- تىزىملاتقان
- 2013-4-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 286
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
43%
|
اللە تەئالا ئىلىم ئەھلىلىرىگە كىشىلەرگە ھىدايەت يوللىرىنى كۆرسەتسۇن ھەم ئۆزى باشلامچى بولسۇن دەپ ۋەزىپە يۈكلىگەن.اللە بەرگەن ھىدايەت ۋە ئىلىمنىڭ قەدرىگە يەتمەي دۇنياغا دۈم چۈشۈپ ھاۋايى-ھەۋەسكە بىرىلىپ كەتكەن ئالىمنى لالما ئىتقا ئوخشىتىپ مۇنداق دىگەن« ئۇلارغا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى بىز ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق.(يەنى ئىلىم-مەرىپەت ئاتا قىلدۇق) ئاندىن ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتتى،شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئۇنى ئەگەشتۈرۈۋالدى،ئاندىن ئۇ گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى.ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار) دەرىجىسىگە كۆتۈرەتتۇق..لىكىن ئۇ دۇنياغا بىرىلىپ كەتتى..نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى،ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى ئۇنى قوغلىساڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ،قوغلىمىساڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ...(سۈرە ئەئراف 176-ئايەت)
دىمەك ئەرزىمەس،پۈچەك مال-دۇنياغا دۈم چۈشۈپ ،ھاۋايى-ھەۋەسكە قۇل بولۇپ اللە بەرگەن ھىدايەت ۋە ئىلىم –مەرىپەتنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمەي چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ئالىم لالما ئىتقا ئوخشايدۇ.. بىر پارچە سۆڭەك،بىر داس يۇندىنى دەپ بىر ئۆمۈر باشقىلارغا قۇل بولۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى يالاپ،جۇۋىسىدا تەرلىنىپ ئۆزىنىڭ ئەقىدە-ئىتىقادىنى،قەدىر-قىممىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ..ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلساڭمۇ بەرىبىر،چۈنكى ئۇ ئۆزىنى كاتتا داموللام چاغلايدۇ،، داموللام بولغاندىكىن ئۆزىنى سورار دەپ كارىڭ بولمىسىمۇ نەتىجە يەنىلا ئوخشاش..ھىچقانداق پەرقى يوق.. ھېلىقى ئىتنى قوغلىساڭمۇ ھەسىرەيدۇ،قوغلىمىساڭمۇ ھەسىرەيدۇ دىگىنى شۇ..مانا بۇ- اللەنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن بۇ دۇنيالىق جازاسى..ئەمما ئۇ بۇنى ھىس قىلالىشى ناتايىن.. كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەرنىڭ قارىشىچە يۇقارقى ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغىنى يەھۇدىلار ئىچىدىكى بەلئەم داموللام دىگەن ئادەم بولۇپ اللەتەئالا بۇ ئادەمگە نۇرغۇن ئىلىم بەرگەن..بەلكىم 7-8 خىل تىلمۇ بىلسە كىرەك..لىكىن بۇ ئادەم ئۆزىگە بىرىلگەن ئىلىم ۋە ھىدايەتنىڭ قەدرىگە يەتمەي پۈچەك مال-دۇنياغا دۈم چۈشكەن.ھاۋايى-ھەۋەسكە بىرىلىپ ئۈگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلمىغان..ئاقىۋەت ئاشۇنداق لالما ئىتقا ئايلىنىپ كەتكەن..ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭ يولىدا ماڭسا گەرچە ئۇ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامدەك ئۇچار قۇشلارنىڭ تىللىرىدىن تارتىپ بىلگەن تەقدىردىمۇ ئەنە شۇنداق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن اللە تەئالا بىزگە بۇ قىسسىنى ئالاھىدە سۆزلەپ بەرگەن..شۇڭا ھەر بىر ئىلىم ئەھلى اللەتەئالا ئۆزىگە بەرگەن ئىلىم ۋە ھىدايەتنىڭ قەدرىگە يىتىپ باشقىلارغا تەقۋالىقتا ئۈلگە بولۇشى ،ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئىتىقادىدىن ۋاز كەچمەسلىكى ،ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دىنىنى ھاقارەت ۋە دەپسەندە قىلماسلىقى،ھەرگىزمۇ مال-دۇنيانىڭ بەدىلىگە شەرىئەتنى قايرىپ قويۇپ بايلارنىڭ تاپىنىنى يالاپ، چاپىنىنى كۆتۈرۈپ ياشايدىغان لالما ئىتقا ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم..
ئەي ئىگەم يوقتۇر سىنىڭدەك سەلتەنەتلىك پادىشاھ ،
يوق پەقەت سىنىڭ قولۇڭدىن ئۆزگە ئۈستۈن قول-بىلەك.
سەن يىتەكلىگەن كىشىنى ئازدۇرالماس ھىچكىشى،
قالدۇرۇپ قويساڭ بىراۋنى يوق كىشى ماڭدۇرغىدەك..
|
|