قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3211|ئىنكاس: 36

بىز ئۆزىمىز توغرىسدا پەقەت ئويلانمامدۇق!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18156
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھۆكۈما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-1 14:21  

بىز ئۆزىمىز توغرىسدا پەقەت ئويلانمامدۇق!بىز بەكلا ئالىي جاناپ بوپكەتۇقمۇ باشقىلارنىلا ئويلايدىغان؟ ياكى  بىزنىڭ يامان ئىللەتلىرىمىز يۇركىمىزنى قاردىتىپ    ئويلىيالماس قىلۋەتكەنمۇ  ياكى بولمىسا نادان بولغانلىقتىن  ئۆزىمىزنىڭ يامان ئەھۋالدا تۇرۋاتقانلىقىمىزدىن خىرىس تۇيغۇسىدا بولغۇدەك  ئەقىل ئىلىم يوقمۇ؟!! مېنىڭچە بىزدە يامان ئىللەتمۇ ؟ئىلىم-ئەقلسىزلىقمۇ بار.. بولۇپمۇ ئىلىم ـ ئەقلسىزلىقچۈنكى ئىلىم ئەقىلنىڭ يولباشچىسى ،بۇ ئىككىسى ئارىسىدا بىر-بىرسىنى ئىلگىرى سۇرۇش چەكلەش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت؛ ئەگەر ئەقىل ئىلىمدىن ، ئىلىم ئەقىلدىن ئايرىلسا ئازغۇنلۇقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بارچە ئازغۇنلۇق دوۋزاختۇر.

بۇيەردە سۆز مەن ئۆزۇمنى مەركەز قىلىشى كېرەك ئەلۋەتتە! شۇنىڭ ئۇچۇن ھەربىر مەن ئۆزى ئۈستىدە سوغۇق قانىلىق بىلەن سەممىي ھالدا ، يۇرىكىگە قولىنى تىقىپ تۇرۇپ ئويلىنىشى شەرت.

مەن كىم ؟ نەدىن كەلدىم؟ نىمە سەۋەپتىن يارتىلدىم؟ پەيدا بولدۇم؟ نەگە بارىمەن؟ مىنىڭ ئەسىلىي ماھىتىم نىمە؟ مەن نىمىگە ئەڭ مۇھتاج؟... دېگەندەك سۇئاللارنى ئۆزىگە قويىشى كېرەك!

ئاللاھ قۇرئاننى كەرىمدە:«بىز ئىنساننى شەك-شۇبھسىز ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ يارتتىم»

يەنە مۇنداق دەيدۇ:«بىزنىڭ يولىمىزدا تىرشچانلىق كۆرسەتكەنلەرنى  بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ يولىغا باشلاپ قويىمىز» يەنە مۇنداق دەيدۇ::«ئىنسان پەقەت ئۆز تىرشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.»

،«كىمكى پەرۋەردىگارغا مۇلاقەت بولشنى ئۈمىد قىلدىكەن (ساۋاپنى ئۈمىد قىلىپ ئازاپتىن قورقىدىكەن) ياخشى ئەمەل قىلسۇن.»مانا بۇ ئايەتلەر ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىشقا، ئۆزىمىزنى تۇنۇشقا مەلۇم يىتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.

مەلۇم بىر سالىھ شۇنداق دېگەن : ئاللاھتىن قورقۇش ھەم قايتۇردىغان ھەم بۇيرۇيدىغان قامچىدۇر،ياخشىغا بۇيرۇيدۇ، ياماندىن قايتۇرۇدۇ.

1.قورقۇش

.ئاللاھ قۇرئاننى كەرىمدە «مەندىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ ».«ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلا مەندىنلا قورقۇڭلار»


ساھبىلار:- ئىي ئاللاھنىڭ رەسۇلى  ئالىم دەپ قانداق كىشىنى دەيمىز؟دەپ سورىغاندا .. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم :- ئالىم دېگەن بىلگىنىگە ئەمەل قىلغان كىشى دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.(1)يەنە بىر ھەدىستە«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغىنىڭلار ئەڭ ئەقىللىقىڭلاردۇر» ئالىم دەل ئىلىم ئىگىسىدۇرۋە ئەقلىق كىشىدۇر.بۇ دەلىللەر شۇنداق بىر نوقتىنى بىزگە تەكىتلەيدۇ،ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتىن قورقۇش؛ ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئاللاھتىن ھەقىقىي مەنىدە قورقۇپ ئەقىلىق ئالىم بولغىلى بولىدۇ؟1-قورقۇش ئۇچۇن چۇشىنىش،تۇنۇش كېرەك!بۇنىڭغا ئىلىم ،تەپەككۇر .ئۇيلىنىش لازىم . جىنلار قۇرئاننى ئاڭلاپ تەپەككۇر قىلىپ، ئويلىنىپ شۇنداق دىگەنلكى قۇرئاندا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ :«بىز ھەقىقەتەن توغرا يول كۆرسەتكۇچى ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلىدۇق ۋە ئىمان ئېيتۇق »ئەمليەتتە ھەرقانداق ئىلىمنىڭ مەقسىتى ئىنسانغا مەڭگۈلۇك بەخىت-سائادەت ئېلىپ كىلىش ۋە يىتەكلەشتۇر! شۇ مەندىن ئېيتقاندا قۇرئان شەككسىز ئىلىمدۇر؛ئەمدى بىز  بۇ ئىلمنىڭ ئىنساننى قانداق تەپەككۇرغا ،  ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغانلىقىغا بىر نەزەر سالايلى....


