگىنىپ قالسا، ئەقىل جەھەتتىن چىكىنىپ، ئۆسۈپ يىتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ تىپىك ئىپادىسى ئۆيدە تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئىشتىھاسى چورتلا تۇتۇلغان بولىدۇ، لىكىن سىرىقئاش، تەييار چۆپ، ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىكلەر، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆرسە ئىشىھاسى ئېچىلىپ، ئاغزىغان سىرىقسۇ كېلىدۇ. قورسىقى توق بولغان ھالەتتىمۇ مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. مانا بۇ بالىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنىڭ، ئەقلى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ناھايىتى كۆپ چىكىنىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى ئەخلەت يىمەكلىكلەر قوينىدىن قۇتقۇزۇۋىلىش ناھايىتى مۇھىم، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگۈشىپ كىتىشى مۇمكىن.
بىز ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىنى كۆرسىتىپ بىرىش ئۈچۈن تەييار چۆپنى مىسال قىلىش سۆزلەريمىز. چۈنكى تەييار چۆپ ھازىر نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تامىقى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار 2 سائەتلىك دەرىستىن يىنىپ دەم ئېلىش ۋاقتىدا كىچىك دۇكانلاردىن تەييار چۆپ سىتىۋىلىپ قورسىقىنى شۇ ئارقىلىق تويغۇزىۋاتىدۇ چۈشتە بولسە ئۆيلىرىدە تاماق يىمەيدىغان ئاشۇرۇپ قويدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ ئۇچىرايدۇ. بۇ تەييار چۆپ تەسىر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان ئەخلەت يىمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
تەييار چۆپ زامانىمىزدا خىمىرنى ماشىنىدا يۇغۇرۇپ، ئارقىدىن بۇنى تالا ماشىنىسىدا كىسىپ ئىنچىكە قىلىپ 700~800 گرادۇس ياغدا قاينىتىپ، ئاقسىلنى قاتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى قويمايدۇ، ئاندىن بۇنى تەييار چۆپ قىلىپ ئوراپ قاچىلايدۇ. بۇنى يىگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئادەمدە تويۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، خۇرچىدا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىغا خىل كېلىدىغان خۇرۇچ قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئاساسەن ئادەمنى تويغۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما ئوزۇقلۇق تەركىبى ئويلىشىلمىغان، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئالدىراشلىقتا ئىشلىگەن ئادەملەرگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئىشلەنگەن يىمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.ھازىر ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا داۋاملىق كۈندە يەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ.
تەييار چۆپنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئاشقازان ئاستا بىزى ياللۇغى، ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى بولۇش، قان ئازلاپ كىتىش، تىرىدە يەلتاشما پەيدا بولۇش، تىرىدە نۇر قاچىدىغان بولۇش، بۆرىكى ئاجىزلاش، مىڭىسى ئاجىزلاش ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىدۇ. چۈنكى تەييار چۆپ يۇقىرى گرادۇستا پىشۇرۇلغاچقا ئوزۇقلۇق ئاساسەن قالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل مىتال ئۈسكۈنلەردە ئىشلەپچىقرىلغاچقا، بۇنىڭغا خېنول قوشۇلۇپ كېتىدۇ. تەييار چۆپ يىيىش بەدەنگە زىيان قىلىپلا قالماستىن، پىخسىكىسىدىمۇ ئەمگەك قىلماي ئاسان قولغا كەلتۈرۈشتىن، پىخسىكىسىدىمۇ ئەمگەك قىلماي ئاسان قولغا كەلتۈرۈش دىگەندەك ناچار پىخسىكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
بالىلارنىڭ يەنە بىر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىكى بولسا ئاچچىق يىمەكلىكتۇر. بۇ يىمەكلىكنى ئاشۇ سەبىي بالىلار بىلمەي يەۋاتىدۇ. بۇ يىمەكلىكنى داۋاملىق تۈردە يىگەندە ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ، كۆرۈش قۇۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ، ئاشقازان ياللۇغى ،ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل يىمەكلىكنى يىمەسلىكىمىز كېرەك.ئاشۇ ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى قانداق ئۇسۇلدا ياسايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بىقىڭلار
بۇ رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلىڭىز ئېلىشقاندۇ . ئەمدى ئۆز پەرزەنتىڭىزگە تەربىيە قىلىڭ ھەم باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ.
ئاتا ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈن بۇ خىل توسالغۇلارغا ئازىراقتىن كۈچ چىقىرىپ بۇ ئەخلەت يىمەكلىكنى توسۇلى.
|
-
1
-
2
|