1)تەپەككۇر ، ئويلىنىش

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم :« تەپەككۇردەك ئىبادەت يوق، ھايا ۋە سەۋىردەك ئىمان يوق»


ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

اﷲ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار.


پىكىر قىلمامسىلەر؟سۈرە ساففات، 155 ـ ئايەت


ھەرقانداق كىشى پەقەت اﷲ نىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (اﷲ نىڭ ئايەتلىىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى اﷲ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ سۈرە يۇنۇس، 100 ـ ئايەت«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ سىلەرگە، كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ بەردى، ئاراڭلاردا مېھىر – شەپقەت ئورناتتى. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[2].

پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۇردى[تاغلارغا،دەل-دەرەخلەرگە،ۋە(كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۇچۇن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا سالغىن. ئاندىن كىيىن تۇرلۇك مىۋىلەر(يەنى گۈۈل-چىچەكلەر)يىىگىن،پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن،] ئۇنىڭ(يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ)قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بۇلىدىغان خىلمۇ-خىل ئىچىملىك(يەنى ھەسەل)چىقىدۇ.بۇنىڭدا(ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلىقىنى) پىكىرقىلىدىغان قەۋم ئۇچۇن ئىبرەت بار. (سۈرە نەھىل 68ۋە69ئايەتلەر)

مانا بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن  شۇنداق ئۇلۇغ ھەقىقەتنى بىلۋالغىلى بولىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئويلىنىش ئىنساننى يۇكسەكلككە كۆتۇرگىچى شوتا ئىكەنلىكىنى،تەپەككۇر قىلغاندا ،ئويلانغاندىلا  ئاندىن ئاللاھتىن قورقۇپ ، ئاللاھقا يېقىن كىشى ئالىم سانالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۈچلۈك ھىس قىلغىلى بولىدۇ.

    بىز بۇيەردە يەنە شۇنداق مەزمۇننى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچى  ئۇ بولسىمۇ -ئۆلۇم ،ئۆلۇمنى ئۇنتۇش -ئىنساننى تەپەككۇردىن،ئۆزى ئۇستىدە ئويلىنىشتىن

توساۋاتقان مۇھىىم ئامىل .

ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ:«ئەڭ ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگەتكۇچى-ئۆلۇم»

ئاللاھتاللاھ قۇرئاندا:«

اللاھتاللاھ قۇرئاندا:ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز).


ئېيتقىنكى «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق قاچقاندىمۇ سىلەر (دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولالايسىلەر».


«ئى مۇھەممەد!) «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ ئاندىن سىلەر غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ا) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر اﷲ  سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن   قەيەردە بولماڭلار (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە «بۇ ادىن بولدى» دەيدۇ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىسە «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن بولدى)» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى اﷲ  تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى اﷲ  ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ انىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ.  


ئى مۇئمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى دېگەن كافىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار اﷲ  بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. اﷲ  تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالمايدۇ). اﷲ  قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ كىمكى دەۋزەختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ).


قەيەردە بولماڭلار (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە «بۇ ادىن بولدى» دەيدۇ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىسە«بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن بولدى)» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى اﷲ  تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى اﷲ  ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ انىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ.



ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا اﷲ  ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (انىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.


ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دەۋزەخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ.


بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيىش كۇففارلىرىدىن)ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق ئۇلار (يەنى شۇ ئۈممەتلەر) ھەر قايسى جايلارنى كەزدى (ئۇلارغا) ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ  ؟


بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بېرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق) سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز.


ئۇلار مۇئمىنلەرنى: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ مۇئمىنلەر: «شۇنداق لېكىن سىلەر ئۆزەڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار (يەنى كۆرۈنۈشتە بىز بىلەن بىللە بولساڭلارمۇ لېكىن ئۆزەڭلارنى مۇناپىقلىق بىلەن ھالاك قىلدىڭلار مۇئمىنلەرگە بالايى ئاپەت كېلىشنى) كۈتتۈڭلار (ئىسلام دىنىدىن) شەكلەندىڭلار (انىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىگە بولغان قۇرۇق) ئارزۇلار سىلەرنى ئالدېدى تاكى سىلەرگە ئۆلۈم كەلدى شەيتان سىلەرنى انىڭ (ئەپۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئازاب قىلمايدىغانلىقى) بىلەن ئالدېدى» دەيدۇ .


(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس پەقەت ئۈزەڭلارنىلا انىڭ دوستلىرى دەپ داۋا قىلىدىغان بولساڭلار (ئاخىرەتنىڭ راھىتىگە تىزرەك يېتىش ئۈچۈن) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار ئەگەر (بۇ داۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار».


ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ اﷲ  زالىملارنى بىلگۈچىدۇر.


(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ ئاندىن سىلەر غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ا) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر اﷲ  سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن .


بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مىنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن ئۆزەڭلارغا رىزق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار .


سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن اﷲ  ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى اﷲ  غالىبتۇر (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.


(ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى«ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر اﷲ  (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغان (مۇئمىنلەرنى) ھالاك قىلىدىغان بولسا ياكى (بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى تەخىر قىلىپ) بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا (سىلەرگە نېمە پايدا بار) كافىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ ».دەر ۋەقە ئۆلۇم ئەڭ بۇيۇك نەسھەتتۇر ۋە ئىبرەتتۇر.بىز ئويلىنىشىمىز كېرەك !بىز مازرالارنى ئاۋاتلاشتۇرغۇچىمۇ؟ياكى دۇنيا بازارلىرىنىمۇ؟

2. يامان ئىللەت.«پەرۋەر دىگاىنىڭ ئالدىدا(سوراققا تارتىشتىن) قورقىدىغان،ئۆز نەپسى خاشىغا بېرىلىشتىن(يەنى ھارام قىلنغان نەرسىدىن،يامان ئىللەتتىن) چەكلەنگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ»،« چۇقۇمكى شەيتان سىلەرگە دۈشمەندۇر،سىلەر ئۇنى دۈشمەن كۆرۈڭلار.»« ئاللاھ ھەربىر شەيئىگە ئۆلچەم بىكتكەندۇر»بۇ ئايەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ئۇ بولسمۇ
يامان ئىللەتنىڭ ئۆزى ئەممليەتتە قوقماسلىقتىن ، يەنە شۇ ئىلىمسىزلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئاخىردا

«(ئى مۇھەممەد ئۇممىتى) سىلەرئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ،يامانلىقتىن تۇسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇممەتسىلەر»(سۈرە ئالئىمران 110.ئايەتنىڭ بىر قسىمى) دېگەندەك ئۇممەت بولشىنى ئاللاھتىن

تۇۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز !

خۇلاسە

ئاللاھنىڭ رەسۇللى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:ئاللاھنىڭ بەندىسى بولىدىغان كىشى مەيلى ئاسماندا ياكى زىمىندا بولمىسۇن،سېخى بولماي تۇرۇپ مۆئمىن بولمايدۇ.

مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپ سېخى بولمايدۇ.

باشقىلار ئۇنىڭ قولىدىن ۋە تىلىدىن ئازار يىگەن تۇرۇپ، ئۇ مۇسۇلمان بولمايدۇ.

ئالىم بولماي تۇرۇپ ، مۇسۇلمان بولمايدۇ.

ئەمەل قىلماي تۇرۇپ ،ئالىم بولمايدۇ.

تەقۋا بولماي تۇرۇپ ئىلمىگە ئەمەل قىلالمايدۇ.

ئاللاھتىن بەك قورقماي تۇرۇپ  تەقۋا بولغىلى بولمايدۇ.

كەمتەر بولماي تۇرۇپت تۇرۇپ تەقۋا بولغىلى بولمايدۇ.

ئۆزىنى تۇنۇماي تۇرۇپ كەمتەر بولغىلى بولمايدۇ.

مەنبە :قۇرئان ھەدىس
ھۆكۈما يازمىسى2013.5.1

0

تېما

0

دوست

290

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18086
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىللىق بۇلايلى دىسەك قۇرئان ئۈگۈنەيلى ، ناتىق سۆزمەن  بۇلايلى دىسەك قۇرئان ئۈگۈنەيلى .
قۇرئان ئاللارنىڭ سۆزىدۇر ،قۇرئان تەقۋالارغا يىتەكچىدۇر .
ياخىشى مۇسۇلمان بۇلۇپ جەننەت ئەھلىدىن بۇلايلى. دىنىمىزغا يات گەپ سۆز ھەركەتتىن ۋاز كېچەيلى
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

306

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18008
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق ادەم ۋەز نەسىھەتكە تويۇپ كەتتى، سەۋەبى شۇكى،  تولا ادەم شەيتانغا داۋاملىق ھەۋەسلىنىدۇ.
پەرۋاز

4

تېما

1

دوست

708

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11334
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ناھايتى ئىسىل تېما يوللاپسىز

0

تېما

0

دوست

138

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18220
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  گۇنالىرمىزدىن  مەغفىرەت قىلسۇن...

0

تېما

0

دوست

808

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16511
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويۇڭلار
213.jpg
1245.jpg
5445.jpg
12145.jpg
4568587.jpg
pso.jpg
rasim.jpg

باھا سۆز

ataata  رەھمەت !  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

3

دوست

6975

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   39.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1968
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

438

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17226
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەببىم     ئاللاھ    ھەممىنى     بىلگۈچىدۇر.

4

تېما

1

دوست

1522

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

0

تېما

0

دوست

808

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16511
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا كورۇپ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-4 15:09 , Processed in 0.062005 second(s), 8 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش